ئۈرۈمچىئىلىچۆچەكئالتايبايىنغۇلىنبورتالاشىخەنزەسانجىقۇمۇلتۇرپانكۈيتۈنقارامايئاقسۇقىزىلسۇقەشقەرخوتەن
باش بەتخەۋەرلەر مەركىزىسۈرەت مەركىزىئەدەبىيات – سەنئەتمەدەنىيەتكىنولار– دىراممىلارئەسلىمە
ئۈنۋېرسال رادىيو سەنئەت رادىيوكەسىپ ئىستىلى  تاللاپ   ئاڭلاشئۇيغۇرچە ئۈگۈنۈشخەنزۇچە ئۈگۈنۈشئىستانسىمىز ھەققىدە
• ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار ئالاقىدار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى• 1.مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى يىلى پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى• «ئۇ كوماندا ئەزاسى، ھەم ترېنېر» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوچېرك•  يىپەك يولى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا، ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئېگىز تاغدا ئايلىنىپ چاڭغا تېيىلىش تۈرى بويىچە ئىككى ئالتۇن مېدال مەيدانغا كەلدى• ئاپتونۇم رايوننىڭ لىكسىيە ئۆمىكى پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم 8-نۆۋەتلىك كومىتېتى 10-ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ھەققىدە دوكلات بەردى• ئاۋامنىڭ كەڭ زىمىندا ئىگىلىك تىكلىشى• بىپايان جەنۇبىي شىنجاڭ زېمىنىدا كىشىلىك ھاياتنىڭ گۈزەل كارتىنىسىنى يارىتايلى• ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى• ئاپتونوم رايونلوق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزى ئۆگۈنۈش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلوق پارتكوم خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى• مائارىپ ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش• شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيىسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرمەكتە• ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش• «جەنۇپتا يىلتىز تارتقان بىر تۈپ يۇلغۇن» ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئوچرىكىنىڭ «چىن ھىسىياتنى بېغىشلاش» دېگەن ئىككىنچى قىسىمى• گۈزەل شىنجاڭنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىپ، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى• ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شامال ئېلېكتر پاكىز ئېنېرگىيەلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى نوقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى تەستىقلاندى• جۇڭشىڭ ئېنېرگىيەسى جەنۇبىي شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك كەسىپلەر بازىسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان فوتوۋولت يۈرۈشلۈك ماددىي ئەشيالىرى پاكىستانغا يەتكۈزۈلدى• ئاپتونوم رايونىمىز بىر تۈركۈم زور قاتناش ئۇل ئەسلىھەلەر تۈرىنى يولغا قويدى• تەبەسسۇملۇق چىرايلار• ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرى خىزمىتى يىغىنى ۋە ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمىتى نەق مەيدان يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى• جاھان ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتقان چولپان كەنت• شىنجاڭ ساياھەتچىلىككە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى بىلەن شىنجاڭ خۇڭيۈەن دەۋر مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى كېلىشىم ئىمزالىدى• ئاممىنى قەلبىدە ساقلاپ، پۈتۈن مۇھەببىتى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش• خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، جان- دىلى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش•  13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى• ئاپتونوم رايونىمىز دۇنيا ئىقتىسادى بىلەن بولغان جىپسىلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىشىكنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى يادرولۇق رايونغا ئايلاندى• دۇنيا زوراۋانلىق، تېررورلۇقتىن قورقۇپ قالمايدۇ• ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش• «تېررورىزىمغا زەربە بېرىشتە جەزمەن ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش كېرەك» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوبزور ئېلان قىلىندى• ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «يېزا- بازارلىق پونكىتلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى» ئېلان قىلدى•  مىترو 1- نومۇرلۇق لىنىيەسى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇنجى قوش لىنىيەسى تۇتاشتۇرۇلغان رايون ئارا تونىل بولۇپ قالدى• 5 چوڭ تەرەققىيات قارىشى ئىچىدە، يېشىل تەرەققىيات قارىشى يارقىن نوقتا بولۇپ قالدى• ئىقتىساسلىق كادىرلار جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئاچقۇچى• 5 چوڭ تەرەققىيات ئۇقۇمى ئارقىلىق ئىلمىي ھالقىشقا يىتەكچىلىك قىلىش• ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسى خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ئاساسىنى پۇختىلاش• ئورتاق قاراشنى مۇجەسسەملەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى بەت ئاچايلى•  «13- بەشيىللىق» يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپتە، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى 5 يىللىق تەرەققىيات خەرىتىسى كۆرسىتىپ بېرىلدى• ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ياڭاقچىلىققا تايىنىپ بېيىغان قېرىنداشلارنىڭ ھېكايىسى• «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتىنى ساياھەت قىلىش» قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىك ساياھەت ئاساسىي تېما پائالىيىتى رەسمىي باشلىنىدۇ
• مىسىر زوڭتوڭ سايلىمىدا مۇسۇلمان بۇرادەرلەر جەمئىيىتىگە تەۋە ھەققانىيەت پارتىيېسىنىڭ رەئىسى مورشى بىلەن سابىق زوڭلى سەفىقنىڭ بېلەتكە ئېرىشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئىككى ئورۇننى ئىگىلىگەن• 2015 - يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىز ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 5 تىرلىيون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن• ھىندىستاندا ئىسسىق ھاۋا 81 ئادەمنىڭ بېشىغا چىقتى• بىرمىدا ھەر يىلى تەخمىنەن 18 مىڭدىن 23 مىڭغىچە ئەيدىز بىمارى ئۆلۈپ كېتىدىكەن• كورىيە ئارمىيە دائىرىلىرى: چاۋشيەن يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىپ بولدى، دېدى
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

تاغلىق رايوندا چاقنىغان ئوقۇتقۇچى روھى

2017-10-13 19:34:04     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

19- قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنىڭ خىسلىتى

− ئاقچى ناھىيەلىك 3- يەسلىنىڭ باشلىقى گۈلزىنات توقۇن توغرىسىدا
 سۈرەتتە: گۈلزىنات توقۇن بالىلارغا دەرس ئۆتمەكتە. (گېزىتىمىزنىڭ ماتېرىيال سۈرىتى)


  «بالىلار، خەيرلىك سەھەر، يېڭى بىر كۈن باشلاندى، ھەممەيلەن يېڭى بىر كۈنگە <سالام> دەيلى...» دېدى گۈلزىنات توقۇن 9- ئاينىڭ 11- كۈنى سائەت 9 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە يەسلىنىڭ ئالدىدا بالىلارنى كۈتۈۋېلىپ.  گۈلزىنات توقۇن ھېيت- بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدىن باشقا ھەر كۈنى سەھەردە يەسلىنىڭ ئالدىدا بالىلارنى كۈتۈۋالىدۇ، كۈن پاتقاندا بالىلارنى ئۆيىگە ئۇزىتىپ قويىدۇ، ئۇ ئانىلىق مېھرى بىلەن بالىلارنى باغرىغا بېسىپ، ۋەتەننىڭ غۇنچىلىرى بولغان بالىلارغا بارلىقىنى بېغىشلىدى.   

 بالىلارغا مېھرى بىلەن كۆيۈنۈش  ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شۇغۇللانغىنىغا 13 يىل بولغان گۈلزىنات توقۇن مۇنداق دېدى: كىچىكىمدىنلا يەسلى ئوقۇتقۇچىسى بولۇشنى، بالىلارنىڭ ساغلام، خۇشال- خۇرام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ھەم ئۇلار بىلەن بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتۈشنى ئارزۇ قىلاتتىم. 

 گۈلزىنات توقۇن قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق پېداگوگىكا مەكتىپىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئاقچى ناھىيەسىدىكى يەسلىدە ئىشلەشنى تاللاپ، بۇ يەسلىدىكى بىردىنبىر «قوش تىل» ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ قالدى. 

 گۈلزىنات توقۇن مۇنداق دېدى: تۇنجى قېتىم سىنىپقا كىرگىنىمدە، ئاڭلىغىنىم يىغا ئاۋازى، كۆرگىنىم قالايمىقانچىلىق بولدى. باشقىلارنىڭ نەزەرىدە ئىنتايىن ئاۋارىگەرچىلىك تۇيۇلغان بۇ ئىشتا، مەن ئۆزۈمگە جەڭ ئېلان قىلدىم. ھەر قېتىم بالىلارنىڭ تاتلىق كۈلكىسىنى كۆرگىنىمدە، قەلبىمدە باشقىچە ئىللىقلىق ھېس قىلىمەن. 

 گۈلزىنات توقۇن «ھەممىدە بالىلارنى كۆزلەش»تىن ئىبارەت ئاساسىي مەقسەت بىلەن خىزمەتكە كىرىشىپ، دائىم ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ياخشى ئوقۇتقۇچى بالىلارنىڭ بەختى، ياخشى ئوقۇتقۇچى بولۇش ئۈچۈن، بالىلارنى چىن دىلىدىن ياخشى كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ قەلبىنى ئۇتۇش كېرەك.  

تىرىشچان گۈلزىنات توقۇن ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ، بالىلار تەربىيەسى نەزەرىيەسىنى كۆڭۈل قويۇپ ئۆگىنىپ، ئوقۇش- ئوقۇتۇش قانۇنىيىتىنى تەتقىق قىلدى. ئۇ رەھبەرلىكنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن، 2013- يىلى ئاقچى ناھىيەلىك 3- يەسلىنىڭ باشلىقىلىق ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالدى. 

 گۈلزىنات توقۇن يەسلىنىڭ مەبلەغ تەستىقلاش، پىلانلاش، لايىھەلەش، ئۈسكۈنىلەرنى سەپلەش، كۆكەرتىش، گۈزەللەشتۈرۈش، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش قاتارلىق خىزمەتلىرىنى ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھارماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە گۈزەل، راھەت، بىخەتەر ئوقۇتۇش مۇھىتى يارىتىپ بەردى.  گۈلزىنات توقۇن بالىلارنىڭ نەزەرىدە ئەڭ سۆيۈملۈك «يەسلى باشلىقى ئانا»؛ ئاتا- ئانىلارنىڭ نەزەرىدە تېپىلغۇسىز سىرداش دوست؛ كەسىپداشلىرىنىڭ نەزەرىدە «بالىلار شاھى» ئىدى.  گۈلزىنات توقۇن: بالىلار بىلەن بىللە بولسام ئىنتايىن ئىللىقلىق ھېس قىلىمەن، دېدى.   

 مېھىر- مۇھەببىتى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ بالىنىڭ قەلبىنى ئىللىتىش 

 گۈلزىنات توقۇننىڭ بەختلىك ئائىلىسى بار. ئۇ ئائىلىسى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: ئېرىم لى ۋېنخۇي خەنزۇ تىلىدىن دەرس بەرگەن ئوقۇتقۇچۇم بولىدۇ، خىزمىتىمنى بەك چۈشىنىدۇ ھەم قوللايدۇ، ئوغلۇم يەسلىدە ئوقۇۋاتىدۇ، تۇرمۇشۇم تولىمۇ بەختلىك. گۈلزىنات توقۇننىڭ سۆزلىرىدىن بەخت تۇيغۇسى ئىپادىلىنىپ تۇراتتى.  گۈلزىنات توقۇن 2011- يىلى لى ۋېنخۇي بىلەن توي قىلدى، ئۇلار توي قىلىپ بىر يىلدىن كېيىن ئوماق بالىسى تۇغۇلدى ھەم بالىسىغا خەنزۇچە ۋە قىرغىزچە ئىسىم قويدى. ئۇلار تۇرمۇشتا بىر- بىرىگە ھۆرمەت قىلىپ، ئۆزئارا چۈشىنىش ھاسىل قىلدى، خىزمەتتە بىر- بىرىنى قوللاپ، بىر- بىرىگە ياردەم بېرىپ، بىرلىكتە ئىلگىرىلىدى.  

باشقىلارغا گۈل تۇتساڭ، قولۇڭدا گۈلنىڭ ھىدى قالىدۇ. گۈلزىنات توقۇن مېھىر- مۇھەببەتتىن باشقىلار بىلەن تەڭ بەھرىلەندى. 

 گۈلزىنات توقۇن بىر كۈنى ئوقۇغۇچىسى بۇئايشەمنىڭ ئانىسىنىڭ ئوپېراتسىيەدە خىراجەتتىن قىينىلىپ قالغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن 2000 يۈەن ئاپىرىپ بەردى ھەم بۇئايشەمنى ئۆيىگە قايتۇرۇپ كېلىپ ھالىدىن خەۋەر ئالدى؛ يەسلىدە ئوقۇۋاتقان تۇرانبېك قىزىتمىسى ئۆرلەش سەۋەبىدىن ئەقلىي ئىقتىدارى چېكىنىپ، باشقا بالىلار بىلەن بىللە ئويناشنى خالىمايدىغان بولۇپ قالدى، بالىدىكى بۇ ئۆزگىرىشنى سەزگەن گۈلزىنات توقۇن تۇرانبېككە ئانىسىدەك كۆيۈنۈپ، دەرستىمۇ، تاماقتىمۇ ھەم ئويۇن ئويناشتىمۇ بىللە بولۇپ بالىغا خۇشاللىق ئاتا قىلدى؛ شاماللىق، يامغۇرلۇق كۈنلەردە، ئۇ دائىم تۇنجى بولۇپ يەسلىنىڭ ئالدىغا چىقىپ، بالىلارنى قىزغىنلىق بىلەن كۈتۈۋالدى ھەم خۇشاللىق ئىلكىدە ئۇزىتىپ قويدى؛ گۈلزىنات توقۇن ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار بالىلارغا ياردەم قىلىشنى ھەر ۋاقىت ئۇنتۇپ قالمىدى، ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ ئۇلارغا پاختىلىق چاپان، سومكا ئېلىپ بەردى...  

گۈلزىنات توقۇننىڭ كەسىپداشلىرى مۇنداق دېدى: گۈلزىناتنىڭ خىزمەتنى دەپ يېنىدىكى بالىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقىمۇ ۋاقتى يەتمەيدۇ، چۈنكى ئۇ تېخىمۇ كۆپ زېھنىنى باشقا بالىلارغا سەرپ قىلىدۇ.  جاپا- مۇشەققەت، قان- تەر ۋە تۇرمۇشنىڭ ئاچچىق- چۈچۈكلىرى گۈلزىنات توقۇنغا رازىمەنلىك ۋە ئىشەنچ ئاتا قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بالىلارنىڭ خۇشال - خۇرام يەسلىگە كىرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى، ئازادە- يورۇق سىنىپلاردا ئوقۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ھاردۇقۇم چىقتى.    

ھەر بىر غۇنچىنى پورەكلىتىپ ئېچىلدۇرۇش  

گۈلزىنات توقۇن ھەر بىر بالىنى ئەڭ ياخشى «قوش تىل» ئوقۇتۇشىدىن بەھرىمەن قىلىش ئۈچۈن، بىر يۈرۈش ئۆزگىچە ئوقۇتۇش مېتودىنى يەكۈنلەپ چىقتى.  

گۈلزىنات توقۇن ھەر كۈنى دەرس ئۆتكەندە، بالىلاردىن «قوش تىل»دا سوئال سورىدى؛ ئادەتتە ئويۇن ئوينىغاندىمۇ بالىلار بىلەن تەڭ ئويناپ، ئىپادىسى ياخشى بالىلارنى مۇكاپاتلىدى.  

بىر ئوقۇغۇچى ئۇدا بىر نەچچە كۈن دەرسكە كەلمىدى، گۈلزىنات توقۇن بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇلارنىڭ چارۋىچىلىق مەيدانىغا مال باققىلى بارىدىغانلىقى، شۇڭا بالىسىنى بىللە ئېلىپ كەتمىسە بولمايدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپتى. ئۇ، بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆيىگە قايتا- قايتا بېرىپ، ئاتا- ئانىسىغا خىزمەت ئىشلىدى، گۈلزىنات توقۇننىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىدىن تەسىرلەنگەن ئاتا- ئانا بالىسىنى يەسلىگە ئەۋەتتى.  ئاقچى ناھىيەلىك 1- يەسلىنىڭ ئەينى چاغدىكى باشلىقى ۋەن خۇامېي گۈلزىنات توقۇننىڭ ئىش- ئىزلىرىدىن تەسىرلىنىپ، ئۇنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئەزا بولۇشقا دەۋەت قىلدى. گۈلزىنات توقۇن مۇنداق دېدى: بىلەمسىز، شۇ چاغدا شۇنچىلىك خۇشال بولدۇم! چۈنكى دادام كومپارتىيە ئەزاسى، كىچىكىمدىن تارتىپلا دادامنىڭ تەسىرىدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئەزا بولۇش ئىرادىسىگە كەلگەنىدىم. چۈنكى مەن ئېتىقاد ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلغان كىشىنىڭ ئېزىپ كەتمەيدىغانلىقىنى ئېنىق بىلەتتىم. 

 گۈلزىنات توقۇن تىرىشىش ئارقىلىق، 2009- يىل 7- ئاينىڭ 1- كۈنى شەرەپ بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئەزا بولدى.  «بالىلارغا مېھىر- مۇھەببىتىمنى ئاتا قىلغىنىمدىن، مائارىپ ئىشلىرىغا يۈرەك قېنىمنى سەرپ قىلغىنىمدىن ئۆكۈنمەيمەن» دېدى گۈلزىنات توقۇن. ئۇ ئوقۇتقۇچىلىقتىن ئىبارەت بۇ شەرەپلىك ئىش ئورنىغا مۇناسىپ ئىش قىلدى ھەم شانلىق يىللارنى مەنىلىك ئۆتكۈزدى. ئۇ كەلگۈسى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، «مېھىر- مۇھەببەت بىلەن ئوقۇتۇش»تا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، مائارىپ گۈلزارلىقىدا ئىجتىھات بىلەن ئىشلەپ، پائال ئىزدىنىپ، ھەر بىر تۈپ مايسىنى ساغلام ئۆسۈپ يېتىلدۈرۈپ، ھەر بىر تۈپ غۇنچىنى ياخشى پەرۋىش قىلىمەن!
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

كۆرۈپ قويۇڭ
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى