ئۈرۈمچىئىلىچۆچەكئالتايبايىنغۇلىنبورتالاشىخەنزەسانجىقۇمۇلتۇرپانكۈيتۈنقارامايئاقسۇقىزىلسۇقەشقەرخوتەن
باش بەتخەۋەرلەر مەركىزىسۈرەت مەركىزىئەدەبىيات – سەنئەتمەدەنىيەتكىنولار– دىراممىلارئەسلىمە
ئۈنۋېرسال رادىيو سەنئەت رادىيوكەسىپ ئىستىلى  تاللاپ   ئاڭلاشئۇيغۇرچە ئۈگۈنۈشخەنزۇچە ئۈگۈنۈشئىستانسىمىز ھەققىدە
• ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار ئالاقىدار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى• 1.مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى يىلى پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى• «ئۇ كوماندا ئەزاسى، ھەم ترېنېر» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوچېرك•  يىپەك يولى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا، ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئېگىز تاغدا ئايلىنىپ چاڭغا تېيىلىش تۈرى بويىچە ئىككى ئالتۇن مېدال مەيدانغا كەلدى• ئاپتونۇم رايوننىڭ لىكسىيە ئۆمىكى پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم 8-نۆۋەتلىك كومىتېتى 10-ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ھەققىدە دوكلات بەردى• ئاۋامنىڭ كەڭ زىمىندا ئىگىلىك تىكلىشى• بىپايان جەنۇبىي شىنجاڭ زېمىنىدا كىشىلىك ھاياتنىڭ گۈزەل كارتىنىسىنى يارىتايلى• ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى• ئاپتونوم رايونلوق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزى ئۆگۈنۈش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلوق پارتكوم خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى• مائارىپ ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش• شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيىسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرمەكتە• ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش• «جەنۇپتا يىلتىز تارتقان بىر تۈپ يۇلغۇن» ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئوچرىكىنىڭ «چىن ھىسىياتنى بېغىشلاش» دېگەن ئىككىنچى قىسىمى• گۈزەل شىنجاڭنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىپ، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى• ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شامال ئېلېكتر پاكىز ئېنېرگىيەلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى نوقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى تەستىقلاندى• جۇڭشىڭ ئېنېرگىيەسى جەنۇبىي شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك كەسىپلەر بازىسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان فوتوۋولت يۈرۈشلۈك ماددىي ئەشيالىرى پاكىستانغا يەتكۈزۈلدى• ئاپتونوم رايونىمىز بىر تۈركۈم زور قاتناش ئۇل ئەسلىھەلەر تۈرىنى يولغا قويدى• تەبەسسۇملۇق چىرايلار• ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرى خىزمىتى يىغىنى ۋە ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمىتى نەق مەيدان يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى• جاھان ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتقان چولپان كەنت• شىنجاڭ ساياھەتچىلىككە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى بىلەن شىنجاڭ خۇڭيۈەن دەۋر مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى كېلىشىم ئىمزالىدى• ئاممىنى قەلبىدە ساقلاپ، پۈتۈن مۇھەببىتى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش• خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، جان- دىلى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش•  13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى• ئاپتونوم رايونىمىز دۇنيا ئىقتىسادى بىلەن بولغان جىپسىلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىشىكنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى يادرولۇق رايونغا ئايلاندى• دۇنيا زوراۋانلىق، تېررورلۇقتىن قورقۇپ قالمايدۇ• ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش• «تېررورىزىمغا زەربە بېرىشتە جەزمەن ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش كېرەك» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوبزور ئېلان قىلىندى• ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «يېزا- بازارلىق پونكىتلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى» ئېلان قىلدى•  مىترو 1- نومۇرلۇق لىنىيەسى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇنجى قوش لىنىيەسى تۇتاشتۇرۇلغان رايون ئارا تونىل بولۇپ قالدى• 5 چوڭ تەرەققىيات قارىشى ئىچىدە، يېشىل تەرەققىيات قارىشى يارقىن نوقتا بولۇپ قالدى• ئىقتىساسلىق كادىرلار جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئاچقۇچى• 5 چوڭ تەرەققىيات ئۇقۇمى ئارقىلىق ئىلمىي ھالقىشقا يىتەكچىلىك قىلىش• ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسى خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ئاساسىنى پۇختىلاش• ئورتاق قاراشنى مۇجەسسەملەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى بەت ئاچايلى•  «13- بەشيىللىق» يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپتە، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى 5 يىللىق تەرەققىيات خەرىتىسى كۆرسىتىپ بېرىلدى• ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ياڭاقچىلىققا تايىنىپ بېيىغان قېرىنداشلارنىڭ ھېكايىسى• «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتىنى ساياھەت قىلىش» قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىك ساياھەت ئاساسىي تېما پائالىيىتى رەسمىي باشلىنىدۇ
• مىسىر زوڭتوڭ سايلىمىدا مۇسۇلمان بۇرادەرلەر جەمئىيىتىگە تەۋە ھەققانىيەت پارتىيېسىنىڭ رەئىسى مورشى بىلەن سابىق زوڭلى سەفىقنىڭ بېلەتكە ئېرىشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئىككى ئورۇننى ئىگىلىگەن• 2015 - يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىز ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 5 تىرلىيون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن• ھىندىستاندا ئىسسىق ھاۋا 81 ئادەمنىڭ بېشىغا چىقتى• بىرمىدا ھەر يىلى تەخمىنەن 18 مىڭدىن 23 مىڭغىچە ئەيدىز بىمارى ئۆلۈپ كېتىدىكەن• كورىيە ئارمىيە دائىرىلىرى: چاۋشيەن يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىپ بولدى، دېدى
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

مۇھىت ئاسراش بويىچە تۈزىتىشنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرايلى

2017-09-18 19:35:06     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

گېزىتىمىز ئوبزورچىسى

يېقىنقى مەزگىلدىن بۇيان، جايلار، ئالاقىدار تارماقلار مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايوننىڭ بېجىرىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ئەرزىيەت خەتلىرىنى يوشۇرماي، ئۆزىنى قاچۇرماي، مەسئۇلىيەتتىن باش تارتماي، دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، دەرھال تۈزىتىپ، جاۋابكارلىقنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ، مۇھىت مەسىلىسىنى تۈزىتىشتە ھەقىقىي ئۈنۈم ھاسىل قىلدى. ھازىرغىچە، مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايوننىڭ بېجىرىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ئالدىنقى 26 تۈركۈمدىكى 1722 پارچە ئەرزىيەت خېتىنىڭ 1717 پارچىسى بېجىرىلدى ھەم كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى.
 
‹‹ھەقىقىي ھەرىكەتكە كېلىش››، ‹‹ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا ئىنتىلىش›› بۇ قېتىمقى مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش خىزمىتىنىڭ بىزدە قالدۇرغان چوڭقۇر تەسىرى. شۇنداق بولغاچقا، مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش خىزمىتىنىڭ تەسىرى بىلەن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مۇھىت ئاسراش ۋە تۈزەش خىزمىتى مىسلىسىز ‹‹سىناق››نى باشتىن كەچۈردى: مەسىلە ئېنىق تەكشۈرۈلدى؛ تۈگۈن ئېنىق يېشىلدى. مەسىلىلەرنى قانداق قىلغاندا ئامما رازى بولغۇدەك، تارىخنىڭ سىناقلىرىغا بەرداشلىق بېرەلىگۈدەك تۈزىتىش نۆۋەتتىكى جىددىي قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىمىز بولۇپ قالدى.
 
تۈزىتىشتە ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىش كېرەك. بۇنىڭدا نۇقتىلىق ھالدا تۈزىتىشنىڭ ئەپلەپ – سەپلەپ ئۆتكۈزۈلگەن ‹‹ساختا تۈزىتىش›› ياكى نوچىلارغا تەگكەن ‹‹ھەقىقىي تۈزىتىش›› ئىكەنلىكىگە قاراش كېرەك. ھەر قانداق ئىشنى ئەستايىدىل قىلىش كېرەك، مەسىلىنى تۈزىتىشمۇ شۇنداق، ‹‹رەسمىيەت ئۈچۈنلا قىلىش››قا ھەرگىز يول قويۇلمايدۇ. ھەر دەرىجىلىك تارماقلار ئەرزىيەت خېتىدە ئىنكاس قىلىنغان مۇھىت مەسىلىلىرى توغرىسىدا ئىدىيەدە چوڭقۇر تونۇش ھاسىل قىلىشى، بولۇپمۇ ‹‹بىرىنچى قول رەھبەر›› يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى، باشلامچىلىق بىلەن مەجبۇرىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىشى كېرەك. تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە خۇلاسە دوكلاتى يېزىش، ھېسابات دەپتىرى تۈزۈش، سانلىق مەلۇماتلارنى دوكلات قىلىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، ئۈنۈملۈك ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ‹‹مىخ›› روھى ئارقىلىق مەسىلىگە يۈزلىنىش، مەسىلىنى ھەل قىلىش، ۋەدىنى ئورۇنداش كېرەك. قىسقا مۇددەتلىك ئۈنۈم ۋە شەكىلۋازلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، رەسمىيەت ئۈچۈنلا تۈزىتىشتىن قاتتىق ساقلىنىش كېرەك.
 
شۇنىڭ بىلەن بىللە، تەكشۈرۈش سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىپ، تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇپ، ھەقىقىي نازارەت قىلىش كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا، تۈزىتىش خىزمىتىنى باشتىن – ئاخىر ياخشى ئېلىپ بارغىلى، يېرىم يولدا توختىتىپ قويماي، قەلبتىن، ھەرىكەتتىن ‹‹ھەقىقىي تۈزەتكىلى››، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك ‹‹جاھىل كېسەل››لەرنى يىلتىزىدىن يوقاتقىلى بولىدۇ.
 
تۈزىتىشتە ‹‹كۈدە ئورۇغاندەك››، بىر قېتىم ئورۇسا قايتىدىن ئۆسۈپ چىققاندەك ئىش قىلىشقا بولمايدۇ. قايتما ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش بىلەن بىللە، بۇنى پۇرسەت بىلىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئىلمىي تەدبىر قوللىنىپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك خىزمەت مېخانىزمىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش كېرەك. ئەمەلىيەتتە، ھازىر ئىنكاس قىلىنغان ئومۇمىي خاراكتېرىگە ئىگە، ئۇزاق مۇددەتلىك بەزى مەسىلىلەرنىڭ پەيدا بولۇش تۇپرىقى ۋە مەنبەسى بار، بۇلارنى بىر قېتىم نازارەت قىلىپلا تەلتۆكۈس ھەل قىلغىلى بولمايدۇ. يىلتىزىنى چوڭقۇر كولاپ، تۇپرىقىنى يوقىتىپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرگەندىلا، مەسىلىنى ھەقىقىي ھەل قىلغىلى بولىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى يېقىندا ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى پىكرى››نى، ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش نازارىتى ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىت ئاسراشقا دائىر ئەرزىيەت – پاش قىلىش خېتىنى بېجىرىش خىزمىتى ۋاقىتلىق بەلگىلىمىسى››نى ئېلان قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى مۇھىت ئاسراش يۈرۈشلۈك لايىھەسىنى تۈزۈپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك خىزمەت مېخانىزمى ئورناتتى؛ بىڭتۈەن مۇھىتقا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش چارىسىنى ئېلان قىلىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۆمۈرۋايەت سۈرۈشتۈرىدىغان بولدى... تۈزۈم خاراكتېرلىك بۇ تەدبىرلەر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشقا ئالاقىدار ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىشتا تېخىمۇ ئەمەلىيەتچىل بولغانلىقى، ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىشنى ئاساس قىلغانلىقىنى نامايان قىلدى. بۇ ئۆزگىرىشلەر كىشىنى خۇشال قىلىدۇ.
 
نەتىجە ھاسىل قىلىشتا ئەمر – پەرمان بولسىلا يېتەرلىك ئەمەس، تۈزىتىشتە جاۋابكارلىقنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. مۇھىت بۇلغىنىشىنى تۈزەشتە، ئاۋۋال ئادەملەرنى تۈزەش كېرەك، مەسىلىلەرنى تۈزىتىش بىلەن بىللە نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش، تەكشۈرۈش، بىرتەرەپ قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، قارشىلىشىپ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلارنى بايقىغان ھامان جازالاش، ھەرگىز ئۆتكۈزۈۋەتمەسلىك، ‹‹كېيىنكى قېتىم يەنە بولۇپ قالمىسۇن›› دېمەسلىك كېرەك. ئىنتىزامنى قاتتىق ئىجرا قىلىش، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلارنى چوقۇم جازالاش، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى چوقۇم سۈرۈشتۈرۈش دائىملاشتۇرۇلسا، ئىنتىزامنى قاتتىق ئىجرا قىلىش، نازارەت قىلىش ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش خىزمىتىنىڭ ھەر قايسى ھالقىلىرىدا ئومۇملاشتۇرۇلسا، كىممۇ تۈزۈمنى بىر پارچە قۇرۇق ھۆججەت دېيەلەيدۇ؟
 
مۇھىت ئاسراش بويىچە تۈزىتىشتە ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە ئەڭ زور دەرىجىدە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تۈزىتىش باسقۇچىغا قەدەم قويغاندا، مۇھىتنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغايدىغان ھەم قانۇن، نىزامغا ئۇيغۇن بولمىغان ‹‹تارقاق، قالايمىقان، مەينەت›› كارخانىلارنى قانۇن بويىچە تاقاش، ئەمەلدىن قالدۇرۇش، قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئازايتىش كېرەك. بۇ جەرياندا، قىسمەن ئاممىنىڭ مۇھىت ئاسراشقا مۇناسىۋەتلىك مۇۋاپىق دەۋا تەلەپلىرىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئاممىنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا ئېتىبار بېرىپ، سىياسەت بويىچە ئىش بېجىرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، تۈرگە ئايرىپ رەتكە تۇرغۇزۇپ، يېتەكلەش بىلەن توسۇشنى بىرلەشتۈرۈپ، مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشىمىز، تاقىۋېتىش، چېقىۋېتىش بىلەنلا بولدى قىلماسلىقىمىز كېرەك.
 
مۇھىت ئاسراش بويىچە تۈزىتىشنىڭ ئەمەلىي نەتىجىلىرى ئارقىلىق ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنىڭ ئۇزاق يىللىق بەخت – سائادىتىگە ئېرىشىش كېرەك. مۇھىت ئاسراش بويىچە تۈزىتىشتىن ئىبارەت ئەلرايىغا مۇناسىۋەتلىك بۇ مەسىلىدە ئىككىلەنمەسلىك، ئارىسالدى بولماسلىق، ئۇنى كەم – كوتسىز ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.
 
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

كۆرۈپ قويۇڭ
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى