ئۈرۈمچىئىلىچۆچەكئالتايبايىنغۇلىنبورتالاشىخەنزەسانجىقۇمۇلتۇرپانكۈيتۈنقارامايئاقسۇقىزىلسۇقەشقەرخوتەن
باش بەتخەۋەرلەر مەركىزىسۈرەت مەركىزىئەدەبىيات – سەنئەتمەدەنىيەتكىنولار– دىراممىلارئەسلىمە
ئۈنۋېرسال رادىيو سەنئەت رادىيوكەسىپ ئىستىلى  تاللاپ   ئاڭلاشئۇيغۇرچە ئۈگۈنۈشخەنزۇچە ئۈگۈنۈشئىستانسىمىز ھەققىدە
• ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار ئالاقىدار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى• 1.مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى يىلى پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى• «ئۇ كوماندا ئەزاسى، ھەم ترېنېر» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوچېرك•  يىپەك يولى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا، ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئېگىز تاغدا ئايلىنىپ چاڭغا تېيىلىش تۈرى بويىچە ئىككى ئالتۇن مېدال مەيدانغا كەلدى• ئاپتونۇم رايوننىڭ لىكسىيە ئۆمىكى پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم 8-نۆۋەتلىك كومىتېتى 10-ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ھەققىدە دوكلات بەردى• ئاۋامنىڭ كەڭ زىمىندا ئىگىلىك تىكلىشى• بىپايان جەنۇبىي شىنجاڭ زېمىنىدا كىشىلىك ھاياتنىڭ گۈزەل كارتىنىسىنى يارىتايلى• ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى• ئاپتونوم رايونلوق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزى ئۆگۈنۈش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلوق پارتكوم خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى• مائارىپ ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش• شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيىسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرمەكتە• ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش• «جەنۇپتا يىلتىز تارتقان بىر تۈپ يۇلغۇن» ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئوچرىكىنىڭ «چىن ھىسىياتنى بېغىشلاش» دېگەن ئىككىنچى قىسىمى• گۈزەل شىنجاڭنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىپ، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى• ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شامال ئېلېكتر پاكىز ئېنېرگىيەلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى نوقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى تەستىقلاندى• جۇڭشىڭ ئېنېرگىيەسى جەنۇبىي شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك كەسىپلەر بازىسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان فوتوۋولت يۈرۈشلۈك ماددىي ئەشيالىرى پاكىستانغا يەتكۈزۈلدى• ئاپتونوم رايونىمىز بىر تۈركۈم زور قاتناش ئۇل ئەسلىھەلەر تۈرىنى يولغا قويدى• تەبەسسۇملۇق چىرايلار• ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرى خىزمىتى يىغىنى ۋە ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمىتى نەق مەيدان يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى• جاھان ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتقان چولپان كەنت• شىنجاڭ ساياھەتچىلىككە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى بىلەن شىنجاڭ خۇڭيۈەن دەۋر مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى كېلىشىم ئىمزالىدى• ئاممىنى قەلبىدە ساقلاپ، پۈتۈن مۇھەببىتى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش• خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، جان- دىلى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش•  13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى• ئاپتونوم رايونىمىز دۇنيا ئىقتىسادى بىلەن بولغان جىپسىلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىشىكنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى يادرولۇق رايونغا ئايلاندى• دۇنيا زوراۋانلىق، تېررورلۇقتىن قورقۇپ قالمايدۇ• ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش• «تېررورىزىمغا زەربە بېرىشتە جەزمەن ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش كېرەك» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوبزور ئېلان قىلىندى• ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «يېزا- بازارلىق پونكىتلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى» ئېلان قىلدى•  مىترو 1- نومۇرلۇق لىنىيەسى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇنجى قوش لىنىيەسى تۇتاشتۇرۇلغان رايون ئارا تونىل بولۇپ قالدى• 5 چوڭ تەرەققىيات قارىشى ئىچىدە، يېشىل تەرەققىيات قارىشى يارقىن نوقتا بولۇپ قالدى• ئىقتىساسلىق كادىرلار جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئاچقۇچى• 5 چوڭ تەرەققىيات ئۇقۇمى ئارقىلىق ئىلمىي ھالقىشقا يىتەكچىلىك قىلىش• ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسى خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ئاساسىنى پۇختىلاش• ئورتاق قاراشنى مۇجەسسەملەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى بەت ئاچايلى•  «13- بەشيىللىق» يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپتە، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى 5 يىللىق تەرەققىيات خەرىتىسى كۆرسىتىپ بېرىلدى• ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ياڭاقچىلىققا تايىنىپ بېيىغان قېرىنداشلارنىڭ ھېكايىسى• «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتىنى ساياھەت قىلىش» قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىك ساياھەت ئاساسىي تېما پائالىيىتى رەسمىي باشلىنىدۇ
• مىسىر زوڭتوڭ سايلىمىدا مۇسۇلمان بۇرادەرلەر جەمئىيىتىگە تەۋە ھەققانىيەت پارتىيېسىنىڭ رەئىسى مورشى بىلەن سابىق زوڭلى سەفىقنىڭ بېلەتكە ئېرىشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئىككى ئورۇننى ئىگىلىگەن• 2015 - يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىز ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 5 تىرلىيون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن• ھىندىستاندا ئىسسىق ھاۋا 81 ئادەمنىڭ بېشىغا چىقتى• بىرمىدا ھەر يىلى تەخمىنەن 18 مىڭدىن 23 مىڭغىچە ئەيدىز بىمارى ئۆلۈپ كېتىدىكەن• كورىيە ئارمىيە دائىرىلىرى: چاۋشيەن يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىپ بولدى، دېدى
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

نامرات ئاممىنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن ...

2017-10-10 19:11:07     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

− پوسكام ناھىيەسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرگەنلىكى توغرىسىدا

 ئالتۇن كۈزدىكى پوسكام مول ھوسۇل شادلىقىغا چۆمگەنىدى.

  پوسكام ناھىيەسىنىڭ سەيلى يېزىسى قوزىمال كەنتىگە بارغىنىمدا، كۆز ئالدىمدا گۈزەل سەھرا مەنزىرىسى نامايان بولدى، كەنت نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىغان، كەنتتىكى 123 نامرات ئائىلە ئۆز قەرەلىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلغانىدى، تاملىرى سېرىق سىرلانغان نەچچە يۈز «ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش» ئۆيى رەتلىك سېلىنغانىدى، ھەممە ئۆينىڭ ئىشىك ئالدىدا گۈل ئۆستۈرۈلگەن، كەنتتىكى ئاسفالت يول تەرەپ- تەرەپكە تۇتاشقانىدى...

  قوزىمال كەنتى پوسكام ناھىيەسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنىڭ كارتىنىسىنى نامايان قىلغانىدى.

    ئائىلىلەرگىچە يۆلەندى، كەنتتىكىلەر ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلدى

  قوزىمال كەنتىدىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلغان دېھقان ھەمدۇللا ياسىننى زىيارەت قىلغىنىمدا، ئۇ ناھىيە تارقاتقان «نامراتلىقتىن قۇتۇلغانلىق شەرەپ گۇۋاھنامىسى»نى كۆرسىتىپ مۇنداق دېدى: مەن ئەمدى نامرات ئەمەس، بۇنىڭدىن شەرەپ ھېس قىلىمەن.

  قوزىمال كەنتى ئىلگىرى پوسكام ناھىيەسىدىكى يۆلەش- ئېچىشتىكى نۇقتىلىق كەنت ئىدى، ناھىيەلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ كادىرى خۇ گوجيې مۇنداق دېدى: بۇ كەنتتە 123 نامرات ئائىلە، 515 نامرات نوپۇس بار ئىدى، ئۇلار ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %54.84ىنى ئىگىلەيتتى.

  كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى 123 نامرات ئائىلىنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن، يېزىلىق پارتكوم ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ىنىڭ قوللىشى بىلەن، «ئىككىدىن خالاس قىلىش، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى چۆرىدەپ، دەل جايىدا يۆلەشنى ئىلگىرى سۈردى، كەنت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش پىلانىنى ئىلمىي تۈزۈپ، «گۇرۇپپا بويىچە پىلانلاش، ئائىلىلەرگىچە ياردەم بېرىش، مەسئۇلىيەتنى ئادەمگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش» ئومۇمىي تەسەۋۋۇرى بويىچە، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش لايىھەسىنى كۆڭۈل قويۇپ تۈزدى.

  ئۆيمۇ ئۆي زىيارەت قىلىش، ئېتىز- ئېرىق بويلىرىغىچە بېرىپ ئەھۋال ئىگىلەش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش توغرىسىدا تەشۋىق- تەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئەتراپتىكى ئىشلارنى تەشۋىق قىلىپ، كىشىلەرنى تەربىيەلەپ، «نامراتلارنى يۆلەشتىكى سۇبيېكت ۋە ئاچقۇچ − ئۆزىمىز» دېگەن ئىدىيەنى كۈچەيتتى. تېرىقچىلىق، باغۋەنچىلىك، چارۋىچىلىق- باقمىچىلىق تېخنىكىسى ۋە ئايال پارتىيە ئەزالىرىنى كەشتىچىلىك- تىككۈچىلىك ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەش قاتارلىق مەخسۇس تەربىيەلەش شەكلى ئارقىلىق پارتىيە ئەزالىرىنىڭ تېخنىكا ئىگىلەپ، ماھارەت ئۆگىنىپ، باشلامچىلىق بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشى، ئۈلگە كۆرسىتىپ يېتەكلىشى ۋە ئاممىنى بېيىتىدىغان كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇشقا ياردەم بېرىشى ئورتاق بېيىشنى ئىلگىرى سۈردى. ئىككى يىلغا يېقىن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق 2016- يىلى كەنتتىكى 123 نامرات ئائىلە قەرەلىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدى.

    «نامراتلىق يىلتىزى» توغرا تېپىلدى، «رېتسېپ» توغرا يېزىلدى

  قوزىمال كەنتىدىكى ئۆزگىرىش پوسكام ناھىيەسىدىكى ئايرىم ئەھۋال ئەمەس.

  پوسكام ناھىيەسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىدا، دەل جايىدا كاپالەتلەندۈرۈشنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ ئالدىنقى شەرتى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «نامراتلىق يىلتىزى»نى توغرا تېپىپ، «رېتسېپ»نى توغرا يېزىپ، «كېسەل»گە قاراپ «دورا» بېرىپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزىدى. ناھىيەدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى ۋە كادىرلار ئائىلىلەرنى ھۆددىگە ئېلىپ زىيارەت قىلىش پائالىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئۇچۇرىنى تەكشۈرۈپ دەلىللەش، يۆلەش ئوبيېكتلىرىنىڭ ئارخىپلىرى ھەقىقىي، ئەمەلىي، پۇختا بولماسلىق مەسىلىلىرىنى ھەقىقىي ھەل قىلىشقا تەشكىللەپ، 32 نامرات كەنت، 101 «پاسىل كەنت»تىكى 37 مىڭ 769 نامراتنىڭ ئۇچۇرىنى قايتا تەكشۈرۈپ بېكىتىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك تاماملىدى.

  پوسكام ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئەن جۈنلې مۇنداق دېدى: پوسكام ناھىيەسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا كەسىپ ئارقىلىق يۆلەشنى ئاچقۇچ قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تىرەكلىك رولىنى مۇستەھكەملەپ، نامرات ئائىلىلەرنى ھويلا- ئاران ئىگىلىكىنى پائال راۋاجلاندۇرۇشقا يېتەكلەپ ۋە ئۇنىڭغا ياردەم بېرىپ، ھويلا- ئاران ئىگىلىكى بويىچە يۆلەش تۈرىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدى؛ باغۋەنچىلىكنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇش ئاساسىدا، مەھسۇلات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى ھەم بازار ئېچىش ۋە كۇرسلۇق مەھسۇلات قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مەھسۇلات قوشۇلما قىممىتىنى ئاشۇرۇپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتتى.

  ئۇقۇشىمچە، پوسكام ناھىيەسى ئىككى يىلدىن بۇيان باغۋەنچىلىكنى سەرخىللاشتۇرۇش، كۈچەيتىش بىلەن بىللە، كۆكتاتچىلىق قاتارلىقلارنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ، بەش نامرات كەنت، 1407 ئائىلىدىكى 5042 كىشىنى نەپكە ئېرىشتۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، 20 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ يېڭىدىن ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى پارنىكىدىن 300نى ياساپ، 150 ئائىلىدىكى 535 نامراتنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولغان. 40 مىڭ مو تۆۋەن ئۈنۈملۈك باغنى ئۆزگەرتىپ، 5604 ئائىلىدىكى 20 مىڭ نامراتنى نەپكە ئېرىشتۈرگەن. 2635 قوتان، 304 كاتەك سېلىپ، 14 مىڭ 600 چارۋا، 94 مىڭ ئۆي قۇشى سېتىۋېلىپ، 3000 نەچچە ئائىلىدىكى 10 مىڭدىن كۆپرەك نامراتنى نەپكە ئېرىشتۈرگەن.

  پوسكام ناھىيەسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە نامرات ئائىلىلەردىكىلەرنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى پائال يۆلىدى. 7875 نامرات ئائىلىنىڭ بانكىدىن 254 مىليون يۈەن قەرز پۇل ئېلىشىغا ياردەم بېرىپ، ئۇلارنى ئىگىلىك تىكلەش مەبلەغ ياردىمى بىلەن كاپالەتلەندۈردى؛ «باش ئىشتاب + ھەمراھ زاۋۇت + يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى + ئېلېكتىرونلۇق سودا» بويىچە يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئەندىزىسى ۋە «دۆلەت تىلى + ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش»بويىچە سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىش ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، 3263 نامرات ئەمگەكچىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى.

    بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، «نامراتلىق يىلتىزى»نى يۇلۇپ تاشلىدى

  − «نامراتلىق يىلتىزى»نى يۇلۇپ تاشلاشتا كادىرلار ئاچقۇچ، − دېدى ئەن جۈنلې. پوسكام ناھىيەسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتلاممۇقاتلام ئەمەلىيلەشتۈرۈشتەك خىزمەت ئەندىزىسىنى بەرپا قىلدى، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت كادىرلىرى راستچىل بولۇش تەلىپى، ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئىستىلى ۋە يۇقىرى ئۆلچەمنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى قاتلاممۇقاتلام چىڭىتىپ، قاتلاممۇقاتلام بېسىم شەكىللەندۈردى. «ئىككىنى تولۇق قاپلاش قۇرۇلۇشى»نى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈردى، ناھىيەدىكى يۆلەشكە قاتناشقان ئورۇن ۋە كادىرلار جەمئىي 46 مىليون 241 مىڭ 700 يۈەن يۆلەش مەبلىغى ئاجرىتىپ، 8 مىليون 771 مىڭ 400 يۈەن يۆلەش مەبلىغىنى ماسلاشتۇرۇپ، 32 تۈرگە بىۋاسىتە مەبلەغ سالدى، 84 تۈرنى ماسلاشتۇرۇپ كىرگۈزدى، 1010 نامرات ئوقۇغۇچىغا ياردەم قىلدى.

  مائارىپ ئارقىلىق يۆلەپ، بارلىق نامرات ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتە ئوقۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. پوسكام ناھىيەسى 15 يىللىق ھەقسىز مائارىپنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، 250 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ «قوش تىل» تەجرىبە تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى، 3- باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە «قوش تىل» يەسلىسىدىن 30نى يېڭىدىن سالدى، ئۆزگەرتتى ۋە كېڭەيتتى. «قۇياش نۇرى ئوقۇشقا ياردەم بېرىش قۇرۇلۇشى»نى يولغا قويۇپ، 15 مىليون 15 مىڭ 500 يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 3289 نامرات ئوقۇغۇچىغا ياردەم بەردى، 429 ئائىلىدىكى 1670 ئادەمنى مائارىپ ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇردى.

  داۋالاش ئارقىلىق يۆلەپ، نامرات ئاممىنىڭ كېسەل داۋالىتىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. «ساغلام پوسكام» قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، 5 مىليون 920 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 12 سالامەتلىك تەكشۈرۈش مەركىزى تۈرى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ئومۇمىي خەلق سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈشنى دائىملاشتۇردى. 29 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، داۋالاش مۇلازىمىتى ئەسلىھەلىرى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نامرات ئاھالىلەرنىڭ ساقلىقنى ساقلاش، داۋالىنىش كاپالىتى مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، ناھىيەدىكى نامرات ئاھالىنىڭ يېزا يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشقا قاتنىشىش نىسبىتىنى %100كە يەتكۈزدى.

  ئىجتىمائىي كاپالەت ئارقىلىق يۆلەپ، نامرات ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. «تۆۋەن كاپالەت + يېزا يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش + داۋالىنىش ياردىمى + ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى سىياسىتى» ئەندىزىسىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ، ئەمگەك كۈچى يوق، ئېغىر كېسەل، بەشتە كاپالەتلەندۈرۈلىدىغان ئائىلىلەرنى مالىيە كاپالىتىگە ئىگە قىلىپ، ھەممە كىشىنى ئىجتىمائىي كاپالەتتىن بەھرىلەندۈرۈپ، ناھىيە بويىچە ئارخىپ تۇرغۇزۇلغان 1897 نامرات ئائىلىدىكى 4621 كىشىنى يېزا تۆۋەن كاپالەت دائىرىسىگە كىرگۈزدى، يېزا- بازارلاردىكى 3332 نامراتقا 6 مىليون 66 مىڭ 600 يۈەن داۋالىنىش ياردىمى مەبلىغى ھەل قىلىپ بەردى، قىيىنچىلىقى بار 434 ئاممىغا 887 مىڭ يۈەن ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش پۇلى تارقاتتى، ناھىيە ئىجتىمائىي كاپالەت ئارقىلىق 1141 ئائىلە، 3341 كىشىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى پىلانلىغان، بۇ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئومۇمىي پىلانىنىڭ %14.05 ۋە %11.72ىنى ئىگىلەيدۇ.

  پوسكام ناھىيەسى ھازىر يېپيېڭى قىياپەت بىلەن يەكەن دەرياسى ۋادىسىدا قەد كۆتۈرمەكتە.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

كۆرۈپ قويۇڭ
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى