ئۈرۈمچىئىلىچۆچەكئالتايبايىنغۇلىنبورتالاشىخەنزەسانجىقۇمۇلتۇرپانكۈيتۈنقارامايئاقسۇقىزىلسۇقەشقەرخوتەن
باش بەتخەۋەرلەر مەركىزىسۈرەت مەركىزىئەدەبىيات – سەنئەتمەدەنىيەتكىنولار– دىراممىلارئەسلىمە
ئۈنۋېرسال رادىيو سەنئەت رادىيوكەسىپ ئىستىلى  تاللاپ   ئاڭلاشئۇيغۇرچە ئۈگۈنۈشخەنزۇچە ئۈگۈنۈشئىستانسىمىز ھەققىدە
• ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار ئالاقىدار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى• 1.مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى يىلى پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى• «ئۇ كوماندا ئەزاسى، ھەم ترېنېر» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوچېرك•  يىپەك يولى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا، ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئېگىز تاغدا ئايلىنىپ چاڭغا تېيىلىش تۈرى بويىچە ئىككى ئالتۇن مېدال مەيدانغا كەلدى• ئاپتونۇم رايوننىڭ لىكسىيە ئۆمىكى پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم 8-نۆۋەتلىك كومىتېتى 10-ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ھەققىدە دوكلات بەردى• ئاۋامنىڭ كەڭ زىمىندا ئىگىلىك تىكلىشى• بىپايان جەنۇبىي شىنجاڭ زېمىنىدا كىشىلىك ھاياتنىڭ گۈزەل كارتىنىسىنى يارىتايلى• ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى• ئاپتونوم رايونلوق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزى ئۆگۈنۈش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلوق پارتكوم خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى• مائارىپ ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش• شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيىسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرمەكتە• ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش• «جەنۇپتا يىلتىز تارتقان بىر تۈپ يۇلغۇن» ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئوچرىكىنىڭ «چىن ھىسىياتنى بېغىشلاش» دېگەن ئىككىنچى قىسىمى• گۈزەل شىنجاڭنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىپ، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى• ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شامال ئېلېكتر پاكىز ئېنېرگىيەلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى نوقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى تەستىقلاندى• جۇڭشىڭ ئېنېرگىيەسى جەنۇبىي شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك كەسىپلەر بازىسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان فوتوۋولت يۈرۈشلۈك ماددىي ئەشيالىرى پاكىستانغا يەتكۈزۈلدى• ئاپتونوم رايونىمىز بىر تۈركۈم زور قاتناش ئۇل ئەسلىھەلەر تۈرىنى يولغا قويدى• تەبەسسۇملۇق چىرايلار• ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرى خىزمىتى يىغىنى ۋە ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمىتى نەق مەيدان يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى• جاھان ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتقان چولپان كەنت• شىنجاڭ ساياھەتچىلىككە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى بىلەن شىنجاڭ خۇڭيۈەن دەۋر مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى كېلىشىم ئىمزالىدى• ئاممىنى قەلبىدە ساقلاپ، پۈتۈن مۇھەببىتى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش• خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، جان- دىلى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش•  13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى• ئاپتونوم رايونىمىز دۇنيا ئىقتىسادى بىلەن بولغان جىپسىلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىشىكنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى يادرولۇق رايونغا ئايلاندى• دۇنيا زوراۋانلىق، تېررورلۇقتىن قورقۇپ قالمايدۇ• ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش• «تېررورىزىمغا زەربە بېرىشتە جەزمەن ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش كېرەك» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوبزور ئېلان قىلىندى• ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «يېزا- بازارلىق پونكىتلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى» ئېلان قىلدى•  مىترو 1- نومۇرلۇق لىنىيەسى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇنجى قوش لىنىيەسى تۇتاشتۇرۇلغان رايون ئارا تونىل بولۇپ قالدى• 5 چوڭ تەرەققىيات قارىشى ئىچىدە، يېشىل تەرەققىيات قارىشى يارقىن نوقتا بولۇپ قالدى• ئىقتىساسلىق كادىرلار جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئاچقۇچى• 5 چوڭ تەرەققىيات ئۇقۇمى ئارقىلىق ئىلمىي ھالقىشقا يىتەكچىلىك قىلىش• ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسى خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ئاساسىنى پۇختىلاش• ئورتاق قاراشنى مۇجەسسەملەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى بەت ئاچايلى•  «13- بەشيىللىق» يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپتە، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى 5 يىللىق تەرەققىيات خەرىتىسى كۆرسىتىپ بېرىلدى• ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ياڭاقچىلىققا تايىنىپ بېيىغان قېرىنداشلارنىڭ ھېكايىسى• «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتىنى ساياھەت قىلىش» قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىك ساياھەت ئاساسىي تېما پائالىيىتى رەسمىي باشلىنىدۇ
• مىسىر زوڭتوڭ سايلىمىدا مۇسۇلمان بۇرادەرلەر جەمئىيىتىگە تەۋە ھەققانىيەت پارتىيېسىنىڭ رەئىسى مورشى بىلەن سابىق زوڭلى سەفىقنىڭ بېلەتكە ئېرىشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئىككى ئورۇننى ئىگىلىگەن• 2015 - يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىز ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 5 تىرلىيون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن• ھىندىستاندا ئىسسىق ھاۋا 81 ئادەمنىڭ بېشىغا چىقتى• بىرمىدا ھەر يىلى تەخمىنەن 18 مىڭدىن 23 مىڭغىچە ئەيدىز بىمارى ئۆلۈپ كېتىدىكەن• كورىيە ئارمىيە دائىرىلىرى: چاۋشيەن يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىپ بولدى، دېدى
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەيلى

2017-04-21 17:54:55     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

−ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئورۇنلار، تارماقلارنىڭ ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9-نۆۋەتلىك كومىتېتى 2-ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن)يىغىنىنىڭ روھىنى تېز ئۆگەنگەنلىكى، ئىزچىللاشتۇرغانلىقى، ئەمەلىيلەشتۈرگەنلىكى توغرىسىدا

 ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 2 - ئومۇمىي(كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىلغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئورۇنلار، تارماقلاردا يىغىننىڭ روھىنى تېز ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش دولقۇنى قوزغالدى. ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 2 - ئومۇمىي(كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرى ۋە تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى جانلىق، دەل جايىدا ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان قۇدرەتلىك كۈچ مۇجەسسەملەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى 4 - ئاينىڭ 19- كۈنى چۈشتىن كېيىن ئورگان پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار يىغىنى ئېچىپ، ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 2 - ئومۇمىي(كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى. يىغىندا مۇنداق قارالدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئاچقان بۇ قېتىمقى يىغىن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇشنى؛ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى چوڭقۇرلاپ مۇھاكىمە قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇشنى؛ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش مۇھىم تەدبىرىنى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ناھايىتى مۇھىم يىغىن بولۇپ، زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: تەشۋىقات بۆلۈمىدىكى بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ روھىنى چوڭقۇر، پۇختا ۋە ياخشى ئۆگىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىشى؛ ئۇنى ئەينەن، جۈملىمۇ جۈملە قايتا - قايتا ئۆگىنىپ، ئۆز خىزمىتىگە بىرلەشتۈرۈشى؛ سۆزنىڭ روھىنى ھەقىقىي چۈشىنىپ، ھەقىقىي ئۆزلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ روھىنى چوڭقۇر، پۇختا، ياخشى تەشۋىق قىلىش، ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك تاراتقۇلارنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى تېز ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش دولقۇنىنى قوزغاش كېرەك. ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش؛ مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش، شىنجاڭنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت تەتقىقاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئارقىلىق پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىغا قويۇق جامائەت پىكرى كەيپىياتى يارىتىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئورگان پارتكومى 4 - ئاينىڭ 19- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئورگاندىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى تەشكىللەپ، ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 2 - ئومۇمىي(كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەنۋەر ئابدۇراخمان مۇنداق دېدى: بىز سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن قەتئىي بىردەك بولۇشىمىز كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، ئىدېئولوگىيە خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش»نى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرىدۇ؛ ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەر قوشۇنىنىڭ مۇقىملىقى ئارقىلىق ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى مۇقىم ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى 4 - ئاينىڭ 19- كۈنى چۈشتىن كېيىن كادىرلار يىغىنى ئېچىپ، ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 2 - ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى لى چۈنياڭ مۇنداق دېدى: پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى سىستېمىسىدىكى ھەر مىللەت كادىر، ئىشچى - خىزمەتچىلەر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىدۇ، ئىزچىللاشتۇرىدۇ؛ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىشنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش، شۇنداقلا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەزنىڭ 2 - قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە بىرلەشتۈرىدۇ؛ ئۇنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، كەڭ تەشۋىق قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرىدۇ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى پارتگۇرۇپپىسى 4 - ئاينىڭ 19- كۈنى چۈشتىن كېيىن ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 2 - ئومۇمىي(كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى ۋە يەتكۈزدى، شۇنىڭدەك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشنى ئورۇنلاشتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جاڭ خۇڭ مۇنداق دېدى: نازارىتىمىزدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئۆگىنىش بىلەن پىكىر يۈرگۈزۈش، ئۆگىنىش بىلەن ئىشلىتىش، بىلىش بىلەن ئىشلەشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرىدۇ؛ يىغىننىڭ روھى ئارقىلىق تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە يېتەكچىلىك قىلىپ، يىغىننىڭ روھىنى ئىش ئورنىدا ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ ۋە ھەرىكىتىدە گەۋدىلەندۈرىدۇ. مەركەزنى چۆرىدەش، ئومۇمىيەت ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلەش روھى ئارقىلىق ئەمىن تاپقۇزۇپ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرىدۇ؛ 300 مىڭ ئائىلىلىك يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ۋە كەپە ئۆي رايونىدىكى 284 مىڭ 300يۈرۈش ئۆينى ئۆزگەرتىش ۋەزىپىسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن چىڭ تۇتۇپ، ئۆي - زېمىن بازىرىنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؛ تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت ئېچىپ، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش نازارىتىنىڭ باش ئىنژېنېرى ۋېن يۈبياۋ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىت ئاسراش تارمىقى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، «ئاسمىنى كۆك، زېمىنى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش» ۋەزىپىسىنى زىچ چۆرىدەپ، «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش تەربىيەسىدە «ئۆگىنىش، ياخشىلاش، ئىلگىرى سۈرۈش» مەخسۇس پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، سىياسىي يۈكسەكلىك ۋە ئومۇمىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، تۈرلۈك مۇھىت ئاسراش خىزمەتلىرىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ياخشى ئىشلەيمىز؛ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە بۇلغىنىشنى تىزگىنلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاتموسفېرا، سۇ ۋە تۇپراقنىڭ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەم ئۇنى تىزگىنلەشتىن ئىبارەت «ئۈچ چوڭ ھەل قىلغۇچ جەڭ»نى ياخشى قىلىمىز؛ «مۇھىتنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغايدىغان، كۆپ بۇلغىما قويۇپ بېرىدىغان، ئېنېرگىيە سەرپىياتى يۇقىرى» تۈرلەرنىڭ شىنجاڭغا كىرىشىنى قاتتىق چەكلەيمىز.

  ئاپتونوم رايونلۇق تاشيول باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتكومى ئىشخانىسى(مەمۇرىيەت ئىشخانىسى)نىڭ مۇدىرى كۇڭ لىڭجۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قاتنىشى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان بىر يىل بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تاشيول قۇرۇلۇشىغا 200مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىش ۋەزىپىسى ئورۇندىلىدۇ. بۇ ھەم پۇرسەت، ھەم سىناق. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تاشيول سىستېمىسىنىڭ كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، خىزمىتىمنى مەۋقە قىلىپ، جاسارەتلىك - ياراملىق بولۇپ، يىغىن روھىنى ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق خىزمىتىمدە ئىزچىللاشتۇرىمەن.  

دۆلەت ئېلېكتىر تورى قاراقاش ناھىيەلىك توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لىڭ جيەنشىن مۇنداق دېدى: شىركىتىمىز ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 2 - ئومۇمىي(كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ياخشى ئۆزلەشتۈرۈپ، ياخشى ئىزچىللاشتۇرىدۇ؛ باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، كۆپ خىل ئۇسۇل قوللىنىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قاراقاش ناھىيەسىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئومۇمىيىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ.

  (مۇخبىرلىرىمىز لى ياڭ، مېھرىگۈل ناسىر، يۆ يەنيۈن، ياڭ شۇخەن، ۋاڭ يايۈن، لۇ فېڭباۋ)
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

كۆرۈپ قويۇڭ
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى