ئۈرۈمچىئىلىچۆچەكئالتايبايىنغۇلىنبورتالاشىخەنزەسانجىقۇمۇلتۇرپانكۈيتۈنقارامايئاقسۇقىزىلسۇقەشقەرخوتەن
باش بەتخەۋەرلەر مەركىزىسۈرەت مەركىزىئەدەبىيات – سەنئەتمەدەنىيەتكىنولار– دىراممىلارئەسلىمە
ئۈنۋېرسال رادىيو سەنئەت رادىيوكەسىپ ئىستىلى  تاللاپ   ئاڭلاشئۇيغۇرچە ئۈگۈنۈشخەنزۇچە ئۈگۈنۈشئىستانسىمىز ھەققىدە
• ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار ئالاقىدار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى• 1.مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى يىلى پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى• «ئۇ كوماندا ئەزاسى، ھەم ترېنېر» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوچېرك•  يىپەك يولى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا، ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئېگىز تاغدا ئايلىنىپ چاڭغا تېيىلىش تۈرى بويىچە ئىككى ئالتۇن مېدال مەيدانغا كەلدى• ئاپتونۇم رايوننىڭ لىكسىيە ئۆمىكى پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم 8-نۆۋەتلىك كومىتېتى 10-ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ھەققىدە دوكلات بەردى• ئاۋامنىڭ كەڭ زىمىندا ئىگىلىك تىكلىشى• بىپايان جەنۇبىي شىنجاڭ زېمىنىدا كىشىلىك ھاياتنىڭ گۈزەل كارتىنىسىنى يارىتايلى• ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى• ئاپتونوم رايونلوق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزى ئۆگۈنۈش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلوق پارتكوم خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى• مائارىپ ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش• شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيىسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرمەكتە• ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش• «جەنۇپتا يىلتىز تارتقان بىر تۈپ يۇلغۇن» ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئوچرىكىنىڭ «چىن ھىسىياتنى بېغىشلاش» دېگەن ئىككىنچى قىسىمى• گۈزەل شىنجاڭنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىپ، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى• ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شامال ئېلېكتر پاكىز ئېنېرگىيەلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى نوقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى تەستىقلاندى• جۇڭشىڭ ئېنېرگىيەسى جەنۇبىي شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك كەسىپلەر بازىسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان فوتوۋولت يۈرۈشلۈك ماددىي ئەشيالىرى پاكىستانغا يەتكۈزۈلدى• ئاپتونوم رايونىمىز بىر تۈركۈم زور قاتناش ئۇل ئەسلىھەلەر تۈرىنى يولغا قويدى• تەبەسسۇملۇق چىرايلار• ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرى خىزمىتى يىغىنى ۋە ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمىتى نەق مەيدان يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى• جاھان ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتقان چولپان كەنت• شىنجاڭ ساياھەتچىلىككە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى بىلەن شىنجاڭ خۇڭيۈەن دەۋر مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى كېلىشىم ئىمزالىدى• ئاممىنى قەلبىدە ساقلاپ، پۈتۈن مۇھەببىتى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش• خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، جان- دىلى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش•  13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى• ئاپتونوم رايونىمىز دۇنيا ئىقتىسادى بىلەن بولغان جىپسىلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىشىكنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى يادرولۇق رايونغا ئايلاندى• دۇنيا زوراۋانلىق، تېررورلۇقتىن قورقۇپ قالمايدۇ• ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش• «تېررورىزىمغا زەربە بېرىشتە جەزمەن ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش كېرەك» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوبزور ئېلان قىلىندى• ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «يېزا- بازارلىق پونكىتلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى» ئېلان قىلدى•  مىترو 1- نومۇرلۇق لىنىيەسى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇنجى قوش لىنىيەسى تۇتاشتۇرۇلغان رايون ئارا تونىل بولۇپ قالدى• 5 چوڭ تەرەققىيات قارىشى ئىچىدە، يېشىل تەرەققىيات قارىشى يارقىن نوقتا بولۇپ قالدى• ئىقتىساسلىق كادىرلار جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئاچقۇچى• 5 چوڭ تەرەققىيات ئۇقۇمى ئارقىلىق ئىلمىي ھالقىشقا يىتەكچىلىك قىلىش• ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسى خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ئاساسىنى پۇختىلاش• ئورتاق قاراشنى مۇجەسسەملەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى بەت ئاچايلى•  «13- بەشيىللىق» يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپتە، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى 5 يىللىق تەرەققىيات خەرىتىسى كۆرسىتىپ بېرىلدى• ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ياڭاقچىلىققا تايىنىپ بېيىغان قېرىنداشلارنىڭ ھېكايىسى• «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتىنى ساياھەت قىلىش» قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىك ساياھەت ئاساسىي تېما پائالىيىتى رەسمىي باشلىنىدۇ
• مىسىر زوڭتوڭ سايلىمىدا مۇسۇلمان بۇرادەرلەر جەمئىيىتىگە تەۋە ھەققانىيەت پارتىيېسىنىڭ رەئىسى مورشى بىلەن سابىق زوڭلى سەفىقنىڭ بېلەتكە ئېرىشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئىككى ئورۇننى ئىگىلىگەن• 2015 - يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىز ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 5 تىرلىيون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن• ھىندىستاندا ئىسسىق ھاۋا 81 ئادەمنىڭ بېشىغا چىقتى• بىرمىدا ھەر يىلى تەخمىنەن 18 مىڭدىن 23 مىڭغىچە ئەيدىز بىمارى ئۆلۈپ كېتىدىكەن• كورىيە ئارمىيە دائىرىلىرى: چاۋشيەن يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىپ بولدى، دېدى
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئەدەبىيات- سەنئەت سېپىدىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش جەڭچىلىرىدىن بولايلى

2017-08-13 22:05:37     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى مەمتىمىن مەمتىلى
يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن يازغان «ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا خىتاب» ئاپتونوم رايونىمىزدا يۇقىرىدىن- تۆۋەنگىچە كۈچلۈك زىلزىلە قوزغىدى! پارتىيەنىڭ تەربىيەلىشى، يېتىشتۈرۈشى ۋە غەمخورلۇقىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن ئاز سانلىق مىللەت رەھبىرىي كادىر، سەنئەتچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇنغا ئوخشاش ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى زىممەمگە ئېلىپ، مەيدانىم مۇستەھكەم، بايرىقىم روشەن ھالدا ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوغداشنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولىمەن!  

مەن دېھقان بالىسى. كۆزنى يۇمۇپ- ئاچقۇچە شىنجاڭ سەنئەت يۇرتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، دۆلەتلىك 1- دەرىجىلىك مۇزىكانت بولۇپ يېتىشىپ، كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن سەنئەتچىگە ئايلاندىم. ئۆتۈپ كەتكەن ھايات مۇساپەمنى ئەسلىسەم، سەمىمىيلىك بىلەن شۇنداق ئېيتالايمەنكى، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ تەربىيەلىشى بولمىغان بولسا، مېنىڭ بۈگۈنكى كۈنۈم بولمايتتى.  ياش چاغلىرىمدا ۋەتىنىمىزنىڭ پايتەختى بېيجىڭغا تۇنجى قېتىم بېرىپ، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇزىكا- ئۇسسۇل ئىنستىتۇتى (ئەينى چاغدىكى مەركىزىي مىللەتلەر ئىنستىتۇتىنىڭ سەنئەت فاكۇلېتىتى)دا ھەر مىللەت ساۋاقداشلار بىلەن ئۇچراشتىم ھەم ئۇلار بىلەن بىر كوللېكتىپ، بىر چوڭ ئائىلىنى بىرلىكتە شەكىللەندۈردۇق. ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ياردىمىدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئائىلىسىگە ناھايىتى تېزلا سىڭىشىپ، ئۇلار بىلەن تاماق، ياتاق ۋە ئۆگىنىشتە بىللە بولۇپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆزلىشىپ كەتكەنىدىم. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كەسپىي جەھەتتىمۇ ئۈزلۈكسىز ئالغا بېسىپ تەدرىجىي يېتىلدىم. مەكتەپ پۈتكۈزگەندىن كېيىن، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىدا مەكتەپكە ئوقۇتقۇچىلىققا تاللىنىپ، شەرەپ بىلەن خەلق ئوقۇتقۇچىسى بولدۇم. ئەينى چاغدا مەن بىر تەرەپتىن ئۆگىنىپ، بىر تەرەپتىن ئوقۇتۇپ، مىللىي مۇزىكىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئوقۇغۇچىغا مىللىي سەنئەتنى ئۆگىتىش ۋە ئۇنىڭدىن ھۇزۇرلاندۇرۇشقا ئىرادە باغلىغانىدىم.  مەن شىنجاڭدا تۇغۇلۇپ، پارتىيەنىڭ نۇرى ئاستىدا ئۆسۈپ يېتىلدىم، شىنجاڭدا پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە بولغان ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشنىڭ شاھىتى بولدۇم. تارىخ ۋە تەجرىبىلەر بىزگە شۇنى ئېيتىپ بەردىكى، ھازىرقى گۈللەنگەن تەرەققىيات تەستە قولغا كەلگەن. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئاز سانلىق مىللەت مەدەنىيەت- سەنئىتى مىسلىسىز راۋاجلاندى ۋە گۈللەندى. شىنجاڭنىڭ ئۇيغۇر 12 مۇقامى ۋە مەشرىپى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىدا ب د ت پەن- مائارىپ- مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پارتىيە ۋە دۆلەت نۇرغۇن ئاز سانلىق مىللەت سەنئەتچىسىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈپ، سەنئەت يۇرتى، ئۆمەكلىرىنىڭ خىزمەت بىنالىرىنى سالدى، سەنئەتچىلەرنىڭ تۇرالغۇ شارائىتىنى ياخشىلىدى. مەن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق پارتىيەنىڭ مىللىي سىياسىتىنىڭ يېتەكچىلىكى، 19 قېرىنداش ئۆلكە، شەھەرنىڭ خالىس ياردىمىدە بارلىققا كەلتۈرگەن زور ھالقىش ۋە تەرەققىياتنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم.  تارىخ بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، شىنجاڭ ئەزەلدىن ۋەتىنىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، كۆپ مىللەت، كۆپ خىل مەدەنىيەت، كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان رايون. تارىخ ۋە رېئاللىق بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، جەمئىيەت ئىناق، مۇقىم بولغاندىلا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق بەختىيار تۇرمۇشقا ئېرىشەلەيدۇ، جەمئىيەتنىڭ ئىناق، مۇقىم بولۇشى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسى! مۇقىملىق بولغاندىلا دۈشمەننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش سۇيىقەستىنى بىتچىت قىلغىلى بولىدۇ؛ مۇقىملىق بولغاندىلا شىنجاڭنىڭ تىنچ- ئىتتىپاق چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى ۋە خەلقنىڭ تەستە قولغا كەلگەن بەختىيار تۇرمۇشىنى قوغداپ قالغىلى بولىدۇ. مەن پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت تەربىيەلىگەن ئاز سانلىق مىللەت رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، ئاڭلىقلىق بىلەن زىممەمگە ئېلىپ ۋە چىڭ تۇتۇپ، ئاچقۇچلۇق پەيتتە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىمەن. ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە جەزمەن باشتىن- ئاخىر بايرىقىمنى روشەن، مەيدانىمنى مۇستەھكەم قىلىمەن، ئاز سانلىق مىللەت پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكى، شۇنداقلا سەنئەت ئىجادىيىتى ۋە ئويۇن قويۇش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەدەنىيەتنىڭ ئادەم تەربىيەلەش، تەسىر كۆرسىتىش رولىدىن پايدىلىنىپ، قەتئىي دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرىمەن.  ئەمەلىيەت بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى، شىنجاڭنىڭ تەرەققىي قىلىپ ئىلگىرىلىشىنىڭ ئاساسىي ئۇل تېشى. ھەممىمىز ئۆز رولىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، سۆز ۋە ھەرىكىتىمىز، خىزمەت، تۇرمۇشىمىزدىكى ھەر بىر تەپسىلاتلارغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەر ۋە ئىشلار ئارقىلىق ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى بىرلىكتە قوغداش توغرىسىدا تەربىيە بېرىشىمىز ۋە ئۇلارنى شۇ بويىچە يېتەكلىشىمىز ھەم ئۇلارغا تەسىر كۆرسىتىپ تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. «ئۈچ خىل كۈچ» شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە ئېغىر زىيان سالدى، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىن ئىبارەت پىرىنسىپال مەسىلىدە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ زوراۋان- تېررورچىلارغا قاتتىق زەربە بېرىشىنى قەتئىي ھىمايە قىلىپلا قالماي، يەنە بايرىقىمىز روشەن، مەيدانىمىز مۇستەھكەم، پوزىتسىيەمىز كەسكىن ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى كۈرەش قىلىپ، ئىغۋا تاپماي، ئىغۋا تارقاتماي، ئىغۋاغا ئىشەنمەي، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ ئىنسانىيەتكە، جەمئىيەتكە، مەدەنىيلىككە قارشى رەزىل ماھىيىتىنى پاش قىلىپ، زوراۋان- تېررورچىلارنىڭ تىنچ، خاتىرجەم، بەختلىك تۇرمۇشىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا قەتئىي يول قويماي، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنى ھەممەيلەننىڭ مەسئۇلىيىتى قىلىپ، ھەممەيلەن بىرلىكتە بەرپا قىلىش، ھەممەيلەن قەدىرلەش، ھەممەيلەن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشتەك ياخشى ۋەزىيەتنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك.
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

كۆرۈپ قويۇڭ
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى