ئۈرۈمچىئىلىچۆچەكئالتايبايىنغۇلىنبورتالاشىخەنزەسانجىقۇمۇلتۇرپانكۈيتۈنقارامايئاقسۇقىزىلسۇقەشقەرخوتەن
باش بەتخەۋەرلەر مەركىزىسۈرەت مەركىزىئەدەبىيات – سەنئەتمەدەنىيەتكىنولار– دىراممىلارئەسلىمە
ئۈنۋېرسال رادىيو سەنئەت رادىيوكەسىپ ئىستىلى  تاللاپ   ئاڭلاشئۇيغۇرچە ئۈگۈنۈشخەنزۇچە ئۈگۈنۈشئىستانسىمىز ھەققىدە
• ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار ئالاقىدار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى• 1.مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى يىلى پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى• «ئۇ كوماندا ئەزاسى، ھەم ترېنېر» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوچېرك•  يىپەك يولى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا، ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئېگىز تاغدا ئايلىنىپ چاڭغا تېيىلىش تۈرى بويىچە ئىككى ئالتۇن مېدال مەيدانغا كەلدى• ئاپتونۇم رايوننىڭ لىكسىيە ئۆمىكى پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم 8-نۆۋەتلىك كومىتېتى 10-ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ھەققىدە دوكلات بەردى• ئاۋامنىڭ كەڭ زىمىندا ئىگىلىك تىكلىشى• بىپايان جەنۇبىي شىنجاڭ زېمىنىدا كىشىلىك ھاياتنىڭ گۈزەل كارتىنىسىنى يارىتايلى• ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى• ئاپتونوم رايونلوق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزى ئۆگۈنۈش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلوق پارتكوم خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى• مائارىپ ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش• شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيىسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرمەكتە• ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش• «جەنۇپتا يىلتىز تارتقان بىر تۈپ يۇلغۇن» ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئوچرىكىنىڭ «چىن ھىسىياتنى بېغىشلاش» دېگەن ئىككىنچى قىسىمى• گۈزەل شىنجاڭنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىپ، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى• ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شامال ئېلېكتر پاكىز ئېنېرگىيەلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى نوقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى تەستىقلاندى• جۇڭشىڭ ئېنېرگىيەسى جەنۇبىي شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك كەسىپلەر بازىسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان فوتوۋولت يۈرۈشلۈك ماددىي ئەشيالىرى پاكىستانغا يەتكۈزۈلدى• ئاپتونوم رايونىمىز بىر تۈركۈم زور قاتناش ئۇل ئەسلىھەلەر تۈرىنى يولغا قويدى• تەبەسسۇملۇق چىرايلار• ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرى خىزمىتى يىغىنى ۋە ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمىتى نەق مەيدان يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى• جاھان ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتقان چولپان كەنت• شىنجاڭ ساياھەتچىلىككە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى بىلەن شىنجاڭ خۇڭيۈەن دەۋر مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى كېلىشىم ئىمزالىدى• ئاممىنى قەلبىدە ساقلاپ، پۈتۈن مۇھەببىتى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش• خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، جان- دىلى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش•  13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى• ئاپتونوم رايونىمىز دۇنيا ئىقتىسادى بىلەن بولغان جىپسىلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىشىكنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى يادرولۇق رايونغا ئايلاندى• دۇنيا زوراۋانلىق، تېررورلۇقتىن قورقۇپ قالمايدۇ• ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش• «تېررورىزىمغا زەربە بېرىشتە جەزمەن ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش كېرەك» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوبزور ئېلان قىلىندى• ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «يېزا- بازارلىق پونكىتلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى» ئېلان قىلدى•  مىترو 1- نومۇرلۇق لىنىيەسى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇنجى قوش لىنىيەسى تۇتاشتۇرۇلغان رايون ئارا تونىل بولۇپ قالدى• 5 چوڭ تەرەققىيات قارىشى ئىچىدە، يېشىل تەرەققىيات قارىشى يارقىن نوقتا بولۇپ قالدى• ئىقتىساسلىق كادىرلار جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئاچقۇچى• 5 چوڭ تەرەققىيات ئۇقۇمى ئارقىلىق ئىلمىي ھالقىشقا يىتەكچىلىك قىلىش• ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسى خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ئاساسىنى پۇختىلاش• ئورتاق قاراشنى مۇجەسسەملەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى بەت ئاچايلى•  «13- بەشيىللىق» يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپتە، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى 5 يىللىق تەرەققىيات خەرىتىسى كۆرسىتىپ بېرىلدى• ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ياڭاقچىلىققا تايىنىپ بېيىغان قېرىنداشلارنىڭ ھېكايىسى• «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتىنى ساياھەت قىلىش» قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىك ساياھەت ئاساسىي تېما پائالىيىتى رەسمىي باشلىنىدۇ
• مىسىر زوڭتوڭ سايلىمىدا مۇسۇلمان بۇرادەرلەر جەمئىيىتىگە تەۋە ھەققانىيەت پارتىيېسىنىڭ رەئىسى مورشى بىلەن سابىق زوڭلى سەفىقنىڭ بېلەتكە ئېرىشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئىككى ئورۇننى ئىگىلىگەن• 2015 - يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىز ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 5 تىرلىيون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن• ھىندىستاندا ئىسسىق ھاۋا 81 ئادەمنىڭ بېشىغا چىقتى• بىرمىدا ھەر يىلى تەخمىنەن 18 مىڭدىن 23 مىڭغىچە ئەيدىز بىمارى ئۆلۈپ كېتىدىكەن• كورىيە ئارمىيە دائىرىلىرى: چاۋشيەن يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىپ بولدى، دېدى
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

«مۇھىم ھالقا» چىڭ تۇتۇلۇپ، «مەسئۇلىيەت ئېتىزى» ياخشى تېرىلدى

2017-10-13 19:39:48     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

− پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى پارتىيەنى باشقۇرۇش- ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا ئومۇمىي بايان

 پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغۋار قۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىدا، «مەسئۇلىيەت» دېگەن سۆزنى باشتىن- ئاخىر سىڭدۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، «مۇھىم ھالقا»نى چىڭ تۇتۇپ، يۇقىرى- تۆۋەنگە باشلامچىلىق قىلىش ئارقىلىق قاتلاممۇ قاتلام يەتكۈزۈپ، مەسئۇلىيەتنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالغۇزۇپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش- ئىدارە قىلىش جەھەتتە «كەڭ، بوش، يۇمشاق بولۇش»تىن «كەسكىن، چىڭ، قاتتىق بولۇش»قا ئۆتۈش يۈزلىنىشىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىشتەك دەۋر ساداسىنى ياڭراتتى.

    مەسئۇلىيەت ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، «ئىككى مەسئۇلىيەت» مۇھىم ھالقا سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇلدى

  89 مىليوندىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسى، 4 مىليون 500 مىڭدىن ئارتۇق پارتىيە تەشكىلىگە ئىگە دۇنيادىكى بىرىنچى چوڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن، پارتىيە ئۆزىنى باشقۇرۇشتا كىم باشقۇرىدۇ؟ پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشتا كىم ئىدارە قىلىدۇ؟

  2013- يىلى 1- ئايدا، ج ك پ 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 2- ئومۇمىي يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېنىق قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چىڭ تۇتۇشتا، پۈتۈن پارتىيەدىكىلەر ھەرىكەتكە كېلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملارنىڭ مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىكى پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىغا ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىك قىلىش مەسئۇلىيىتى بار، پارتكومنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى بىرىنچى مەسئۇل كىشى».

  «پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە پارتكوم سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ». ج ك پ 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3- ئومۇمىي يىغىنىدا، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنىڭ تۈزۈلمە- مېخانىزمىنى ئىسلاھ قىلىش ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، «ئىككى مەسئۇلىيەت» پارتىيە تارىخىدا تۇنجى قېتىم ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  ئاساسلىق مەسىلە چىڭ تۇتۇلدى.

  مەسئۇلىيەت ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش- ئىدارە قىلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەر چىڭ تۇتۇپ ئىشلىنىپ، ئىلگىرىكى بەزى پارتكوم ۋە پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشقا بولغان تونۇشى ئېنىق بولماسلىق مەسىلىسى ئۆزگەرتىلدى، ئىلگىرىكى «ئىستىل تۈزىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئىشى دەپ قاراش»، «كەسىپكە ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيە ئىشلىرىغا سەل قاراش، ياخشى ئىشى ئارقىلىق نۇرغۇن ناچار قىلمىشنى يوشۇرۇش»، «نۇرغۇن مەسىلە ساقلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ھەر كىم ئۆز ئىشى بىلەن بولۇش» قاتارلىق تونۇش جەھەتتىكى خاتا قاراشلار ئۆزگەرتىلدى؛ ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىمۇ فۇنكسىيە، شەكىلنى ئۆزگەرتىشنى، ئىستىل ياخشىلاشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىلگىرىكى فۇنكسىيە ئومۇملاشقان، قوشۇن زىيادە كېلەڭسىز بولۇش ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىپ، دىققەتنى ئاساسلىق كەسىپكە يەنىمۇ مەركەزلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك مەخسۇس مەسئۇلىيەت ئورگىنى بولۇشتەك مەسئۇلىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلدى.

  «ھەر دەرىجىلىك تارماقلارنىڭ پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)لىرى توغرا نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنىنى مۇستەھكەملەش ئومۇمىيىتىدە تۇرۇپ مەسىلىلەرگە مۇئامىلە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇشنى ئەڭ چوڭ سىياسىي نەتىجە قىلىشى كېرەك».

  «پارتكوم ياكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە ياكى باشقا ئالاقىدار فۇنكسىيەلىك تارماقلارنىڭ ھەممىسى پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش مەسئۇلىيەتنامىسىگە ئىمزا قويۇشى، مەسئۇلىيەتچان بولۇشى كېرەك. مەسىلە كۆرۈلسە مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك».

  «پارتكوم (پارتگۇرۇپپا) شۇجىلىرى بىرىنچى مەسئۇل كىشى بولۇش سۈپىتىدە ھەم قوماندانلىق قىلىپ، ھەم جەڭگە ئاتلىنىپ، مۇھىم خىزمەتلەرنى بىۋاسىتە ئورۇنلاشتۇرۇپ، چوڭ مەسىلىلەرنى بىۋاسىتە سۈرۈشتۈرۈپ، مۇھىم ھالقىلارنى بىۋاسىتە ماسلاشتۇرۇپ، مۇھىم دېلولارنى بېجىرىشكە بىۋاسىتە ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك».

  ......

  بەش يىلدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ يىراقنى كۆرۈپ، تۈپتىن ياخشىلاشنى مەقسەت قىلىپ، مۇھىم ھالقىنى چىڭ تۇتۇپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش- ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى نېمە سەۋەبتىن تۇتۇش، مەسئۇلىيەتنى قانداق ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم سۆز قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تۈپ مىزانغا ئىگە قىلدى.

  ئەمەلىيەت ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدى، تونۇش تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى، تۈزۈم ۋەزىيەت ئېھتىياجى بىلەن بارلىققا كەلدى. يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى» 2015- يىلى 10- ئايدا بېسىپ تارقىتىلىپ، مەخسۇس «پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماسلىق ياكى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتى كۈچلۈك بولماسلىق»قا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللار توغرىسىدا جازالاش بەلگىلىمىسى چىقىرىلدى. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتى تۇنجى قېتىم پارتىيە ئىچىدىكى قائىدە- نىزام دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى.

  2016- يىلى 7- ئايدا دىققەت مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش خىزمىتىگە مەركەزلەشتۈرۈلگەن پارتىيە ئىچىدىكى تۇنجى نىزام − «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش نىزامى» بېسىپ تارقىتىلىپ، پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ۋەزىپىسى، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماسلىق مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشكە توغرا كېلىدىغان ئەھۋاللار ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش مەزمۇنى، ئوبيېكتى، قىلىدىغان ئىشلار، سۇبيېكتى، تەرتىپى، ئۇسۇلىنى تۈزۈملەشتۈرۈش، تەرتىپلەشتۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قائىدە- نىزام، تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە قىلىندى.

  پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى «ئىككى مەسئۇلىيەت» تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلۇشتىن پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەت ۋە نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتى يەنىمۇ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلۇشقىچە، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتىن دىققەتنى پارتىيە رەھبەرلىكى ئاجىزلىشىش، پارتىيە قۇرۇلۇشى يېتەرسىز بولۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈشكىچە، «مەسئۇلىيەت» دېگەن سۆزنىڭ مەزمۇنى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش- ئىدارە قىلىش قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇش چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپلا قالماي، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىغا بولغان تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

    يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچى بولۇپ، مەسئۇلىيەت قاتلاممۇ قاتلام چىڭىتىلدى

  9- ئاينىڭ 18- كۈنى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئېچىپ، «بەش يىلدىن بۇيان مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ھەم شۇ ئارقىلىق پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئەھۋالى توغرىسىدا دوكلات»قا قاراپ چىقتى.

  ئىستىل قۇرۇلۇشى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىن باشلاپ چىڭ تۇتۇلغاچقا، بەش يىلدىن بۇيان، سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە جۇڭگونى ئۆزگەرتتى ھەم يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچى بولۇش، پارتىيەنى باشقۇرۇش- ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى گەۋدىلەندۈردى.

  مەسئۇلىيەت ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، تېخىمۇ مۇھىمى، مەسئۇلىيەت زىممىگە ئېلىندى.

  بەش يىلدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە ئىچىدە ساقلىنىۋاتقان تۈرلۈك مەسىلە ۋە ئىللەتلەرگە بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، باشلامچىلىق بىلەن پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى باشتىن- ئاخىر زىممىسىگە ئېلىپ، چىڭ تۇتۇپ، قىلچە بوشاشتۇرۇپ قويماي، ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيەدە مەن قىلمىسام كىم قىلىدۇ، دەيدىغان، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالىدىغان شانلىق ئۈلگە تىكلەپ بەردى.

  مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى ھەر يىلى يىغىن ئېچىپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى مەخسۇس تېمىدا مۇزاكىرە قىلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئومۇمىي يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، ۋەزىيەتنى ئانالىز قىلىپ ھۆكۈم چىقىرىپ، مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما قىلدى؛ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى ھەر نۆۋەتلىك كۆزىتىش دوكلاتىنى ئاڭلىدى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىدا كۆزىتىش مەخسۇس دوكلاتىغا قاراپ چىقتى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ھەر قېتىم مۇھىم سۆز قىلىپ، مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەركەزنىڭ تەلەپلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇردى، 2014- يىلى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، مىنىستىرلىق ۋە كومىتېت پارتكوملىرىنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى نۇقتىلىق ئىلگىرى سۈردى. 2015- يىلى ئۆلكە، مىنىستىرلىق دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ سوبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر، ۋىلايەت دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە دۆلەت كارخانىلىرى پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ سوبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈردى. 2016- يىلى ئۆلكە، مىنىستىرلىق، دۆلەت كارخانىلىرى، شۇنداقلا بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر، ۋىلايەت دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئاساسىي قاتلامغىچە كېڭىيىشىنى ئىلگىرى سۈردى. 2017- يىلى پارتىيەنى باشقۇرۇش- ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشنى كۆزىتىش ۋە ئىنتىزام ئىجراسىنى نازارەت قىلىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشتا ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرى ۋە مەركەزنىڭ قارار- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ تولۇق ئىزچىللاشتۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

  مەسئۇلىيەت قاتلاممۇ قاتلام چىڭىتىلىپ، قاتلاممۇ قاتلام بېسىم چۈشۈرۈلدى.

  جايلار، تارماقلارنىڭ پارتكوم، پارتگۇرۇپپىلىرى «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، دەرىجىمۇ دەرىجە سۆزلىشىش، مەخسۇس نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش، كۆزىتىش- تەكشۈرۈش، مەسئۇلىيەت تىزىملىكىنى باھالاش قاتارلىق بىرىكمە مۇشتنى ئارقا- ئارقىدىن ئېتىپ، پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇلىيەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈردى.

  جېجياڭ ئۆلكىسى پارتكومنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى ئۆزىدىن بىر دەرىجە يۇقىرى پارتكوم ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىغا مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئەھۋالىنى يۈزتۇرا دوكلات قىلىشنى يولغا قويدى، شەھەر، ناھىيە، يېزا ئۈچ دەرىجە ئۇدا ئىككى يىل %100 دوكلات قىلدى؛ جياڭشى ئۆلكىسى «شۇجىلار شۇجىلارنى تەربىيەلەش» ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئۆلكە، شەھەر، ناھىيە، يېزا تۆت دەرىجىلىك پارتكوم، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلار تۆۋەن دەرىجىلىك ئورۇنلارغا قاتلاممۇ قاتلام «ئۆگىتىش، ياردەم بېرىش ۋە يېتەكلەش»نى قانات يايدۇردى؛ خەينەن ئۆلكىسى «بىر ئىش ئورنىدا قوش مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش» تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، چوڭ- چوڭ ئىشلارغا دائىر ھۆججەتلەرگە ئىمزا قويۇش، «ئىككى مەسئۇلىيەت» بويىچە قوش دوكلات يوللاش، مەسئۇلىيەت ۋە پاكلىق مەلۇماتىنى دوكلات قىلىش قاتارلىق تۈزۈلمە- مېخانىزمنى ئورناتتى...

  پۈتۈن زېھنى بىلەن پارتىيە قۇرۇلۇشى تۇتۇلۇپ، پارتىيە قاتتىق باشقۇرۇلۇپ ۋە قاتتىق ئىدارە قىلىنىپ، مەسئۇلىيەت ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، پۈتۈن پارتىيەدە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرىدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ مۇجەسسەملەندى.

    مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشتە باشتىن- ئاخىر ئۈنۈملۈك ۋاسىتە قوللىنىلدى

  مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 2- ئاينىڭ 8- كۈنى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق شۇجىسى، سابىق مىنىستىر لى لىگو ۋە پارتگۇرۇپپىنىڭ سابىق ئەزاسى، سابىق مۇئاۋىن مىنىستىر دۇ يۈپېينىڭ پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كۈچلۈك بولمىغانلىقتىن، قاراشلىق ئورۇندا سىستېمىلىق چىرىكلىشىش مەسىلىسى يۈز بېرىپ، مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلۈپ، دەرىجىسىنى «تىك شەكىللىك» تۆۋەنلىتىش جازاسى بېرىلدى.

  4- ئاينىڭ 24- كۈنى خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، جۇڭگو ياشانغانلار جەمئىيىتىنىڭ سابىق باشلىقى چېن چۈەنشۇ خىزمەتتە ئېغىر دەرىجىدە ۋەزىپىسى، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىقتىن، مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلدى؛

  6- ئاينىڭ 20- كۈنى خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىدا ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغىنىغا بىر يىلغا يېقىن بولغان مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىدا تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ سابىق باشلىقى، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى بولغان چۈ شۇخۈينىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلدى.

  ......

  پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتى، نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كۈچلۈك بولمىغاچقا، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك تۆت رەھبىرىي كادىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلۈپ، كۈچلۈك چۆچۈتۈش ئۈنۈمى ھاسىل قىلىندى.

  مىڭ قېتىم سەپەرۋەرلىك قىلغاندىن، بىر قېتىم مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش ئەلا.

  ج ك پ 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 3- ئومۇمىي يىغىنىدا مۇنۇلار ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: زور چىرىكلىشىش دېلوسى يۈز بەرگەن ۋە ناتوغرا ئىستىل يامرىغان جايلار، تارماقلار ۋە ئورۇنلاردا «بىر دېلونى قوش تەكشۈرۈش»نى يولغا قويۇش كېرەك، ئالاقىدار كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈپلا قالماي، يەنە ئالاقىدار رەھبەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنىمۇ سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.

  ھوقۇقنىڭ مەسئۇلىيىتى بولىدۇ، مەسئۇلىيەت بولغانىكەن، چوقۇم زىممىسىگە ئېلىش كېرەك، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلارنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

  بەش يىلدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشتە باشتىن- ئاخىر «ئۈنۈملۈك ۋاسىتە» قوللىنىپ، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشتىكى «بىر دېلونى قوش تەكشۈرۈش»تىن ئىبارەت بۇ تۇتقۇدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ھەقىقىي قاتتىق بولۇپ، مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي سۈرۈشتۈرۈپ، «تەنبىھ كالتىكى» بىلەن ئايىماي سېلىپ، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق چۆچۈتۈش ئۈنۈمىنى ھاسىل قىلدى، دادىل، مەسئۇلىيەتچان بولۇش روھىنى ئۇرغۇتتى.

  سەنشى ئۆلكىسىدە سىستېمىلىق، غۇلاپ چۈشۈش خاراكتېرلىك چىرىكلىشىش دېلوسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئالاقىدار پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلدى؛ خېنەن ئۆلكىسى شىنشياڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ سابىق شۇجىسى لى چىڭگۈينىڭ بۇ شەھەردە ئۇدا يۈز بەرگەن نازىر دەرىجىلىك ئۈچ رەھبىرىي كادىرنىڭ ئىنتىزام- قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش دېلوسىدا ئاساسلىق رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتى بولغاچقا ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى؛ لياۋنىڭ ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن سايلامدا پارا بېرىپ سايلىنىش دېلوسىدا 955 كىشى تەكشۈرۈلۈپ بىر تەرەپ قىلىندى، بۇنىڭ ئىچىدە ئوتتۇرا دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى 14 كادىرنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلۈپ، پۈتۈن پارتىيەدە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى...

  مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، 2014- يىلى 1- ئايدىن 2017- يىلى 8- ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە 6100دىن ئارتۇق ئورۇننىڭ پارتكومى(پارتگۇرۇپپىسى)، پارتىيە باش ياچېيكىسى، پارتىيە ياچېيكىسى، 300دىن ئارتۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى(ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى) ۋە 60 مىڭدىن ئارتۇق پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلگەن. مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىش پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى بولۇپ قالغان.

  ھازىرغىچە، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى سەككىز تۈركۈمدە «ئىككى مەسئۇلىيەت»نى كۈچلۈك ئادا قىلمىغانلىقتىن مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلگەن 42 تىپىك مەسىلىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ ئاشكارىلىدى، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك پارتكوملار ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى 168 قېتىم 777 تىپىك مەسىلىنى مەخسۇس ئومۇمىي ئوقتۇرۇش قىلىپ ئاشكارىلىدى. ۋەزىپىسى، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماسلىققا دائىر كونكرېت ۋە جانلىق دېلولار ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيەت ئېڭىنى ئويغاتتى.

  ھازىرغىچە، 25 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك پارتكوم ۋە مەركەزدىكى 17 مىنىستىرلىق، كومىتېتنىڭ پارتگۇرۇپپا (پارتكوم)سى ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش نىزامىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى يولغا قويۇش چارىسىنى تۈزۈپ ئېلان قىلدى، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش خىزمىتى بارغانسېرى ئەمەل قىلىدىغان قائىدە، تايىنىدىغان ئىسپاتقا ئىگە بولدى.

  ھەرىكەت ئارقىلىق ۋەدىگە ئەمەل قىلىندى، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش ئارقىلىق ساداقەتمەنلىك شەرھلەندى.

  پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتى بىلەن پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتى چوڭقۇر ئەمەلىيلىشىپ، پۈتۈن پارتىيەدە يۇقىرىدىن تۈۋەنگىچە مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ رولىنى جارى قىلدۇرىدىغان قۇدرەتلىك كۈچ ئۇرغۇتۇلۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تارىخىي ئۆزگىرىشىگە تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇلدى. 

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1- ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى)

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى 

كۆرۈپ قويۇڭ
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى