ئۈرۈمچىئىلىچۆچەكئالتايبايىنغۇلىنبورتالاشىخەنزەسانجىقۇمۇلتۇرپانكۈيتۈنقارامايئاقسۇقىزىلسۇقەشقەرخوتەن
باش بەتخەۋەرلەر مەركىزىسۈرەت مەركىزىئەدەبىيات – سەنئەتمەدەنىيەتكىنولار– دىراممىلارئەسلىمە
ئۈنۋېرسال رادىيو سەنئەت رادىيوكەسىپ ئىستىلى  تاللاپ   ئاڭلاشئۇيغۇرچە ئۈگۈنۈشخەنزۇچە ئۈگۈنۈشئىستانسىمىز ھەققىدە
• ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار ئالاقىدار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى• 1.مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى يىلى پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى• «ئۇ كوماندا ئەزاسى، ھەم ترېنېر» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوچېرك•  يىپەك يولى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا، ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئېگىز تاغدا ئايلىنىپ چاڭغا تېيىلىش تۈرى بويىچە ئىككى ئالتۇن مېدال مەيدانغا كەلدى• ئاپتونۇم رايوننىڭ لىكسىيە ئۆمىكى پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم 8-نۆۋەتلىك كومىتېتى 10-ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ھەققىدە دوكلات بەردى• ئاۋامنىڭ كەڭ زىمىندا ئىگىلىك تىكلىشى• بىپايان جەنۇبىي شىنجاڭ زېمىنىدا كىشىلىك ھاياتنىڭ گۈزەل كارتىنىسىنى يارىتايلى• ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى• ئاپتونوم رايونلوق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزى ئۆگۈنۈش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلوق پارتكوم خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى• مائارىپ ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش• شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيىسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرمەكتە• ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش• «جەنۇپتا يىلتىز تارتقان بىر تۈپ يۇلغۇن» ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئوچرىكىنىڭ «چىن ھىسىياتنى بېغىشلاش» دېگەن ئىككىنچى قىسىمى• گۈزەل شىنجاڭنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىپ، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى• ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شامال ئېلېكتر پاكىز ئېنېرگىيەلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى نوقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى تەستىقلاندى• جۇڭشىڭ ئېنېرگىيەسى جەنۇبىي شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك كەسىپلەر بازىسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان فوتوۋولت يۈرۈشلۈك ماددىي ئەشيالىرى پاكىستانغا يەتكۈزۈلدى• ئاپتونوم رايونىمىز بىر تۈركۈم زور قاتناش ئۇل ئەسلىھەلەر تۈرىنى يولغا قويدى• تەبەسسۇملۇق چىرايلار• ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرى خىزمىتى يىغىنى ۋە ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمىتى نەق مەيدان يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى• جاھان ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتقان چولپان كەنت• شىنجاڭ ساياھەتچىلىككە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى بىلەن شىنجاڭ خۇڭيۈەن دەۋر مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى كېلىشىم ئىمزالىدى• ئاممىنى قەلبىدە ساقلاپ، پۈتۈن مۇھەببىتى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش• خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، جان- دىلى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش•  13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى• ئاپتونوم رايونىمىز دۇنيا ئىقتىسادى بىلەن بولغان جىپسىلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىشىكنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى يادرولۇق رايونغا ئايلاندى• دۇنيا زوراۋانلىق، تېررورلۇقتىن قورقۇپ قالمايدۇ• ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش• «تېررورىزىمغا زەربە بېرىشتە جەزمەن ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش كېرەك» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوبزور ئېلان قىلىندى• ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «يېزا- بازارلىق پونكىتلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى» ئېلان قىلدى•  مىترو 1- نومۇرلۇق لىنىيەسى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇنجى قوش لىنىيەسى تۇتاشتۇرۇلغان رايون ئارا تونىل بولۇپ قالدى• 5 چوڭ تەرەققىيات قارىشى ئىچىدە، يېشىل تەرەققىيات قارىشى يارقىن نوقتا بولۇپ قالدى• ئىقتىساسلىق كادىرلار جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئاچقۇچى• 5 چوڭ تەرەققىيات ئۇقۇمى ئارقىلىق ئىلمىي ھالقىشقا يىتەكچىلىك قىلىش• ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسى خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ئاساسىنى پۇختىلاش• ئورتاق قاراشنى مۇجەسسەملەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى بەت ئاچايلى•  «13- بەشيىللىق» يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپتە، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى 5 يىللىق تەرەققىيات خەرىتىسى كۆرسىتىپ بېرىلدى• ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ياڭاقچىلىققا تايىنىپ بېيىغان قېرىنداشلارنىڭ ھېكايىسى• «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتىنى ساياھەت قىلىش» قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىك ساياھەت ئاساسىي تېما پائالىيىتى رەسمىي باشلىنىدۇ
• مىسىر زوڭتوڭ سايلىمىدا مۇسۇلمان بۇرادەرلەر جەمئىيىتىگە تەۋە ھەققانىيەت پارتىيېسىنىڭ رەئىسى مورشى بىلەن سابىق زوڭلى سەفىقنىڭ بېلەتكە ئېرىشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئىككى ئورۇننى ئىگىلىگەن• 2015 - يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىز ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 5 تىرلىيون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن• ھىندىستاندا ئىسسىق ھاۋا 81 ئادەمنىڭ بېشىغا چىقتى• بىرمىدا ھەر يىلى تەخمىنەن 18 مىڭدىن 23 مىڭغىچە ئەيدىز بىمارى ئۆلۈپ كېتىدىكەن• كورىيە ئارمىيە دائىرىلىرى: چاۋشيەن يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىپ بولدى، دېدى
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ چاچ قويۇش ئادىتى

2017-09-19 20:11:28     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىنسانلار ئۆزىنى بىلىشكە باشلىغاندىن تارتىپ، ئۆز بەدىنىدىكى ھەرقايسى تەركىبىي قىسىملارنى ۋە ئۇلارنىڭ روللىرىنى تونۇپ يېتىش بىلەن بىللە، شۇ تەركىبىي قىسىملارنى ئۆزلىرىنىڭ ئېستېتىك قاراشلىرى ئاساسىدا ئۆز لايىقىدا گۈزەللەشتۈرگەن.
چاچ ئىنسانلار بەدىنىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمى بولۇپ، ئۇنىڭ ئاساسلىق رولى- يازدا باشقا چۈشكەن كۈن نۇرى ۋە ئىسسىقلىقنى تارقىتىش، قىشتا باشنى ئىسسىق ساقلاش ھەمدە باش تېرىسىنى تۈرلۈك خىمىيىلىك ماددا ھەم نۇر قاتارلىق فىزىكىلىق زەخمىلەردىن ساقلاشتىن ئىبارەت. ئەمما چاچنىڭ ئادەمگە گۈزەللىك بېغىشلاشتىن ئىبارەت بۇ رولىغىمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ، كۆركەم، چىرايلىق، يارىشىملىق چاچ شەكىللىرى ئارقىلىق شۇ كىشىنىڭ چىراي گۈزەللىكىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. قەدىمدىن تارتىپ ئاياللار ئەرلەرگە قارىغاندا گۈزەللىككە بەكرەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەنلىكتىن چاچ پوسۇنى جەھەتتىمۇ ئەرلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ ئەھمىيەت بەرگەن.
بىر ئايالنىڭ چاچ شەكلى پەقەت شۇ ئايالنىڭ گۈزەللىكىنى ئاشۇرۇپلا قالماستىن بەلكى شۇ ئايال ۋەكىللىك قىلغان مەلۇم بىر مىللەتنىڭ مەلۇم بىر تارىخىي دەۋرىدىكى مەدەنىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدۇ. ئۇيغۇر ئاياللىرى قەدىمدىن تارتىپ، پاكىز ياسىنىپ يۈرۈشكە ئادەتلەنگەن بولۇپ، ئۆز چېچىنىڭ گۈزەللىكىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، چاچنى ھەرخىل شەكىلدە ياسىغان ۋە جىگدە يىلىمى، تۇخۇم، ناۋات، ئوسما، سىيادان قاتارلىق چاچقا پايدىلىق نەرسىلەرنى ئىشلىتىش ئارقىلىق چېچىنى ئاسرىغان ۋە چاچنىڭ ئۇزۇن، توم، كۆركەم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ كەلگەن. ئۇيغۇر ئاياللىرىغا نىسبەتەن ئۇزۇن چاچ گۈزەللىكنىڭ بەلگىسى. ئۇيغۇر  ئاياللىرىنىڭ گۈزەللىكىنى چاچتىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ. چاچ بىلەن ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ گۈزەللىكى ناھايىتى زىچ ئورگانىك بىرىكىپ كەتكەن. ئۇلار باشتىن-ئاخىر ئۇزۇن چاچ قويۇشنى بىر خىل ئەنئەنە سۈپىتىدە داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ھەمدە بىر قاتار چاچ ياساش  ئۇسۇللىرىنى ئىجاد قىلغان. تارىختىن بۇيان خەلقىمىز ئىچىدىكى ئاياللارغا ئائىت بولغان گۈزەللىك قاراشلىرىدا ئۇزۇن، توم بولغان سۈمبۇل چاچ مۇھىم ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن. ئاتىلار سۆزلىرىدىمۇ خەلقىمىزنىڭ چاچقا بولغان ئالاھىدە چۈشەنچىلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. خەلق ناخشا-قوشاقلىرىدىمۇ ئاياللارنىڭ چاچ گۈزەللىكى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.               
ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ قەدىمدىن تارىتپ ھازىرغىچە ئاساسلىق چاچ ياساش شەكلى چاچنى ئۆرۈش، يەنى ئۆرۈمە چاچ شەكلىدىن ئىبارەت، چاچنى ئۆرۈشنىڭ ئاساسلىق ئۇسۇلى بولسا چاچ ئۈچ بۆلەككە ئايرىلىپ، بۇ ئايرىلغان ھەر بىر بۆلەكلەر رەتلىك ھالدا بىر-بىرىگە كىرىشتۈرۈلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئالتە تال چاچنى بىر قىلىپ ئۆرۈيدىغان ئەھۋاللارمۇ بار.
ئۇيغۇر ئاياللىرىدا ئۈرۈمە چاچ قويۇشتا بىر يۈرۈش ئادەتلەر شەكىللەنگەن. ئۇيغۇرلاردا توي قىلمىغان قىزلارنىڭ چېچى 21،17، 15 ھەتتا 41 تال قىلىپ ئۆرۈلىدۇ. ھەرگىز جۈپ ئۆرۈلمەيدۇ ھەمدە توي قىلمىغان قىزنىڭ پىشانىسىدە كوكۇلا چېچى بولىدۇ، قىزنىڭ تويى بولىدىغان كۈنى ئۇنىڭ َگەجگە قىسمىدىكى چاچ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم چۈشۈرىلىدۇ. توي قىلىپ ئەتىسى ياكى بىر قانچە كۈندىن كېيىن قىز ياكى چوكاننىڭ كوكۇلا چېچى ئىككى تەرىپىگە قايرىلىدۇ. ئۇزۇن سۇمبۇل چاچلىرى جۈپ ئۆرۈلىدۇ، چاچنى جۈپ ئۆرۈش ياتلىق بولغانلىقنىڭ ئىپادىسى ھېساپلىنىدۇ. ئېرىدىن ئايرىلغان ياش ئاياللار جۇۋان دېيىلىپ، ئۇلار ياڭاق سىكىلەك قويۇش بىلەن بىللە، چېچىنى 9،7،5 ... تال قىلىپ تاق ئۆرۈۋالىدۇ. بۇ تۇللۇقنىڭ بەلگىسى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.
ئۇيغۇر ئاياللىرى چاچ مەدەنىيىتىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، چاچنى بەخت ۋە بايلىق دەپ قارايدىغان بولغاچقا، چۈشكەن چاچلارنى ھەرگىزمۇ يەرگە قالايمىقان تاشلىماي يىغىپ ساقلايدۇ، بەزى يەرلەردە يەنە كېچىدە چاچ تارىمايدىغان ئادەت بار، ئاياللار چاچ تارايدىغان ئورۇن جەھەتتىنمۇ بىر قىسىم ئادەتلەر بار بولۇپ، ئادەتتە كۈن نۇرى چۈشكەن جايلاردا چاچ تارالمايدۇ، ئەمىلىيەتتە بۇ خىل ئادەتلەر بەلكىم مەينەت نەرسىلەرنى قالدۇرماسلىق سەۋەبىدىن بولسا كېرەك. تازلىق ئادىتىمىزگە ماسلاشقان ئادەت بولۇپ، بۇنداق بولغاندا چاچنىڭ قالايمىقان يەرلەردە چېلىقىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
يۇقۇرقىلاردىن باشقا، چاچ تاراش جەھەتتىنمۇ بىر قىسىم ئادەتلەر بار. ئۇيغۇر ئاياللىرىدا چاچنى قۇرۇق تاراش چەكلىنىدۇ. بۇ ئادەتمۇ چاچنىڭ ساغلاملىقىغا پايدىلىق بولۇپ، چاچنى ھۆللەپ تارىغاندا چاچقا زەخمە يېرىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
جەمئىيەتنىڭ ئۆزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشى، تۇرمۇش رېتىمىنىڭ تېزلىشىشگە ئەگىشىپ، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ چاچ مەدەنىيىتىدىمۇ ئۆزگىرىشلەر بولدى.

كۆرۈپ قويۇڭ
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى