ئۈرۈمچىئىلىچۆچەكئالتايبايىنغۇلىنبورتالاشىخەنزەسانجىقۇمۇلتۇرپانكۈيتۈنقارامايئاقسۇقىزىلسۇقەشقەرخوتەن
باش بەتخەۋەرلەر مەركىزىسۈرەت مەركىزىئەدەبىيات – سەنئەتمەدەنىيەتكىنولار– دىراممىلارئەسلىمە
ئۈنۋېرسال رادىيو سەنئەت رادىيوكەسىپ ئىستىلى  تاللاپ   ئاڭلاشئۇيغۇرچە ئۈگۈنۈشخەنزۇچە ئۈگۈنۈشئىستانسىمىز ھەققىدە
• ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار ئالاقىدار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى• 1.مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى يىلى پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى• «ئۇ كوماندا ئەزاسى، ھەم ترېنېر» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوچېرك•  يىپەك يولى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا، ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئېگىز تاغدا ئايلىنىپ چاڭغا تېيىلىش تۈرى بويىچە ئىككى ئالتۇن مېدال مەيدانغا كەلدى• ئاپتونۇم رايوننىڭ لىكسىيە ئۆمىكى پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم 8-نۆۋەتلىك كومىتېتى 10-ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ھەققىدە دوكلات بەردى• ئاۋامنىڭ كەڭ زىمىندا ئىگىلىك تىكلىشى• بىپايان جەنۇبىي شىنجاڭ زېمىنىدا كىشىلىك ھاياتنىڭ گۈزەل كارتىنىسىنى يارىتايلى• ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى• ئاپتونوم رايونلوق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزى ئۆگۈنۈش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلوق پارتكوم خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى• مائارىپ ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش• شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيىسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرمەكتە• ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش• «جەنۇپتا يىلتىز تارتقان بىر تۈپ يۇلغۇن» ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئوچرىكىنىڭ «چىن ھىسىياتنى بېغىشلاش» دېگەن ئىككىنچى قىسىمى• گۈزەل شىنجاڭنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىپ، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى• ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شامال ئېلېكتر پاكىز ئېنېرگىيەلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى نوقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى تەستىقلاندى• جۇڭشىڭ ئېنېرگىيەسى جەنۇبىي شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك كەسىپلەر بازىسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان فوتوۋولت يۈرۈشلۈك ماددىي ئەشيالىرى پاكىستانغا يەتكۈزۈلدى• ئاپتونوم رايونىمىز بىر تۈركۈم زور قاتناش ئۇل ئەسلىھەلەر تۈرىنى يولغا قويدى• تەبەسسۇملۇق چىرايلار• ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرى خىزمىتى يىغىنى ۋە ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمىتى نەق مەيدان يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى• جاھان ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتقان چولپان كەنت• شىنجاڭ ساياھەتچىلىككە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى بىلەن شىنجاڭ خۇڭيۈەن دەۋر مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى كېلىشىم ئىمزالىدى• ئاممىنى قەلبىدە ساقلاپ، پۈتۈن مۇھەببىتى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش• خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، جان- دىلى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش•  13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى• ئاپتونوم رايونىمىز دۇنيا ئىقتىسادى بىلەن بولغان جىپسىلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىشىكنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى يادرولۇق رايونغا ئايلاندى• دۇنيا زوراۋانلىق، تېررورلۇقتىن قورقۇپ قالمايدۇ• ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش• «تېررورىزىمغا زەربە بېرىشتە جەزمەن ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش كېرەك» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوبزور ئېلان قىلىندى• ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «يېزا- بازارلىق پونكىتلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى» ئېلان قىلدى•  مىترو 1- نومۇرلۇق لىنىيەسى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇنجى قوش لىنىيەسى تۇتاشتۇرۇلغان رايون ئارا تونىل بولۇپ قالدى• 5 چوڭ تەرەققىيات قارىشى ئىچىدە، يېشىل تەرەققىيات قارىشى يارقىن نوقتا بولۇپ قالدى• ئىقتىساسلىق كادىرلار جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئاچقۇچى• 5 چوڭ تەرەققىيات ئۇقۇمى ئارقىلىق ئىلمىي ھالقىشقا يىتەكچىلىك قىلىش• ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسى خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ئاساسىنى پۇختىلاش• ئورتاق قاراشنى مۇجەسسەملەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى بەت ئاچايلى•  «13- بەشيىللىق» يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپتە، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى 5 يىللىق تەرەققىيات خەرىتىسى كۆرسىتىپ بېرىلدى• ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ياڭاقچىلىققا تايىنىپ بېيىغان قېرىنداشلارنىڭ ھېكايىسى• «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتىنى ساياھەت قىلىش» قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىك ساياھەت ئاساسىي تېما پائالىيىتى رەسمىي باشلىنىدۇ
• مىسىر زوڭتوڭ سايلىمىدا مۇسۇلمان بۇرادەرلەر جەمئىيىتىگە تەۋە ھەققانىيەت پارتىيېسىنىڭ رەئىسى مورشى بىلەن سابىق زوڭلى سەفىقنىڭ بېلەتكە ئېرىشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئىككى ئورۇننى ئىگىلىگەن• 2015 - يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىز ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 5 تىرلىيون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن• ھىندىستاندا ئىسسىق ھاۋا 81 ئادەمنىڭ بېشىغا چىقتى• بىرمىدا ھەر يىلى تەخمىنەن 18 مىڭدىن 23 مىڭغىچە ئەيدىز بىمارى ئۆلۈپ كېتىدىكەن• كورىيە ئارمىيە دائىرىلىرى: چاۋشيەن يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىپ بولدى، دېدى
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرايلى

2017-08-11 17:34:44     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   
 ئىستانسىمىز خەۋىرى:
8-ئاينىڭ 11-كۈنى نەشىردىن چىققان شىنجاڭ گېزىتىگە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەركىن ئىمىرباقىنىڭ «شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرايلى» ماۋزۇلۇق ئىمزالىق ماقالىسى بېسىلدى.
ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى قەتئىي پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى داغدۇغىلىق قانات يايدۇرۇپ، «ئىككى يۈزلىمىچىلەر»نى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى ماھىيەتتىن تۈزەش تەدبىرىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىدىيولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۆرەشنىڭ ئاتاكىغا ئۆتۈش سىگنالىنى ياڭرىتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش، ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ قۇدىرەتلىك ئىجابىي كۈچىنى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب-شىمالىغا تارقاتتى. بۇ ئىنتايىن خۇشاللىنارلىق ئۆزگىرىش. يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن ئېلان قىلغان «ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا مۇراجىئەتنامە» شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىر-ئامما، بولۇپمۇ ئۇيغۇر كادىر-ئاممىنىڭ ھەققانىيەت ساداسىغا ۋەكىللىك قىلىپ، ئۇيغۇر كادىرلارنىڭ پارتىيەگە، ۋەتەنگە، خەلققە بولغان سادىقلىقى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلدى. مەن «ئۈچ خىل كۈچ»كە ۋە «ئىككى يۈزلىمىچىلەر»گە قارشى دادىل پوزىتسىيە بىلدۈرگەن ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن قاتارلىق ھەر مىللەت مۇنەۋۋەر كادىرلارغا ئاپىرىن ئوقۇيمەن، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشىغا مەدەت بېرىمەن.
ماقالىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: بىرىنچى، «تۆت خىل ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە قەتئىي تەۋرەنمەي يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاش، پارتىيەنىڭ نەزەرىيە ۋە لۇشيەن فاڭجېن-سىياسەتلىرى بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارار-ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاش، پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستىراتېگىيەسى بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
ئىككىنچى، ئىستىراتېگىيەلىك سالماقلىقنى ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. بىز چوقۇم باشتىن-ئاخىر سەگەك بولۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش نىشان بايرىقىنى تېخىمۇ ئېگىز كۆتۈرۈپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى تېخىمۇ چىڭ تۇتۇپ، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ماھىيەتتىن تۈزەش تەدبىرلىرىنى تېخىمۇ ئەمەلىي يۈرگۈزۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ دائىملىشىشى ۋە ئۇزاق ئۈنۈملۈك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.
ئۈچىنچى، سىياسىي سالماقلىقنى ساقلاپ، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇشتىن ئىبارەت سىياسىي پەزىلەتتە قەتئىي چىڭ تۇرۇش كېرەك. بولۇپمۇ شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۆرەشنىڭ ئاساسلىق جەڭ مەيدانىدا، پارتىيەگە بولغان سادىقلىق- باشتىن-ئاخىر بايرىقى روشەن ھالدا مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە قارشى تۇرۇش، باشتىن-ئاخىر چوڭ ھەق چوڭ ناھەق مەسىلىلىرى ئالدىدا تونۇشى غۇۋا بولماسلىق، پوزىتسىيەسى خۇنۈك بولماسلىق، ھەرىكەتتە تەۋرەنمەسلىكتە سىنىلىدۇ. ھالقىلىق پەيتتە دادىل پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە جۈرئەت قىلىپ، كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، باشتىن-ئاخىر بايرىقى ئىنتايىن روشەن، مەيدانى ئىنتايىن مۇستەھكەم، ھەرىكەتتە ئىنتايىن ئاڭلىق بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
 تۆتىنچى، زوراۋانلىق-تېررورلۇققا قەتئىي زەربە بېرىپ، ھەرگىز «ئىككى يۈزلىمىچى» ياكى «ياخشىچاق» بولماسلىق كېرەك. ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە بارلىق پارتىيەلىك كادىرلار كۆرەش ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇپ، ئاكتىپلىق بىلەن «ئۈچ مەيدان كەسكىن جەڭ»گە ئاتلىنىپ، تېررورلۇققا قارشى خەلق كۈرىشىنى شەكىللەندۈرۈپ، يىلتىزىدىن يوقىتىش، رەزىللىكنى تەلتۆكۈس تۈگىتىش، تولۇق غەلىبە قىلمىغۇچە بولدى قىلماسلىققا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ھەر مىللەت كادىرلار پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىشلىرىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ھەر مىللەت خەلققە بەخت يارىتىش ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۆرەشنىڭ 1-سېپىدە تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۆرەش ئىنتىزامىغا قەتئىي ئەمەل قىلىپ، شەكىلۋازلىق قىلىش، ئۆزىنى ساقلاشنىڭ كويىدا بولۇشتىن قەتئىي ساقلىنىپ، ھەرگىز پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئىشلىرىغا زىيان يەتكۈزىدىغان گۇناھكارلاردىن بولۇپ قالماسلىقى كېرەك.
 بەشىنچى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، ئۆزئارا بىرىككەن مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى تۇرغۇزۇش كېرەك. شىنجاڭ ھەر مىللەت خەلقى ئىتتىپاقلىشىپ كۆرەش قىلىشتەك قويۇق ھەم پۇختا سىياسىي ئاساسقا، ئىدىيە ئاساسىغا، ئاممىۋى ئاساسقا ئىگە. بولۇپمۇ خەتەرلىك پەيتلەردە ھەر مىللەت ئامما ھايات-ماماتتا بىللە بولۇپ، مۆرىنى مۆرىگە تىرەپ كۆرەش قىلىپ، ئۆزئارا كۆيۈنۈپ، ھۆرمەتلىشىپ، ياردەم بېرىپ، قۇتقۇزۇپ، قان بىلەن گۆشتەك يېقىن بولۇپ، دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتە تۇرۇپ كەلگەن. ھەر قانداق ئادەم، ھەر قانداق تەشكىلاتنىڭ ھەر قانداق شەكىلدە بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويماسلىق، مىللىي كەمسىتىش ۋە ئۆچمەنلىككە قەستەن قۇتراتقان، مىللىي بۆلگۈنچىلىك پەيدا قىلىدىغان ھەر قانداق قانۇنسىز جىنايى قىلمىشقا قەتئىي زەربە بېرىپ، قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىپ، پولاتتەك ئىنتىزام ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى ئەبەدىي پورەكلەپ ئېچىلدۇرۇش كېرەك.
 ئالتىنچى، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ ۋە ياخشىلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلبە قىلىش كېرەك. بىز چوقۇم باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە بولغان سەمىمىي غەمخورلۇقىدىن ئىلھام ئېلىپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلارنى يۆلەشتىكى ئەمەلىي خىزمەت، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى پۇختا جەريان، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ھەقىقىي نەتىجىلىرى ئارقىلىق، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈنۈمىنى ھەر مىللەت ئامما ئېتىراپ قىلىدىغان، تارىخ ۋە ئەمەلىيەتنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان قىلىشىمىز كېرەك.
 ماقالىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېيىلدى: شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، قېرىنداش ئۆلكە-شەھەرلەرنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ھەر مىللەت خەلقنى يېتەكلەپ، ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ كۆرەش قىلىپ، ئەل قەلبىنى مۇجەسسەملەپ، مەنىۋى جەھەتتە ئۆزئارا يار-يۆلەك بولىدۇ، شىنجاڭنىڭ ئەتىسى چوقۇم تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى چوقۇم بالدۇر ئەمەلگە ئاشىدۇ.
تەرجىمان: نازىم  
 
 
كۆرۈپ قويۇڭ
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى