ئۈرۈمچىئىلىچۆچەكئالتايبايىنغۇلىنبورتالاشىخەنزەسانجىقۇمۇلتۇرپانكۈيتۈنقارامايئاقسۇقىزىلسۇقەشقەرخوتەن
باش بەتخەۋەرلەر مەركىزىسۈرەت مەركىزىئەدەبىيات – سەنئەتمەدەنىيەتكىنولار– دىراممىلارئەسلىمە
ئۈنۋېرسال رادىيو سەنئەت رادىيوكەسىپ ئىستىلى  تاللاپ   ئاڭلاشئۇيغۇرچە ئۈگۈنۈشخەنزۇچە ئۈگۈنۈشئىستانسىمىز ھەققىدە
• ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار ئالاقىدار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى• 1.مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى يىلى پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى• «ئۇ كوماندا ئەزاسى، ھەم ترېنېر» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوچېرك•  يىپەك يولى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا، ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئېگىز تاغدا ئايلىنىپ چاڭغا تېيىلىش تۈرى بويىچە ئىككى ئالتۇن مېدال مەيدانغا كەلدى• ئاپتونۇم رايوننىڭ لىكسىيە ئۆمىكى پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم 8-نۆۋەتلىك كومىتېتى 10-ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ھەققىدە دوكلات بەردى• ئاۋامنىڭ كەڭ زىمىندا ئىگىلىك تىكلىشى• بىپايان جەنۇبىي شىنجاڭ زېمىنىدا كىشىلىك ھاياتنىڭ گۈزەل كارتىنىسىنى يارىتايلى• ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى• ئاپتونوم رايونلوق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزى ئۆگۈنۈش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلوق پارتكوم خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى• مائارىپ ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش• شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيىسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرمەكتە• ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش• «جەنۇپتا يىلتىز تارتقان بىر تۈپ يۇلغۇن» ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئوچرىكىنىڭ «چىن ھىسىياتنى بېغىشلاش» دېگەن ئىككىنچى قىسىمى• گۈزەل شىنجاڭنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىپ، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى• ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شامال ئېلېكتر پاكىز ئېنېرگىيەلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى نوقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى تەستىقلاندى• جۇڭشىڭ ئېنېرگىيەسى جەنۇبىي شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك كەسىپلەر بازىسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان فوتوۋولت يۈرۈشلۈك ماددىي ئەشيالىرى پاكىستانغا يەتكۈزۈلدى• ئاپتونوم رايونىمىز بىر تۈركۈم زور قاتناش ئۇل ئەسلىھەلەر تۈرىنى يولغا قويدى• تەبەسسۇملۇق چىرايلار• ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرى خىزمىتى يىغىنى ۋە ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمىتى نەق مەيدان يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى• جاھان ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتقان چولپان كەنت• شىنجاڭ ساياھەتچىلىككە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى بىلەن شىنجاڭ خۇڭيۈەن دەۋر مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى كېلىشىم ئىمزالىدى• ئاممىنى قەلبىدە ساقلاپ، پۈتۈن مۇھەببىتى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش• خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، جان- دىلى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش•  13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى• ئاپتونوم رايونىمىز دۇنيا ئىقتىسادى بىلەن بولغان جىپسىلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىشىكنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى يادرولۇق رايونغا ئايلاندى• دۇنيا زوراۋانلىق، تېررورلۇقتىن قورقۇپ قالمايدۇ• ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش• «تېررورىزىمغا زەربە بېرىشتە جەزمەن ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش كېرەك» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوبزور ئېلان قىلىندى• ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «يېزا- بازارلىق پونكىتلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى» ئېلان قىلدى•  مىترو 1- نومۇرلۇق لىنىيەسى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇنجى قوش لىنىيەسى تۇتاشتۇرۇلغان رايون ئارا تونىل بولۇپ قالدى• 5 چوڭ تەرەققىيات قارىشى ئىچىدە، يېشىل تەرەققىيات قارىشى يارقىن نوقتا بولۇپ قالدى• ئىقتىساسلىق كادىرلار جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئاچقۇچى• 5 چوڭ تەرەققىيات ئۇقۇمى ئارقىلىق ئىلمىي ھالقىشقا يىتەكچىلىك قىلىش• ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسى خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ئاساسىنى پۇختىلاش• ئورتاق قاراشنى مۇجەسسەملەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى بەت ئاچايلى•  «13- بەشيىللىق» يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپتە، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى 5 يىللىق تەرەققىيات خەرىتىسى كۆرسىتىپ بېرىلدى• ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ياڭاقچىلىققا تايىنىپ بېيىغان قېرىنداشلارنىڭ ھېكايىسى• «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتىنى ساياھەت قىلىش» قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىك ساياھەت ئاساسىي تېما پائالىيىتى رەسمىي باشلىنىدۇ
• مىسىر زوڭتوڭ سايلىمىدا مۇسۇلمان بۇرادەرلەر جەمئىيىتىگە تەۋە ھەققانىيەت پارتىيېسىنىڭ رەئىسى مورشى بىلەن سابىق زوڭلى سەفىقنىڭ بېلەتكە ئېرىشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئىككى ئورۇننى ئىگىلىگەن• 2015 - يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىز ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 5 تىرلىيون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن• ھىندىستاندا ئىسسىق ھاۋا 81 ئادەمنىڭ بېشىغا چىقتى• بىرمىدا ھەر يىلى تەخمىنەن 18 مىڭدىن 23 مىڭغىچە ئەيدىز بىمارى ئۆلۈپ كېتىدىكەن• كورىيە ئارمىيە دائىرىلىرى: چاۋشيەن يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىپ بولدى، دېدى
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئاممىنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش

2017-09-18 12:19:55     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىزنىڭ «خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئاممىنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش» دېگەن ماۋزۇدىكى مەخسۇس ماقالىسى
مۇشۇ ئاينىڭ 15- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، مۇخبىر باي ناھىيەلىك ئادەم بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ مۇلازىمەت زالىدا، بىر قىسىم دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ يېڭىچە يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بىلەن شەھەر- بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى بىرلەشتۈرۈش مەسىلىسى توغرىسىدا مەسلىھەت سوراۋاتقانلىقىنى كۆردى. باي ناھىيەسى ئونباش يېزىسى كېۋەزلىك كەنتىدىكى مەمەت ئابلا مۇنداق دېدى: 2013- يىلى، قىزىمنىڭ قايتا ھاسىل بولۇش توسالغۇغا ئۇچراش خاراكتىرلىك قان ئازلىق كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلىقى ئېنىقلاندى. داۋالىتىۋاتقىنىمىزغا 4 يىل بولدى. يېڭىچە يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بىلەن شەھەر- بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ بىرلەشتۈرۈلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، ناھايىتى خۇش بولدۇم. خىزمەتچى خادىملاردىن ئاڭلىسام، پات ئارىدا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسى تارقىتىپ بېرىلىدىكەن. بۇنىڭدىن كېيىن، يېڭىچە يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش دەپتىرىنى ئېلىپ بارمىساقمۇ داۋالىنىش ھەققىنى ناھايىتى تېزلا ئاتچوت قىلدۇرالايدىغان بولدۇق. ئاتچوت قىلىنىدىغان دورا ۋە تۈرلەرمۇ كۆپىيىدىكەن. بۇ ھەقىقەتەن ياخشى سىياسەت بوپتۇ.
بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز يېڭىچە يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بىلەن شەھەر- بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى بىرلەشتۈرۈش قەدىمىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈردى. ھازىرغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بىر تۇتاش غەملىنىدىغان 14 رايوننىڭ ھەممىسى يولغا قويۇش لايىھىسىنى تۈزۈپ بولدى. قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، قۇمۇل شەھىرى قاتارلىق 5 جاي تۈزۈم جەھەتتە بىرلەشتۈرۈش ۋە يولغا قويۇشنىڭ مۇقىم بولۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. قالغان جايلار خىزمەتلەرنى تېز ئىلگىرى سۈرمەكتە. باي ناھىيەلىك ئادەم بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ كادىرى ۋاڭ چۈنجى تۇنۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، ئەسلىدىكى يېڭىچە يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان ئاپپاراتلار ۋە خىزمەتچى خادىملارنىڭ ھەممىسى ئادەم بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىدە بىرلىكتە ئىش بېجىرىدىغان بولدى. ھازىر، ناھىيەلىك يېزا ئامانەت- قەرز كوپىراتىپى بىلەن پائال ماسلاشتۇرۇش ئارقىلىق، شەھەر- يېزا ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ھەققىنى تاپشۇرۇشىغا ئىشلىتىش ئۈچۈن،  ھەق تاپشۇرۇش تېرمىنالىدىن 100دىن ئارتۇقنى ئورناتتۇق. بۇ تۈردىكى سىياسەت-- 2018- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن كېيىن رەسمىي يولغا قويۇلىدۇ. ۋاقتى كەلگەندە، ناھىيە بازىرىدىكى بارلىق ئاھالىلار ئوخشاش تەمىنات شۇنداقلا ئوخشاش بولغان ھەق تاپشۇرۇش ئۆلچىمى ۋە داۋالىنىش تۈرىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.
ئاپتونوم رايونلۇق 9- قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدا، «ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسىنى ئۈزۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك.» دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئادەم بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى «ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش» مەخسۇس ھەركىتىنى يولغا قويۇپ، 10 تۈرلۈك ۋەزىپە، 41 تۈرلۈك كونكرېت تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەمدە دەم ئېلىش ۋە پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش تەمىناتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئۆلكە ھالقىغان دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىش ھەققىنى بىۋاستە ئاتچوت قىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردىن «ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش» خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈردى.
مۇشۇ ئاينىڭ 16- كۈنى، سانجى شەھىرى گىئولوگىيە كەنتى مەھەللىسىدىكى لى جىنخۇا پېنسىيە پۇلىنىڭ كارتىغا كىرگەنلىكى توغرىسىدا قىسقا ئۇچۇر تاپشۇرىۋالدى. لى جىنخۇا ئەسلىدىكى دۆلەت كارخانىسىدىن دەم ئېلىشقا چىققان بولۇپ، 2008- يىلى 6- ئايدا، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى تولۇقلاپ تاپشۇرغاندىن كېيىن، 2008- يىلى 8- ئايدىن باشلاپ، پېنسىيە پۇلى ئېلىۋاتقانىدى. لى جىنخۇا مۇنداق دېدى: پېنسىيە پۇلىمىز يىلدىن- يىلغا ئۆسىۋاتىدۇ. 2008- يىلى، بىر ئايدا 800 يۈەندىن كۆپرەك ئالاتتىم. ھازىر، ھەر ئايدا 1 مىڭ 600 يۈەندىن كۆپرەك ئالىدىغان بولدۇم.
ياشانغانلارنىڭ تۇرمۇشى كاپالەتكە ئىگە بولدى. لى جىنخۇا ۋە ئۇنىڭ ئېرى ھەر كۈنى مەھەللىدىكى مەدەنىيەت مەيدانىغا بېرىپ، ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئوينايدىغان، بەدەن چىنىقتۇرىدىغان بولدى. بەزىدە بىللە ساياھەتكە چىقىدىغان بولدى. لى جىنخۇا مۇنداق دېدى: قىزىل ناخشىلارنى كۆپرەك ئېيتىپ، ناخشىمىز ئارقىلىق، پارتىيەنىڭ، ۋەتەننىڭ ھىممىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز. پېنسىيە پۇلىمىزنىڭ يىلدىن- يىلغا ئېشىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدۇق. ھازىر، بالىلارمۇ خاتىرجەم بولدى. ئۇلارنىڭ يۈكىنى يىنىكلىتەلىسەك، بىزمۇ خۇش بولىمىز. ئېرىم 4 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك پېنسىيە پۇلى ئالىدۇ، مەن مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پېنسىيە پۇلى ئالىمەن. بۇ 6 مىڭ يۈەن پۇل بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا تامامەن يېتىدۇ.
تەساددىپىي زەخمىلىنىش سۇغۇرتىسى ۋە ئېغىر كېسەللىكلەرنى داۋالىتىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى-- ھەر مىللەت ئاممىسىنى تېخىمۇ تولۇق كاپالەتكە ئىگە قىلدى. ئۆلكە ھالقىغان دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىش ھەققىنى بىۋاستە ئاتچوت قىلىش دائىرىسى مەملىكىتىمىزدىكى 30 ئۆلكە، شەھەرگە كېڭەيتىلىپ، سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلار بېرىش- كېلىش ئاۋارىچىلىقىدىن قۇتۇلدى. ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا ئومۇمىي خەلق تولۇق قاتنىشىش پىلانىنى مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق، كىشىلەر تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولىدىغان بولدى... پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بولۇپمۇ ئاپتونوم رايونلۇق 9- قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش تەدبىرلىرى ئەل قەلبىگە ياقتى. ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ باش بوغالتىرى ۋاڭ ۋىي مۇنداق دېدى: ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت باش تېمىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئەل قەلبىنى مۇجەسسەملەشنى خىزمەتلىرىمىزنىڭ مۇھىم چىقىش نۇقتىسى قىلدۇق. كېيىنكى قەدەمدە، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تىرىشىمىز.
سانلىق مەلۇماتلاردىن تەرەققىياتقا نەزەر: بۇ يىل 8- ئايغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش، داۋالىنىش، ئىشسىزلىق، ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش، تۇغۇت قاتارلىق 5 تۈردىكى ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتناشقانلارنىڭ سانى 25 مىليون 536 مىڭ 700 ئادەمگە يېتىپ، بۇلتۇرقىدىن 1 مىليون 243 مىڭ 300 ئادەم كۆپ بولدى. بۇ يىل 7- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تەساددىپىي زەخمىلىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە تۆلەمگە ئېرىشكەنلەرنىڭ سانى 51 مىڭ 700 ئادەم قېتىمغا، تۆلەم پۇلى 239 مىليون يۈەنگە يەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ يىل 6- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك شەھەر- بازار ئىشچى- خىزمەتچىلىرىنىڭ ئېغىر كېسەللىكلەر سۇغۇرتىسى بويىچە 370 قېتىم ھىسابات قىلىنىپ، 1 مىليون 300 مىڭ يۈەن چىقىم قىلىندى. بۇنىڭ بىلەن، ئېغىر كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغۇچىلار ئۈنۈملۈك بولغان مەبلەغ كاپالىتىگە ئىگە بولدى.
مۇتەخەسسىسلەر باھاسى: ئاپتونوم رايونلۇق 9- قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئېغىر كېسەللىكلەرنى داۋالىتىش سۇغۇرتىسى ۋە تەساددىپىي زەخمىلىنىش سۇغۇرتىسى يېڭىدىن كۆپەيتىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ «7 سۇغۇرتا، بىر ھەق» ئەندىزىسى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى پارتىگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ياڭ يۇڭ مۇنداق دېدى: ھازىر، 5 تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتناشقانلارنىڭ سانى 25 مىليون ئادەم قېتىمدىن كۆپرەككە يەتتى. بۇنىڭغا يېڭىچە يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان 11 مىليون ئادەمنى قوشساق، ئومۇمىي سان 36 مىليون ئادەمگە يېتىدۇ. بۇنىڭغا يەنە ئېغىر كېسەللىكلەرنى داۋالىتىش سۇغۇرتىسى ۋە تەساددىپىي زەخمىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلارنى قوشساق، ئومۇمىي سان 50 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئېشىشى مۇمكىن. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئىشلىرىدا، تۈزۈم ۋە سىياسەت قاتلىمىدا ھەممە ئادەم بەھرىمەن بولۇشنى ئەمەلگە ئاشۇردۇق. كېيىنكى قەدەمدە، ئىقتىسادنىڭ ئومۇمىي تەرەققىيات سەۋىيەسىگە ئاساسەن، سۇغۇرتىغا قاتناشقانلارنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەتتىن بەھرىمەن بولۇش سەۋىيەسىنى ئۈزۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرىمىز.

كۆرۈپ قويۇڭ
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى