|
شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى:
ئۈرۈمچىلىك ھەسەنجان نىمكەش ئاپتوبىلنى رېمونت قىلدۇرۇۋېتىپ، رېمونتچى ئۇستامدىن ئاپتوموبىل بېزەك بۇيۇملىرىنى توپ ساتىدىغان بىر سودىگەرنىڭ ئاپتوموبىل ئورۇندۇق ياپقۇچىنى سېتىش ئۈچۈن، رېمونتخانىغا ئەۋرىشكە ئېلىپ كەلگەنلىكىنى، ئاپتوموبىل ئورۇندۇق ياپقۇچىنىڭ توپ باھاسىنىڭ بەكمۇ ئەرزانلىقىنى، 200 يۈرۈش ئاپتوموبىل ئورۇندۇق ياپقۇچىنى سېتىپ بولۇشقا ئۆزىنىڭ كۆزى يەتمىگەنلىكىنى ئاڭلىدى. ھەسەنجان بۇنى ئاڭلاپ مىچۈەن شەھىرىدىكى ئاپتوموبىل بازىرىدا نىمكەش ئاپتوموبىل ئورۇندۇق ياپقۇچىنىمۇ سېتىپ باقماقچى بولدى، شۇنىڭ بىلەن رېمونتچى ئۇستام تەمىنلىگەن تېلفون نومۇرى ئارقىلىق ئاپتوموبىل بېزەك بۇيۇملېرى سودىگىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئاپتوموبىل ئورۇندۇق ياپقۇچىنى كۆردى، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ھېلقى سودىگەر سېتىۋەتمەكچى بولغان ئاپتوموبىل ئورۇندۇق ياپقۇچىنىڭ ئىلگىرىكى پارچە باھاسى بىرى 200 يۈەن ئەتراپىدا، توپ باھاسى بىرى 80 يۈەن ئەتراپىدا بولغانىكەن.
ھەسەنجان ئاپتوموبىل ئورۇندۇق ياپقۇچىنىڭ باھاسىنى ئېنىق بىلگەچكە، بۇلارنى سېتىۋالماقچى بولدى. ئۇ باھا تالىشىپ، ئاپتوموبىل ئورۇندۇق ياپقۇچىنىڭ ھەربىر يۈرۈشىنى 20 يۈەندىن سېتىۋالدى.
مىچۈەن ئاپتوموبىل بازىرىدا شەنبە، يەكشەنبە كۈنى سودا بولىدىغان بولغاچقا، شەنبە كۈنى ھەسەنجان مىچۈەن شەھىرىگە نېمكەش ئاپتوموبىل ئورۇندۇق ياپقۇچىنىمۇ ئېلىپ چىقتى .
ھاۋا سوغۇق بولغاچقا بازاردا ئادەم ئاز ئىدى. شۇنداقتىمۇ ھەسەنجان ئانچە ئۈمىدسىزلىنىپ كەتمىدى. ئۇ ئاپتوموبىل ئورۇندۇق ياپقۇچىنىڭ ھەر بىر يۈرۈشىنى 40 يۈەندىن سېتىشقا باشلىدى. ئاپتوموبىل بازىرىدا تىجارەتچىلەرخېرىدارلاردىن كۆپ بولسىمۇ، ئاپتوموبىل ئورۇندۇق ياپقۇچى ئەرزان بولغاچقا، تىجارەتچىلەر بىر-ئىككىدىن سېتىۋېلىشتى. ئۇ چۈشكىچە ئاپتوموبىل ئورۇندۇق ياپقۇچىدىن 100 نەچچە يۇرۈشنى سېتىپ بولدى. چۈشتىن كېيىن نىمكەش ئاپتوموبىل تىجارەتچىلىرى نونۇش-بىلىشلىرى ئۈچۈنمۇ ئاپتوموبىل ئورۇندۇق ياپقۇچى سېتىۋېلىشتى. بازار تاقالغۇچە 200 يۈرۈش ئاپتوموبىل ئورۇندۇق ياپقۇچى سېتىلىپ بولدى، ھەسەنجان بىر كۈندە نىمكەش ئاپتوبوبىل ساتمايمۇ 4000 يۈەن پايدا ئالدى.
تىجارەتنىڭ ئېپىنى ھەممە ئادەمنىڭ بىلىپ كېتىشى ناتايىن، يېزا - قىشلاقلاردا نۇرغۇن دېھقانلار ئۆزلېرىنىڭ كۆكتات، مېۋە-چىۋە، چارۋا-مال، ئۆي قۇشلىرى قاتارلىقلارنى ساتقىلى بازارغا ئەكىرىدۇ. ئەمما مۇۋاپىق باھا قويۇشنى بىلمىگەچكە، مۇۋاپىق ۋاقىتتا، بازارغا سالالمىغاچقا مەھسۇلاتلىرىنى ساتالمايدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلىدۇ. قىسقا ۋاقىتتا تېز پۇل تېپىشنى كۆزلىگەندە، باھانى مۇۋاپىق قويۇش بەكمۇ زۆرۈر. ئۇنىڭ ئۈستىگە سودىدا مۇۋاپىق پۇرسەتنى تۇتۇش ھەممىدىن مۇھىم. ھەسەنجان مانا مۇشۇنداق بىر قېتىملىق سودا پۇرسىتىنى جايىدا تۇتقانلىقتىن ئوبدانلا پايدا ئالغان.
|