ئۈرۈمچىئىلىچۆچەكئالتايبايىنغۇلىنبورتالاشىخەنزەسانجىقۇمۇلتۇرپانكۈيتۈنقارامايئاقسۇقىزىلسۇقەشقەرخوتەن
باش بەتخەۋەرلەر مەركىزىسۈرەت مەركىزىئەدەبىيات – سەنئەتمەدەنىيەتكىنولار– دىراممىلارئەسلىمە
ئۈنۋېرسال رادىيو سەنئەت رادىيوكەسىپ ئىستىلى  تاللاپ   ئاڭلاشئۇيغۇرچە ئۈگۈنۈشخەنزۇچە ئۈگۈنۈشئىستانسىمىز ھەققىدە
• ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار ئالاقىدار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى• 1.مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى يىلى پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى• «ئۇ كوماندا ئەزاسى، ھەم ترېنېر» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوچېرك•  يىپەك يولى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا، ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئېگىز تاغدا ئايلىنىپ چاڭغا تېيىلىش تۈرى بويىچە ئىككى ئالتۇن مېدال مەيدانغا كەلدى• ئاپتونۇم رايوننىڭ لىكسىيە ئۆمىكى پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم 8-نۆۋەتلىك كومىتېتى 10-ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ھەققىدە دوكلات بەردى• ئاۋامنىڭ كەڭ زىمىندا ئىگىلىك تىكلىشى• بىپايان جەنۇبىي شىنجاڭ زېمىنىدا كىشىلىك ھاياتنىڭ گۈزەل كارتىنىسىنى يارىتايلى• ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى• ئاپتونوم رايونلوق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزى ئۆگۈنۈش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلوق پارتكوم خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى• مائارىپ ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش• شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيىسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرمەكتە• ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش• «جەنۇپتا يىلتىز تارتقان بىر تۈپ يۇلغۇن» ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئوچرىكىنىڭ «چىن ھىسىياتنى بېغىشلاش» دېگەن ئىككىنچى قىسىمى• گۈزەل شىنجاڭنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىپ، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى• ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شامال ئېلېكتر پاكىز ئېنېرگىيەلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى نوقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى تەستىقلاندى• جۇڭشىڭ ئېنېرگىيەسى جەنۇبىي شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك كەسىپلەر بازىسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان فوتوۋولت يۈرۈشلۈك ماددىي ئەشيالىرى پاكىستانغا يەتكۈزۈلدى• ئاپتونوم رايونىمىز بىر تۈركۈم زور قاتناش ئۇل ئەسلىھەلەر تۈرىنى يولغا قويدى• تەبەسسۇملۇق چىرايلار• ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرى خىزمىتى يىغىنى ۋە ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمىتى نەق مەيدان يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى• جاھان ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتقان چولپان كەنت• شىنجاڭ ساياھەتچىلىككە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى بىلەن شىنجاڭ خۇڭيۈەن دەۋر مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى كېلىشىم ئىمزالىدى• ئاممىنى قەلبىدە ساقلاپ، پۈتۈن مۇھەببىتى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش• خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، جان- دىلى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش•  13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى• ئاپتونوم رايونىمىز دۇنيا ئىقتىسادى بىلەن بولغان جىپسىلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىشىكنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى يادرولۇق رايونغا ئايلاندى• دۇنيا زوراۋانلىق، تېررورلۇقتىن قورقۇپ قالمايدۇ• ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش• «تېررورىزىمغا زەربە بېرىشتە جەزمەن ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش كېرەك» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوبزور ئېلان قىلىندى• ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «يېزا- بازارلىق پونكىتلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى» ئېلان قىلدى•  مىترو 1- نومۇرلۇق لىنىيەسى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇنجى قوش لىنىيەسى تۇتاشتۇرۇلغان رايون ئارا تونىل بولۇپ قالدى• 5 چوڭ تەرەققىيات قارىشى ئىچىدە، يېشىل تەرەققىيات قارىشى يارقىن نوقتا بولۇپ قالدى• ئىقتىساسلىق كادىرلار جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئاچقۇچى• 5 چوڭ تەرەققىيات ئۇقۇمى ئارقىلىق ئىلمىي ھالقىشقا يىتەكچىلىك قىلىش• ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسى خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ئاساسىنى پۇختىلاش• ئورتاق قاراشنى مۇجەسسەملەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى بەت ئاچايلى•  «13- بەشيىللىق» يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپتە، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى 5 يىللىق تەرەققىيات خەرىتىسى كۆرسىتىپ بېرىلدى• ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ياڭاقچىلىققا تايىنىپ بېيىغان قېرىنداشلارنىڭ ھېكايىسى• «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتىنى ساياھەت قىلىش» قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىك ساياھەت ئاساسىي تېما پائالىيىتى رەسمىي باشلىنىدۇ
• مىسىر زوڭتوڭ سايلىمىدا مۇسۇلمان بۇرادەرلەر جەمئىيىتىگە تەۋە ھەققانىيەت پارتىيېسىنىڭ رەئىسى مورشى بىلەن سابىق زوڭلى سەفىقنىڭ بېلەتكە ئېرىشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئىككى ئورۇننى ئىگىلىگەن• 2015 - يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىز ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 5 تىرلىيون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن• ھىندىستاندا ئىسسىق ھاۋا 81 ئادەمنىڭ بېشىغا چىقتى• بىرمىدا ھەر يىلى تەخمىنەن 18 مىڭدىن 23 مىڭغىچە ئەيدىز بىمارى ئۆلۈپ كېتىدىكەن• كورىيە ئارمىيە دائىرىلىرى: چاۋشيەن يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىپ بولدى، دېدى
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

«ھالاكەت دېڭىزى»دىن يېشىل بوستانلىققىچە

2017-08-13 22:05:37     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

− نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇم تىزگىنلەش خىزمىتىدىن خاتىرىلەر (2)
مۇخبىرىمىز ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم

 
  بۈگۈنكى كۈندە، شابوتۇنىڭ «ھۆسن- جامال»ىغا شۇنداقلا بىر قارىغان كىشى ئۇنىڭ ئاشۇ يازما خاتىرىلەرگە پۈتۈلگەن 20- ئەسىرنىڭ 50- يىللىرىدىكى قورقۇنچلۇق قىياپىتىنى ھەرقانچە قىلىپمۇ كۆز ئالدىغا كەلتۈرەلمەيدۇ.  زومچەك- زومچەك قۇملارنىڭ باغرىغا مەھكەم تېڭىلغان شاھمات تاختىسى شەكىللىك قومۇش تورلار بىلەن ھەر بىر كاتەكچىنىڭ ئارا- ئارىسىدىن ئۈنۈپ چىققان قومۇش ۋە ئاللىقانداق رەڭگارەڭ ياۋا گۈللەر ئۆزئارا قوشۇلۇپ، كىشىگە ئوتقاشتەك خوتەن گىلىمىنى ئەسلىتىدۇ، قومۇش تورنىڭ ئاياغ تەرىپىدىكى قامغاق ۋە سۆكسۆكلەردىن بىنا قىلىنغان يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر بەلبېغىنىڭ يەنە بىر تەرىپى يىراقتىكى مۇداپىئە ئورمان بەلبېغىغا تۇتىشىپ كەتكەن بولۇپ، يىراقتىن قارىغاندا چىملىق مەيدانغا ئوخشايدۇ. قۇم بارخانلىرىنىڭ ئۇ يەر، بۇ يەرلىرىدە ئوبدانلا بوي تارتىپ ئۆسكەن يۇلغۇنلار كىشىگە خۇددى قۇملارنىڭ بوستانلىقلارغا باستۇرۇپ كىرىپ كېتىشىنى مەھكەم توسۇپ تۇرۇۋاتقان قاراۋۇللاردەك تۇيغۇ بېرىدۇ. مۇداپىئە ئورمان بەلبېغىدىكى دەل- دەرەخلەرنى مەڭگۈلۈك ماكان تۇتقان نەغمىچى قۇشلارنىڭ چۇڭۇلداپ سايراشلىرى بۇ سىرلىق تۇپراقنىڭ «ھالاكەت دېڭىزى» دېگەن «قالپاق»نى ئاللىقاچان چۆرۈپ تاشلىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىپ تۇرىدۇ. قۇملۇق باغرىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتكەن تۆمۈريول، سەل نېرىدا قۇملۇق تامان يول ئالغان تۆگە كارۋانلىرى، قۇم بارخانلىرى ۋە يېشىل ئورمانلار ئارىسىدىكى بىر- بىرىگە گىرەلىشىپ كەتكەن تاشيوللار، بۇ يوللاردا لىققىدە ساياھەتچىنى بېسىپ باپكارنىڭ موكىسىدەك ئۇياقتىن- بۇياققا غۇيۇلداپ ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ساياھەت ئاپتوموبىللىرى، زۇمرەت سۇلار شىلدىرلاپ ئېقىۋاتقان ئېرىقلار، يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى كۆك بىلەن بوي تالىشىپ تۇرغان سۇۋادان تېرەك ۋە مەجنۇنتاللار، ئېرىق بويىدىكى چىرايلىق ياغاچ ئورۇندۇقلار، كەڭرى كەتكەن ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانلىرى، مەيدان ئەتراپىدىكى ساياھەتچىلەرگە قولايلىق ماگىزىن ۋە ئاشپۇزۇللار... مانا بۇ مەنزىرىلەرنى كۆرگەن ھەرقانداق كىشى گويا ئوتتۇرا ئەسىر مەدەنىيىتى بىلەن زامانىۋى مەدەنىيەت ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتكەن سېھىرلىك بىر ماكانغا كېلىپ قالغاندەك ھېسسىياتتا بولىدۇ.  60 يىللىق تىرىشچانلىق، 60 يىللىق ئەجىر- مېھنەت ۋە 60 يىللىق جاپالىق «جەڭ» بەدىلىگە ئىلگىرىكى «ھالاكەت دېڭىزى» مانا بۈگۈن باغۇبوستانلىققا، ئىنسانلارنىڭ ئارامبەخش سەيلىگاھىغا، قۇش ۋە جان- جانىۋارلارنىڭ كۆڭۈللۈك ماكانىغا ئايلانغانىدى. كەڭرى كەتكەن قۇملۇق ئۆسۈملۈكلىرى باغچىسى، قۇم بارخانلىرىغا روبىرو ھالەتتە ئۇزۇندىن- ئۇزۇنغا سوزۇلغان مۇداپىئە ئورمانلىرى بۇ تىلسىماتقا تولغان سېھىرلىك ماكاننىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈرگەنىدى. مانا بۇ ئۆزگىرىشلەر يەنە ئۆز نۆۋىتىدە نىڭشيالىقلارنىڭ چېھرىدە پەخىرلىك كۈلكە پەيدا قىلغانىدى.  پاكىت شۇكى، نىڭشيالىقلار 60 يىل قۇم بارخانلىرى بىلەن «ئېلىشىپ»، قۇم بارخانلىرى «يۇتۇۋالغان» 160 مىڭ گېكتار يەرنى يېشىللىققا قايتۇردى. بۇنىڭ بىلەن، شابوتۇنىڭ يېشىللىق بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى 60 يىل ئىلگىرىكى %1 كىمۇ يەتمەيدىغان ھالەتتىن، بۈگۈنكى كۈندە %42.5كە يەتتى، بىر يىل ئىچىدىكى بورانلىق كۈن ئىلگىرىكى 330 كۈندىن ئازىيىپ، 100 كۈنگە چۈشتى، بۇ يەردىكى ئۆسۈملۈكلەر تۈرى ئىلگىرىكى 25 خىلدىن كۆپىيىپ، 450 خىلغا يەتتى، بۇ يەرنى ماكان تۇتقان قۇشلار ۋە جان- جانىۋارلارنىڭ سانىمۇ نەچچە يۈز خىلدىن ئېشىپ كەتتى. شابوتۇ قۇم تىزگىنلەش قۇرۇلۇشى مانا مۇشۇنداق كىشىنىڭ ئەقلى يەتمىگۈدەك دەرىجىدىكى كاتتا نەتىجىلىرى بىلەن دۇنيا جامائەتچىلىكى ۋە قۇم تىزگىنلەش مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ «ئىنسانىيەتنىڭ قۇم تىزگىنلەش تارىخىدىكى مۆجىزە»، «دۇنيا بويىچە 1- ئورۇندا تۇرىدىغان قۇم تىزگىنلەش قۇرۇلۇشى» دېگەن كاتتا تەرىپلىرىگە نائىل بولدى.  شۇنىسى ئېنىقكى، شابوتۇ نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇمنى تىزگىنلەش قۇرۇلۇشىدىكى ئۈلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش ھېسابلانغان بىلەن، ئۇ ھەرگىزمۇ نىڭشيانىڭ قۇم تىزگىنلەشتىكى بىردىنبىر قۇرۇلۇشى ئەمەس. يەنى، نىڭشيالىقلار قومۇشتىن شاھمات تاختىسى شەكىللىك تور توقۇش ۋە «بەش بەلباغنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئارقىلىق كۆچمە قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش يېڭى تېخنىكىسىنى شابوتۇدا قوللىنىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندىن كېيىن، بۇ تېخنىكىنى دەرھال قۇم ئاپىتى ئېغىر يەنچى ناھىيەسى، تۇڭشىن ناھىيەسى ۋە لىڭۋۇ شەھىرى قاتارلىق جايلارغا كېڭەيتىپ، ئاپتونوم رايون مىقياسىدا قۇم تىزگىنلەش بويىچە بىر مەيدان كەسكىن جەڭنى باشلىغانىدى. دەرۋەقە، بىز بۇ قېتىمقى «نىڭشيا سەپىرى»دە بۇ جايلارغىمۇ قەدەم تەشرىپ قىلىپ، قۇملۇقلارنىڭ گىرۋەكلىرىدە يېڭىدىن پەيدا بولغان مۇداپىئە ئورمانلىرى، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر بەلبېغى ۋە چېكىنگەن قۇملارنىڭ ئورنىدا يېڭىدىن پەيدا بولغان ئېتىزلارنى كۆردۇق.  نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق نازارىتى تەمىنلىگەن ماتېرىيالدا كۆرسىتىلىشىچە، نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قۇمنى تىزگىنلەش، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى ئىزچىل مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، شابوتۇ رايونى، يەنچى ناھىيەسى، تۇڭشىن ناھىيەسى ۋە لىڭۋۇ شەھىرىدىن ئىبارەت «مەملىكەت بويىچە قۇم تىزگىنلەش، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىشتىكى ئۈلگىلىك رايون»لارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، تاغنى قاشالاپ، چارۋا بېقىشنى چەكلەش، تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇش، چارۋىچىلىقتىن ئوتلاققا قايتۇرۇش، ئۈچ شىمال ئىھاتە ئورمىنى بىنا قىلىش، تەبىئىي ئورمانلارنى مۇھاپىزەت قىلىش ۋە سۇ- تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشلىرىنى كۈچەپ يولغا قويۇپ، قۇمنى تىزگىنلەش، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىدە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرگەن. «12- بەش يىل»دا نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى بېكىتكەن قۇمنى تىزگىنلەش، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنىڭ ۋەزىپىسى 300 مىڭ گېكتار بولۇپ، ئەمەلىي ئورۇندالغان كۆلەم 654 مىڭ 300 گېكتارغا يېتىپ، ۋەزىپە %218 ئورۇندالغان، 2016- يىلىغا كەلگەندە ئاپتونوم رايون بويىچە چۆللەشكەن يەر كۆلىمى 2009- يىلىدىكىگە قارىغاندا 109 مىڭ 700 گېكتار ئازايغان، ھەر يىلى ئوتتۇرىچە ئازايغان چۆللەشكەن يەر 21 مىڭ 900 گېكتاردىن توغرا كەلگەن، ئاپتونوم رايون بويىچە بەش يىلدا ئازايغان قۇملاشقان يەر كۆلىمى 37 مىڭ 700 گېكتارغا، ھەر يىلى ئوتتۇرىچە ئازايغان قۇملاشقان يەر كۆلىمى 7500 گېكتارغا يەتكەن. ئاپتونوم رايوننىڭ ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى 2009- يىلىدىكى %11.9 تىن كۆپىيىپ، 2016- يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە %12.63 كە يەتكەن. 2006- يىلىدىن بۇيان، نىڭشيا يەنە مىسىر، ماراكەش، ئالجىرىيە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق 21 دۆلەتتىن كەلگەن 170 تىن ئارتۇق خادىمنى قۇمنى تىزگىنلەش، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش تېخنىكىسى بويىچە تەربىيەلەپ، ئىنسانىيەتنىڭ مۇھىت ئاسراش ۋە قۇمنى تىزگىنلەش، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ئىشلىرىغا گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان. نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى يۇقىرىقىدەك كۆرۈنەرلىك نەتىجىلىرى بىلەن بۇلتۇر مەملىكەت بويىچە «قۇمنى تىزگىنلەش، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىدە تۆھپىسى گەۋدىلىك ئورۇن» شەرىپىگە ئېرىشكەن.
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

كۆرۈپ قويۇڭ
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى