|
شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى:
▲يەر شارى ئاي شارىدىن ئايرىلسىمۇ يەر شارىدا ھاياتلىق شەكىللىنىدۇ.
يېڭى تىپتىكى كومپيوتېرنىڭ تەھلىل قىلىش نەتىجىسىدىن كۆرسىتىلىشچە، ئاي شارى بولمىسا، يەر شارىنىڭ ئوربېتا يانتۇلۇق بۇلۇڭىدا كۆرۈنەرلىك ئۆزگۈرۈش بولىدىكەن، لېكىن يۇپتېر ۋە باشقا ئېلېمىنتلارنىڭ تەسىرىدە بۇ ئۆزگۈرۈش پىلۇس-مىنۇس ئون گرادۇس ئىچىدە كونترول قىلىنىدىكەن، بۇ ھاياتلىقنىڭ شەكىللىنىشىگە تەسىر يەتكۈزمەيدىكەن.
▲ ئىنسانلار قويۇپ بەرگەن كاربون تۆت ئوكسىدىنىڭ مىقتارى يانار تاغدىن ئېشىپ كەتتى.
ئامېرىكا گېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجسىدە كۆرسىتىلىشچە، ئىككى كۈندىن بەش كۈنگىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە تۇرخۇن، گاز چىقىرىش تۇرۇبىسى ۋە ئىنسانلارنىڭ باشقا پائالىيىتىدىن قويۇپ بېرىلگەن كاربون تۆت ئوكسىد يانار تاغنىڭ بىر يىلدا قويۇپ بەرگەن پارنىك گازىغا تەڭ كېلىدىكەن. يەر شارىدىكى بارلىق يانار تاغلار ھەر يىلى ئاتموسفېراغا 130 مىليوندىن 440 مىليون توننىغىچە كاربون تۆت ئوكسىد قويۇپ بېرىدىكەن.
▲ئېلېكتر چاپلىمىسى ساغلاملىق ئەھۋالىنى نازارەت قىلالايدىكەن.
ئامېرىكا ئىللىنوئىس ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقاتچىلىرى يېقىندا بەدەنگە چاپلىشىۋالىدىغان ئىنايىن نېپىز ئېلېكتر ئەسۋابىنى كەشپ قىلغان، بۇ ئەسۋابنىڭ ئىشلىتىلىشى ئاددىي، قولايلىق، بەدەنگە چاپلاش ئاسان، سۇدىن ساقلىنىشچانلىقى يۇقىرى بولۇپ، يۈرەك ۋە چوڭ مېڭىنىڭ ھەرىكىتىنى كۈزىتەلەيدىكەن. بۇ ئەسۋاب ھازىر ئىشلىتىلىۋاتقان قوپال ۋە مۇرەككەپ تەكشۈرۈش ئۇسۇلىنىڭ ئورنىنى ئالىدىكەن.
▲ھەرىكەتنىڭ چوڭ مېڭىنى ياشارتىشىنىڭ سىرى.
ياپونىيە ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى ئۇنىۋېرسال تەتقىقات مەركىزى يېقىندا ئاخپارات ئېلان قىلىپ، ھەرىكەتنىڭ مېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ « ۋېنىت 3 » تىپتىكى ئاقسىلنىڭ بىرىكىشىگە تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى، بۇنداق ئاقسىل دەل چوڭ مېڭىنى ياشارتىش رولىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
|