ئۈرۈمچىئىلىچۆچەكئالتايبايىنغۇلىنبورتالاشىخەنزەسانجىقۇمۇلتۇرپانكۈيتۈنقارامايئاقسۇقىزىلسۇقەشقەرخوتەن
باش بەتخەۋەرلەر مەركىزىسۈرەت مەركىزىئەدەبىيات – سەنئەتمەدەنىيەتكىنولار– دىراممىلارئەسلىمە
ئۈنۋېرسال رادىيو سەنئەت رادىيوكەسىپ ئىستىلى  تاللاپ   ئاڭلاشئۇيغۇرچە ئۈگۈنۈشخەنزۇچە ئۈگۈنۈشئىستانسىمىز ھەققىدە
• ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار ئالاقىدار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى• 1.مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى يىلى پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى• «ئۇ كوماندا ئەزاسى، ھەم ترېنېر» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوچېرك•  يىپەك يولى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا، ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئېگىز تاغدا ئايلىنىپ چاڭغا تېيىلىش تۈرى بويىچە ئىككى ئالتۇن مېدال مەيدانغا كەلدى• ئاپتونۇم رايوننىڭ لىكسىيە ئۆمىكى پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم 8-نۆۋەتلىك كومىتېتى 10-ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ھەققىدە دوكلات بەردى• ئاۋامنىڭ كەڭ زىمىندا ئىگىلىك تىكلىشى• بىپايان جەنۇبىي شىنجاڭ زېمىنىدا كىشىلىك ھاياتنىڭ گۈزەل كارتىنىسىنى يارىتايلى• ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى• ئاپتونوم رايونلوق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزى ئۆگۈنۈش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلوق پارتكوم خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى• مائارىپ ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش• شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيىسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرمەكتە• ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش• «جەنۇپتا يىلتىز تارتقان بىر تۈپ يۇلغۇن» ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئوچرىكىنىڭ «چىن ھىسىياتنى بېغىشلاش» دېگەن ئىككىنچى قىسىمى• گۈزەل شىنجاڭنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىپ، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى• ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شامال ئېلېكتر پاكىز ئېنېرگىيەلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى نوقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى تەستىقلاندى• جۇڭشىڭ ئېنېرگىيەسى جەنۇبىي شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك كەسىپلەر بازىسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان فوتوۋولت يۈرۈشلۈك ماددىي ئەشيالىرى پاكىستانغا يەتكۈزۈلدى• ئاپتونوم رايونىمىز بىر تۈركۈم زور قاتناش ئۇل ئەسلىھەلەر تۈرىنى يولغا قويدى• تەبەسسۇملۇق چىرايلار• ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرى خىزمىتى يىغىنى ۋە ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمىتى نەق مەيدان يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى• جاھان ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتقان چولپان كەنت• شىنجاڭ ساياھەتچىلىككە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى بىلەن شىنجاڭ خۇڭيۈەن دەۋر مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى كېلىشىم ئىمزالىدى• ئاممىنى قەلبىدە ساقلاپ، پۈتۈن مۇھەببىتى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش• خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، جان- دىلى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش•  13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى• ئاپتونوم رايونىمىز دۇنيا ئىقتىسادى بىلەن بولغان جىپسىلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىشىكنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى يادرولۇق رايونغا ئايلاندى• دۇنيا زوراۋانلىق، تېررورلۇقتىن قورقۇپ قالمايدۇ• ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش• «تېررورىزىمغا زەربە بېرىشتە جەزمەن ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش كېرەك» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوبزور ئېلان قىلىندى• ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «يېزا- بازارلىق پونكىتلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى» ئېلان قىلدى•  مىترو 1- نومۇرلۇق لىنىيەسى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇنجى قوش لىنىيەسى تۇتاشتۇرۇلغان رايون ئارا تونىل بولۇپ قالدى• 5 چوڭ تەرەققىيات قارىشى ئىچىدە، يېشىل تەرەققىيات قارىشى يارقىن نوقتا بولۇپ قالدى• ئىقتىساسلىق كادىرلار جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئاچقۇچى• 5 چوڭ تەرەققىيات ئۇقۇمى ئارقىلىق ئىلمىي ھالقىشقا يىتەكچىلىك قىلىش• ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسى خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ئاساسىنى پۇختىلاش• ئورتاق قاراشنى مۇجەسسەملەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى بەت ئاچايلى•  «13- بەشيىللىق» يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپتە، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى 5 يىللىق تەرەققىيات خەرىتىسى كۆرسىتىپ بېرىلدى• ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ياڭاقچىلىققا تايىنىپ بېيىغان قېرىنداشلارنىڭ ھېكايىسى• «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتىنى ساياھەت قىلىش» قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىك ساياھەت ئاساسىي تېما پائالىيىتى رەسمىي باشلىنىدۇ
• مىسىر زوڭتوڭ سايلىمىدا مۇسۇلمان بۇرادەرلەر جەمئىيىتىگە تەۋە ھەققانىيەت پارتىيېسىنىڭ رەئىسى مورشى بىلەن سابىق زوڭلى سەفىقنىڭ بېلەتكە ئېرىشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئىككى ئورۇننى ئىگىلىگەن• 2015 - يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىز ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 5 تىرلىيون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن• ھىندىستاندا ئىسسىق ھاۋا 81 ئادەمنىڭ بېشىغا چىقتى• بىرمىدا ھەر يىلى تەخمىنەن 18 مىڭدىن 23 مىڭغىچە ئەيدىز بىمارى ئۆلۈپ كېتىدىكەن• كورىيە ئارمىيە دائىرىلىرى: چاۋشيەن يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىپ بولدى، دېدى
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

دادىل ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلىپ، جەمئىيەتنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇتۇلدى

2017-10-13 19:41:45     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى كەسپىي ئورۇنلار ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان
شىنخۇا ئاگېنتلىقى


خەلقنى تېخىمۇ ياخشى مائارىپقا، تېخىمۇ مۇقىم خىزمەتكە، تېخىمۇ رازى بولغۇدەك كىرىمگە، تېخىمۇ ئىشەنچلىك ئىجتىمائىي كاپالەتكە، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك داۋالاش، سەھىيە مۇلازىمىتىگە، تېخىمۇ راھەت تۇرالغۇ شارائىتىغا، تېخىمۇ گۈزەل مۇھىتقا ئىگە قىلىش... كەسپىي ئورۇنلار دەل مۇشۇنداق مۇھىم بۇرچلارنى زىممىسىگە ئالغان.
پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، مەركەز ‹‹ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ كەسپىي ئورۇنلار ئىسلاھاتىنى تۈرگە ئايرىپ ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى››دىكى لايىھە ۋە تەلەپكە ئاساسەن، كەسپىي ئورۇنلار ئىسلاھاتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشنى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇردى، جايلار، تارماقلار بۇ ئىسلاھاتنى پائال پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسپىي ئورۇنلارنى تەرتىپكە سېلىپ قېلىپلاشتۇرۇش ۋە تۈرگە ئايرىش خىزمىتىنى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاپ، ئىسلاھاتتا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.
سىستېمىلىق پىلانلىنىپ، نامى توغرىلىنىپ، تۈرگە ئايرىلدى
پىلانلىق ئىگىلىكنىڭ مەھسۇلى بولغان بەزى كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ۋەزىپىسى ئازلاپ كەتتى، بەزىلىرىنىڭ تەسىس قىلىنىشى چېچىلاڭغۇ، كۆلىمى زىيادە كىچىك، قىسمەنلىرى تەكرار تەسىس قىلىنغانىدى، بەزىلىرىدە ئىشتاتلار ئۇزاققىچە بوش قالدى، بەزىلىرىنىڭ قۇرۇق نامىلا قالدى.
ئىسلاھاتنىڭ بىرىنچى قەدىمى دەل تەرتىپكە سېلىپ، قېلىپلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت. ھەر دەرىجىلىك ئاپپارات ئىشتات تارماقلىرى بىر يىللىق ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىدىن كېيىن، مەملىكەت مىقياسىدا بىر تۈركۈم ‹‹مۇردا ئورۇن››لارنى تەرتىپكە سېلىپ، بىر تۈركۈم گىرەلىشىپ تەكرار بولۇپ كەتكەن ئاپپاراتلارنى بىرىكتۈرۈپ، بىكار قېلىپ، ئىسراپ بولۇۋاتقان ئىشتاتلارنى تەكشۈرۈپ كېمەيتتى.
ھەر دەرىجىلىك ئاپپارات ئىشتات تارماقلىرى مۇشۇ ئاساستا دەل جايىدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، مەمۇرىي تەدبىر بەلگىلەش، مەمۇرىي ئىجرا قىلىش، مەمۇرىي نازارەت قىلىش فۇنكسىيەسىنى زىممىسىگە ئالغان كەسپىي ئورۇنلارنى مەمۇرىيەت تۈرىگە ئايرىدى، بايلىقنى بازار تەقسىملەيدىغان، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنى تىجارەت تۈرىگە ئايرىدى، جامائەت مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنى جامائەت پاراۋانلىقى تۈرىگە ئايرىدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىنى زىممىسىگە ئالغان ئورۇنلارنى جامائەت پاراۋانلىقى 1 – تۈرىگە، ئادەتتىكى جامائەت مۇلازىمىتىنى زىممىسىگە ئالغان ئورۇنلارنى جامائەت پاراۋانلىقى 2 – تۈرىگە كىرگۈزدى.
بۇنىڭدىن باشقا، ھەر دەرىجىلىك ئاپپارات ئىشتات تارماقلىرى كەسپىي ئورۇنلارنى تۈرگە ئايرىشقا بىرلەشتۈرۈپ، ئىشتاتنى ئازايتىش، تىزگىنلەش تەدبىرىنى قوللىنىپ، ئاپپاراتلاردىكى ئىشتات ئومۇمىي مىقدارىنى 2012 – يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئاساسىي سان ئىچىدە تىزگىنلەپ، ئاپپاراتلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، بىرلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىشتاتلارنى ئىخچاملىدى.
ھۆكۈمەت بىلەن كەسپىي ئورۇننى، كەسپىي ئورۇن بىلەن كارخانىنى ئايرىش زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلدى
كۆپ يىللاردىن بۇيان، بەزى كەسپىي ئورۇنلار مەمۇرىي فۇنكسىيەنى زىممىسىگە ئېلىپ كەلدى، بۇ جامائەت مۇلازىمىتىنىڭ ئورنىغا ماس كەلمىدى، ھۆكۈمەت بىلەن كەسپىي ئورۇنلارنى ئايرىماسلىق، ئاپپاراتلار قاتمۇقات بولۇپ كېتىش، مەجبۇرىيەت گىرەلىشىپ كېتىش، ئۈنۈم تۆۋەن بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر بىر قەدەر گەۋدىلىك بولدى.
مەمۇرىي فۇنكسىيەنى زىممىسىگە ئالغان كەسپىي ئورۇنلارنى ئىسلاھ قىلىش تۈرگە ئايرىش ئايدىڭلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن ئىلگىرى سۈرۈلگەن تۇنجى تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات. ئىسلاھات دائىرىسى ئاساسلىقى ھۆكۈمەتكە بىۋاسىتە قاراشلىق بەزى كەسپىي ئىدارىلەر، تارماقلارغا قاراشلىق كەسپىي ئورۇنلار ۋە ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلغۇچى ئاپپاراتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالدى.
بۇنىڭ ئۈچۈن، مەركەز مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى، قاتناش – تىرانسپورت مىنىستىرلىقى، سۇچىلىق مىنىستىرلىقىنى نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان تارماق قىلىپ ئېنىق بېكىتتى؛ جياڭسۇ، ئەنخۈي، گۇاڭدۇڭ، نىڭشيا نۇقتىدا سىناق قىلىشتىكى مۇھىم ئۆلكە قىلىپ بېكىتىلىپ، ئۆلكە، شەھەر، ناھىيەدىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجە بويىچە نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇردى، باشقا ئۆلكىلەر شەھەر، ناھىيەدىن ئىبارەت ئىككى دەرىجە بويىچە نۇقتىدا سىناق قىلدى.
بىرىنچى، فۇنكسىيە تەرتىپكە سېلىندى. نۇقتىدا سىناق قىلىش رايونلىرى ۋە تارماقلىرى مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ ھوقۇق تىزىملىكىنى بىرلەشتۈرۈپ، زور بىر تۈركۈم مەمۇرىي تەستىق تۈرلىرىنى بىكار قىلدى ۋە تۆۋەنگە چۈشۈردى، نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان ھەر بىر ناھىيە تەخمىنەن 500 تۈر ئەتراپىدىكى فۇنكسىيە ۋەزىپىسىنى تەرتىپكە سالدى.
ئىككىنچى، مەمۇرىي فۇنكسىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىلگىرى سۈرۈلدى. ھۆكۈمەتكە بىۋاسىتە قاراشلىق كەسپىي ئىدارىلەر، تارماقلارغا قاراشلىق كەسپىي ئورۇنلارنىڭ زىممىسىگە ئالغان مەمۇرىي ئىجازەت، مەمۇرىي كېسىم قاتارلىق مەمۇرىي خىزمەت ھوقۇقى مەمۇرىي ئاپپاراتلارغا ئايرىپ بېرىلدى.
ھازىر نۇقتىدا سىناق قىلىش رايونلىرى ۋە تارماقلىرىنىڭ ئىسلاھاتنى يولغا قويۇش لايىھەسىنىڭ ھەممىسى تەستىقىي جاۋابقا ئېرىشتى، ئالاقىدار ئاپپاراتلارنى تەسىس قىلىش، ئىشتات سەپلەش، خادىملارنى تەڭشەش قاتارلىق كونكرېت خىزمەتلەر تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلماقتا، ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاندى.
ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كەسپىي ئورۇنلارنىڭ كۆپ ساندىكىلىرى پىلانلىق ئىگىلىك تۈزۈلمىسى ئاساسىدا قۇرۇلغان، كۆپىنچىسى مېھمانساراي، مېھمانخانا، مەسلىھەت بېرىش مەركىزى قاتارلىق رىقابەت كەسكىن ساھەلەردىكى ئاپپاراتلار بولغاچقا، بۇ ئورۇنلار كەسپىي ئورۇن دېگەن ‹‹قالپاق››نى كىيىۋالغىنى بىلەن ئەمەلىيەتتە ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، ئومۇميۈزلۈك باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى راۋان ئەمەس، ھەرىكەت مېخانىزمى جانلىق ئەمەس، دۆلەت مۈلكىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمى يۇقىرى ئەمەس.
تىجارەت تۈرىدىكى كەسپىي ئورۇنلار ئىسلاھاتىنىڭ يۆنىلىشى ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك باشقۇرۇش، پايدا – زىيانغا ئۆزى مەسئۇل بولۇش، ئادىل رىقابەتلىشىش، ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت بازار سۇبيېكتىغا ئايلىنىشتىن ئىبارەت.
ئوخشاش بولمىغان ئەھۋالغا ئاساسەن، مەركەز ئىسلاھاتنى باسقۇچلارغا بۆلۈپ ئېلىپ باردى، ئىقتىسادىي ئۈنۈمى ياخشىراق بولغانلىرى 2017–يىلىدىن ئىلگىرى كارخانا تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىلدى؛ ئىقتىسادىي ئۈنۈمى ئادەتتىكىچە بولغانلىرى 2018–يىلىدىن ئىلگىرى كارخانا تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىلىدۇ؛ خادىم ئاز، مۈلۈك كۆلىمى كىچىكرەكلىرى ياكى مۈلكى قەرزگە چىقىش قىلالمايدىغانلىرى، ھەقدارلىق – قەرزدارلىق ئېنىق بولمىغانلىرى، كارخانا تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىش شەرتلىرىنى ئاساسىي جەھەتتىن ھازىرلىمىغانلىرى مۈلۈكنى بىر تەرەپ قىلىش، خادىملارنى ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلىسە، 2020–يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن كەسپىي ئورۇن قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلىدۇ.
ھازىر مەركەز دەرىجىلىك ئورۇنلار كارخانا تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىش خىزمەت لايىھەسىنى چىڭ تۇتۇپ تەكشۈرۈپ، ئىسلاھاتنى پائال ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ، ئون نەچچە ئۆلكە ئىسلاھاتنى يولغا قويۇش پىكرىنى ئېلان قىلدى، قىسمەن ئۆلكىلەر ئۆلكە دەرىجىلىك ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملىدى.
جامائەت پاراۋانلىقى تۈرىدىكى كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئىسلاھاتى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلدى
جامائەت پاراۋانلىقى تۈرىدىكى كەسپىي ئىشتات بارلىق كەسپىي ئىشتاتنىڭ %90ىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ، ھازىر ئاساسلىقى ئومۇمىي كۆلىمى نىسبەتەن زور بولۇش، ئورۇنلىشىش قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق بولماسلىق، مەمۇرلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش بىلەن مۇلازىمەت ئارقىلىق پايدا ئېلىش خاراكتېرى ئورتاق مەۋجۇت بولۇش، جامائەت پاراۋانلىقى نىشانىدىن بەلگىلىك دەرىجىدە چەتنەپ كېتىش، ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جايىدا بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر ساقلانماقتا.
پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، جايلار، تارماقلار جامائەت پاراۋانلىقى تۈرىدىكى كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئىسلاھاتىنى پائال ئىلگىرى سۈردى:
─ ئىسلاھات يانداش سىياسەتلىرى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. كادىرلارنى باشقۇرۇش، ئورگان، ئىشتاتلارنى باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىش، ھۆكۈمەت مۇلازىمەتنى سېتىۋېلىش، كىرىم تەقسىماتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشتىن ئىبارەت بىر قاتار سىياسەتلەر ئېلان قىلىنىپ، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ يېڭى ئىسلاھات باشقۇرۇش تۈزۈمى رامكىسى تەدرىجىي شەكىللەندى.
─ كەسپىي ئورۇنلارنىڭ جامائەت پاراۋانلىقى خاراكتېرى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلدى. كەسپىي ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەت قوغلىشىش مېخانىزمى زور كۈچ بىلەن تۈگىتىلدى، مەسىلەن، مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى ھەر دەرىجىلىك مۇھىت ئاسراش تارماقلىرىغا قاراشلىق مۇھىت باھالاش ئاپپاراتلىرىنى ئاپپاراتتىن ئايرىش خىزمىتىنى تاماملاپ، ‹‹ئەمەلدارلار ۋاسىتىچىلىكى››نى تازىلىدى؛ شاڭخەي قاتارلىق ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر بىرىنچى تۈردىكى جامائەت پاراۋانلىقى بىلەن قۇرۇلغان كارخانىلارنى ئايرىش، ئىككىنچى تۈردىكى جامائەت پاراۋانلىقى بىلەن قۇرۇلغان، ئاساسلىق كەسىپ بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولغان كارخانىلارنىمۇ ئايرىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، جامائەت پاراۋانلىقى بىلەن بازار تىجارىتىنىڭ چېگراسىنى ئېنىق ئايرىدى.
─ ئاپپارات ئىشتاتىنى باشقۇرۇشتا يەنىمۇ يېڭىلىق يارىتىلدى. ھەر دەرىجىلىك ئاپپارات ئىشتات تارماقلىرى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈزۈمى بىلەن ئەنگە ئېلىش تۈزۈمىنى بىرلەشتۈرۈشنى، ئىشتاتقا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن سېتىۋېلىش مۇلازىمىتىنى بىرلەشتۈرۈشنى، ئىشتىن بۇرۇن تەستىقلاش بىلەن ئىش جەريانىدا، ئىش ئاخىرلاشقاندا نازارەت قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشنى نىشان قىلغان ئىشتاتنى باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىش ئىسلاھاتىنى پائال ئىلگىرى سۈردى. مەسىلەن، مەركەز دەرىجىلىك ئورۇنلار ۋەكىل خاراكتېرلىك ئاساسلىق ئاخبارات ئورۇنلىرىدا خادىملار ئىشتاتى ئومۇمىي مىقدارىنى باشقۇرۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلدى؛ جياڭسۇ، خۇبېي، خېبېي، تيەنجىن قاتارلىق ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ھۆكۈمەت دوختۇرخانىسى، ئالىي مەكتەپ خادىملىرى ئومۇمىي مىقدارىنى باشقۇرۇش ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشتات بايلىقى كەمچىل بولۇش، ئىشتات ئىچىدىكى، ئىشتات سىرتىدىكى ئىككى مەنبەلىك سالاھىيەتنى باشقۇرۇش، ئوخشاش ئىشقا ئوخشاش ھەق بەرمەسلىك قاتارلىق مەسىلىلەرنى زور كۈچ بىلەن ھەل قىلدى.
─ قانۇنىي ئىگە ئىدارە قىلىش قۇرۇلمىسىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىلدى. مەركەز ئاپپارات ئىشتات كومىتېتى ئىشخانىسى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىللە كەسپىي ئورۇنلارنىڭ نىزامنامە ئۈلگىسىنى مۇزاكىرە قىلىپ بېكىتىپ، يەرلىكنىڭ قانۇنىي ئىگە ئىدارە قىلىش قۇرۇلمىسى قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، مەركەز بىلەن يەرلىك ئورتاق باغلىنىشلىق بولغان نۇقتىدا سىناق قىلىش ئورۇنلىرىنى ئايدىڭلاشتۇردى. شەندۇڭ، چىڭخەي قاتارلىق ئۆلكىلەر مەكتەپ، تەتقىقات يۇرتى، تەتقىقات ئورنى، دوختۇرخانا قاتارلىق كەسپىي ئورۇنلارنىڭ مەمۇرىي دەرىجىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش توغرىسىدا پائال ئىزدەندى.
─ مائارىپ، پەن – تېخنىكا، مەدەنىيەت، سەھىيە قاتارلىق ئورۇنلار ‹‹كەسىپلەرگە بۆلۈپ ئىلگىرى سۈرۈش›› فاڭجېنىغا ئاساسەن، كەسىپ تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۇنى كەسپىي ئورۇنلار ئىسلاھاتى بىلەن پائال جىپسىلاشتۇردى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 – ئاينىڭ 12 – كۈنى تېلېگراممىسى
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

كۆرۈپ قويۇڭ
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى