|
ئەپۇ قىلىش بىر خىل پاك پەزىلەت. چۈنكى، ئىلگىرى سىزگە زىيان يەتكۈزگەن كىشىلەرنى ئەپۇ قىلسىڭىز، كۆڭلىڭىز ئارام تېپىپ قالغاندەك بولىدۇ. ئەگەر سىز نۇرغۇن يىللار ئىلگىرىكى ئەرزىمەس ئىشلار سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان خاتىرجەمسىزلىكلەرنى تېخىچە ئۇنتۇمىغان بولسىڭىز، كۆڭۈل ئازادىلىكى ھېس قىلالمايسىز. بۇنىڭدىن سىرت، ئالىملار تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، باشقىلارنى ئەپۇ قىلىشنىڭ كىشىگە خۇشاللىق ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.
ئامىرىكا مىچىگان شىتاتلىق ئۇنىۋېرسىتىت بىر تۈرلۈك پائالىيەتشۇناسلىق تەتقىقاتى ئېلىپ بارغان. ئۇلار، كىشىلەر ئۆزلىرىگە زىيان يەتكۈزگەن كىشىدىن ئۆچ ئېلىش غەرىزىدە بولغاندا قان بېسىمنىڭ كۆرۈنەرلىك يۇقىرىلايدىغانلىقىنى، ئەكسىچە ئەپۇ قىلىشنى ئويلىغاندا، قان بېسىمنىڭ كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدىغانلىقىنى بايقىدى. سىتانفورد ئۇنۋېرسىتىتى «باشقىلارنى ئەپۇ قىلىش» تۈرى تەتقىقاتى گۇرۇپپىسىدىكىلەر باشقىلارنى ئەپۇ قىلغان كىشىلەردە، باشقىلارنى ئەپۇ قىلىش ئارزۇسىدا بولمىغان كىشىلەرگە قارىغاندا غەزەبلىنىش ۋە بېسىم ھېس قىلىش ئالامەتلىرىنىڭ ئىنتايىن ئاز بولىدىغانلىقىنى بايقىدى.
ئەگەر، ئەپۇ قىلىش سىز ئۈچۈن قىيىن بىر ئىش بولسا، تۆۋەندىكى تۆت قەدەم سىزگە باشقىلارنى ئەپۇ قىلىشنى ئۆگىتىدۇ.
1. باشقىلارنىڭ سىزدىن كەچۈرۈم سورىشىنى كۈتۈپ تۇرماڭ.
«ئادەتتە بىز دائىم، ئۇ ئالدى بىلەن مەندىن ئەپۇ سورىسۇن، بولمىسا ئۇنى ھەگىز كەچۈرمەيمەن، دەپ قارايمىز،- دەيدۇ پىسخولوگ پورتىن نىلسۇن،- بىراق ئەگەر بىز شۇنداق قىلىۋەرسەك، ئاچچىقىمىز نەچچە يىلغىچە قايتمايدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىمىز كۆپ بەدەل تۆلەيمىز. بۇ خاتىرجەملىكنى باشقىلارنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويۇپ، ئۇلارغا ئۆز كەيپىياتىمىزنى قۇربانلىق قىلدۇرغانلىق. «چۈنكى، سىز ئاشۇ ئىشلارنى ئويلىسىڭىزلا غەزەبلىنىسىز، كۆڭلىڭىز بىئارام بولىدۇ.
2.چىشىڭىزغا تەگكەن كىشىگە ھېسىداشلىق قىلىڭ.
ئۇ بەلكىم نادانلىقىدىن، قورققانلىقىدىن ياكى ئازابلانغانلىقىدىن چىشىڭىزغا تەگكەن بولۇشى مۇمكىن. «مەن دائىم، ھەر قانداق بىر كىشىنىڭ چىشىغا تېگىشنىڭ ئارقىسىدا، چوقۇم بىر كۆڭۈلسىز ھېكايە بار، دېگەن سۆزنى تىلغا ئالىمەن » دەيدۇ نېلسۇن دوكتۇر ھەمدە ئۇ يەنە «سىز ئاشۇ خاتا ئىش قىلغان كىشىنىڭ رولىنى ئېلىپ بېقىڭ ياكى ئۇنىڭ ئورنىدا ئۆزىڭىزگە بىر پارچە خەت يېزىپ بېقىڭ» دېگەن تەكلىپنى بەردى.
نىيۇ يوركلۇق پىسخولۇگ روبىرت كېررون دوكتۇرمۇ بۇ تەكلىپنى قۇۋۋەتلەپ: «بىز بەزىدە ئۆزىمىز ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادەمنىڭ بىزگە زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى، ھەتتا بىزگە ئاسىيلىق قىلىدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالىمىز. بەزىدە، ئۇنىڭ ئورنىدا سىزگە زىيان يەتكۈزگەنلىكى سەۋەبىدىن مۇناسىۋېتىڭلارنى ئۈزۈشۈڭلارنىڭ ئورنى يوق» دېدى.
3. ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان ئادىمىڭىز سىزنى ئەپۇ قىلغاندىن كېيىنكى كۆڭۈل ئازادىلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىڭ.
ھەممە ئادەمنىڭ خاتالىق سادىر قىلىش ئېھتىماللىقى بولىدۇ، «ئۆز كەمچىلىكىڭىز ۋە خاتالىقىڭىزنى باشقىلارنىڭ ئازابلىرىدىن كۆپ دەپ كۆرسىتىڭ»- دەيدۇ نېلسۇن دوكتۇر. بۇنداق قىلىش پىسخىك تەڭپۇڭلۇقنى تەڭشەشكە پايدىلىق. كۈنلەرنىڭ بىرىدە سىز ئۆزىڭىز كۆڭۈل بۆلىدىغان بىرىنى رەنجىتىپ قويغان بولسىڭىز، بىراق ئۇ سىزنى كەچۈرۈۋەتكەن بولسا، شۇ چاغدىكى كەيپىياتىڭىزنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىڭ.
4. يادىڭىزدا بولسۇن، ئەپۇ قىلىش ئۇنتۇغانلىق ئەمەس.
سىز باشقىلارنى ئەپۇ قىلىش نىيىتىگە كەلگەندىن كېيىن، قەلبىڭىزدە ئازابلىنىش تۇيغۇسى خېلى بىر مەزگىلگىچە ساقلىنىدۇ. بەزىدە يەنە بىر قېتىم ئەپۇ قىلىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ. بىراق، سىتانفورد ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، باشقىلارنى ئەپۇ قىلغان ئادەم ئىلگىرى ئۇلارنىڭ كۆڭۈل ئاغرىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىشلىرى ئۈچۈن ئازابلىنىپ يۈرمەيدىكەن.
باشقىلارنى ئەپۇ قىلىش بەزىدە ئەينەككە ئوخشاش ئۆزىڭىزنى ئەپۇ قىلىشىڭىزنىمۇ كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ.
|