ئۈرۈمچىئىلىچۆچەكئالتايبايىنغۇلىنبورتالاشىخەنزەسانجىقۇمۇلتۇرپانكۈيتۈنقارامايئاقسۇقىزىلسۇقەشقەرخوتەن
باش بەتخەۋەرلەر مەركىزىسۈرەت مەركىزىئەدەبىيات – سەنئەتمەدەنىيەتكىنولار– دىراممىلارئەسلىمە
ئۈنۋېرسال رادىيو سەنئەت رادىيوكەسىپ ئىستىلى  تاللاپ   ئاڭلاشئۇيغۇرچە ئۈگۈنۈشخەنزۇچە ئۈگۈنۈشئىستانسىمىز ھەققىدە
• ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار ئالاقىدار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى• 1.مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى يىلى پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى• «ئۇ كوماندا ئەزاسى، ھەم ترېنېر» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوچېرك•  يىپەك يولى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا، ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئېگىز تاغدا ئايلىنىپ چاڭغا تېيىلىش تۈرى بويىچە ئىككى ئالتۇن مېدال مەيدانغا كەلدى• ئاپتونۇم رايوننىڭ لىكسىيە ئۆمىكى پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم 8-نۆۋەتلىك كومىتېتى 10-ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ھەققىدە دوكلات بەردى• ئاۋامنىڭ كەڭ زىمىندا ئىگىلىك تىكلىشى• بىپايان جەنۇبىي شىنجاڭ زېمىنىدا كىشىلىك ھاياتنىڭ گۈزەل كارتىنىسىنى يارىتايلى• ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى• ئاپتونوم رايونلوق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزى ئۆگۈنۈش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلوق پارتكوم خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى• مائارىپ ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش• شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيىسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرمەكتە• ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش• «جەنۇپتا يىلتىز تارتقان بىر تۈپ يۇلغۇن» ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئوچرىكىنىڭ «چىن ھىسىياتنى بېغىشلاش» دېگەن ئىككىنچى قىسىمى• گۈزەل شىنجاڭنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىپ، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى• ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شامال ئېلېكتر پاكىز ئېنېرگىيەلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى نوقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى تەستىقلاندى• جۇڭشىڭ ئېنېرگىيەسى جەنۇبىي شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك كەسىپلەر بازىسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان فوتوۋولت يۈرۈشلۈك ماددىي ئەشيالىرى پاكىستانغا يەتكۈزۈلدى• ئاپتونوم رايونىمىز بىر تۈركۈم زور قاتناش ئۇل ئەسلىھەلەر تۈرىنى يولغا قويدى• تەبەسسۇملۇق چىرايلار• ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرى خىزمىتى يىغىنى ۋە ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمىتى نەق مەيدان يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى• جاھان ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتقان چولپان كەنت• شىنجاڭ ساياھەتچىلىككە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى بىلەن شىنجاڭ خۇڭيۈەن دەۋر مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى كېلىشىم ئىمزالىدى• ئاممىنى قەلبىدە ساقلاپ، پۈتۈن مۇھەببىتى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش• خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، جان- دىلى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش•  13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى• ئاپتونوم رايونىمىز دۇنيا ئىقتىسادى بىلەن بولغان جىپسىلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىشىكنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى يادرولۇق رايونغا ئايلاندى• دۇنيا زوراۋانلىق، تېررورلۇقتىن قورقۇپ قالمايدۇ• ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش• «تېررورىزىمغا زەربە بېرىشتە جەزمەن ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش كېرەك» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوبزور ئېلان قىلىندى• ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «يېزا- بازارلىق پونكىتلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى» ئېلان قىلدى•  مىترو 1- نومۇرلۇق لىنىيەسى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇنجى قوش لىنىيەسى تۇتاشتۇرۇلغان رايون ئارا تونىل بولۇپ قالدى• 5 چوڭ تەرەققىيات قارىشى ئىچىدە، يېشىل تەرەققىيات قارىشى يارقىن نوقتا بولۇپ قالدى• ئىقتىساسلىق كادىرلار جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئاچقۇچى• 5 چوڭ تەرەققىيات ئۇقۇمى ئارقىلىق ئىلمىي ھالقىشقا يىتەكچىلىك قىلىش• ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسى خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ئاساسىنى پۇختىلاش• ئورتاق قاراشنى مۇجەسسەملەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى بەت ئاچايلى•  «13- بەشيىللىق» يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپتە، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى 5 يىللىق تەرەققىيات خەرىتىسى كۆرسىتىپ بېرىلدى• ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ياڭاقچىلىققا تايىنىپ بېيىغان قېرىنداشلارنىڭ ھېكايىسى• «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتىنى ساياھەت قىلىش» قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىك ساياھەت ئاساسىي تېما پائالىيىتى رەسمىي باشلىنىدۇ
• مىسىر زوڭتوڭ سايلىمىدا مۇسۇلمان بۇرادەرلەر جەمئىيىتىگە تەۋە ھەققانىيەت پارتىيېسىنىڭ رەئىسى مورشى بىلەن سابىق زوڭلى سەفىقنىڭ بېلەتكە ئېرىشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئىككى ئورۇننى ئىگىلىگەن• 2015 - يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىز ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 5 تىرلىيون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن• ھىندىستاندا ئىسسىق ھاۋا 81 ئادەمنىڭ بېشىغا چىقتى• بىرمىدا ھەر يىلى تەخمىنەن 18 مىڭدىن 23 مىڭغىچە ئەيدىز بىمارى ئۆلۈپ كېتىدىكەن• كورىيە ئارمىيە دائىرىلىرى: چاۋشيەن يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىپ بولدى، دېدى
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

قەشقەر ۋىلايىتى: بەختىيار، ئىناق تۇرمۇش يېڭى قىياپەتنى نامايان قىلدى

2017-10-13 19:45:55     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

كۈنسېرى يۈكسىلىۋاتقان ۋىلايەت، ئوبلاستلارغا نەزەر

 پوسكام ناھىيەسىنىڭ پوسكام يېزىسى قۇتچى كەنتىدىكىلەر 9- ئاينىڭ 15- كۈنى كەنتتىكى مەيداندا سەيلە قىلماقتا. (مۇخبىرىمىز جۇ مىڭجۈن تارتقان)

  ئالتۇن كۈزدىكى قەشقەر مول ھوسۇل پەيتىنى كۈتۈۋالدى، ئۈمىدكە تولغان بۇ زېمىندا مول ھوسۇل ئېلىنغان ياڭاقلار يېزا- كەنتلەرنىڭ ياپيېشىل باغلىرى ئارىسىغا يېيىتىلغانىدى، قىپقىزىل، يوغان چىلانلار بەئەينى ھېقىقلاردەك شاخلاردا غۇچچىدە ساڭگىلاپ تۇراتتى، قىزىرىپ پىشقان ئالمىلار شاخلىرىنى كۆتۈرەلمەي قالغانىدى، چوڭ سوقا نەشپۈتلەر قۇياش نۇرىدا ساپسېرىق جۇلالىنىپ كىشىنىڭ ھەۋىسىنى قوزغايتتى... شەھەر- بازارلاردىن تارتىپ يېزا- كەنتلەرگىچە، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى 4 مىليوندىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئامما مول ھوسۇل شادلىقى ۋە بەخت تۇيغۇسىغا چۆمگەنىدى.

  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى بەش يىل قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ تارىختىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئەڭ ياخشى ھەم ئەڭ تېز بولغان مەزگىلى بولدى. ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلدى، ئاساسلىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەر ئىككى خانىلىق سان بويىچە ئاشتى. قەشقەر ۋىلايىتى مانا مۇشۇنداق يېپيېڭى قىياپەتتە پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىناقلىق ۋە بەختنىڭ گۈزەل سەھىپىسىنى ياراتماقتا.


    مىليون كىشىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى باشلاندى

  قەشقەر ۋىلايىتى شىنجاڭدىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ يېزا ئىگىلىك چوڭ ۋىلايىتى بولۇپ، 1 مىليون 50 مىڭ نامرات ئاھالە بار ئىدى، نامرات كەنت ۋە نامرات ئاھالە پۈتۈن شىنجاڭدىكى نامرات كەنت ۋە نامرات ئاھالىنىڭ %40تىن كۆپرەكىنى ئىگىلىگەن بولغاچقا، ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئاساسلىق جەڭگاھى بولغان. قەشقەر ۋىلايىتى 2016- يىلى ئەمىن تاپقۇزۇپ، خەلقنى بېيىتىش ۋە گۈزەل يېزا- كەنت قۇرۇلۇشىغا بىرلەشتۈرۈپ «ھويلا- ئاران ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈش»نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى باشلىدى. ھەر قايسى ناھىيە، شەھەرلەر ئەمىن تاپقۇزۇپ، خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى جەريانىدا، گۈزەل يېزا- كەنت قۇرۇلۇشىغا بىرلەشتۈرۈپ، كونا ھويلا- ئارانلارنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ھويلا- ئاران ئىگىلىكىنى كۈچەپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، كىرىمنى ئاشۇرۇشقا ياخشى ئاساس سالدى.

  قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ يېتىملىقۇم يېزىسى كەنتئېرىق كەنتىدە يىراققا نەزەر سالسىڭىز، كەڭ ۋە پاكىز يولنىڭ ئىككى ياقىسىغا رەتلىك تىكىلگەن دەل- دەرەخلەر، رەت- رەت ياتقۇزۇلغان تاش گىرۋەك، يول چىراغلىرى كۆزىڭىزگە چېلىقىدۇ، گۈزەل تۇرالغۇ مۇھىتى كەنتنى يېپيېڭى تۈسكە كىرگۈزگەنىدى. دېھقان ئىلھام ئەخەت مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت گۈزەل يېزا- كەنت قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، سېمونت يوللارنى ئىشىك ئالدىمىزغىچە تۇتاشتۇرۇپ بەردى، كەنتتە ئەخلەت ئورىكى ياسالدى، ھەممە ئۆيلەرنىڭ ئالدى- كەينىگە گۈل- گىياھلار تىكىلىپ، پۈتۈن كەنت شەھەرلەردىكىدەك پاكىز بولۇپ كەتتى.

  دېھقان ئابدۇراخماننىڭ ئەنئەنىۋى چاسا شەكىللىك قورۇسىنىڭ ئالدىدا تۆمۈر سالاسۇنلۇق كىچىكرەك كۆكتاتلىقى بولۇپ، ئۇ بۇ يەرگە ھەر خىل پەسىللىك كۆكتاتلارنى تېرىغانىدى. قورۇنىڭ ئىچىگە خىش ياتقۇزۇلۇپ، پاكىز تازىلانغان، قوتاننى ئايرىپ تۇرىدىغان ھويلا تاملىرىغا بىر نەچچە تەشتەك گۈل قويۇلغانىدى. قوتىنىدا ئون نەچچە قويى، قوتان يېنىدىكى 20 نەچچە كىۋادرات مېتىرلىق توخۇ كاتىكىدە نەچچە ئون توخۇسى بار ئىدى.

  ئابدۇراخمان خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: يېزىلىق ھۆكۈمەت بىزنى گۈزەل يېزا- كەنت قۇرۇشقا يېتەكلەپ، ھەممە ئائىلىنى ئۆيىنىڭ ئالدى ۋە ئارقىسىغا كۆكتات تېرىشقا چاقىرىق قىلدى، يەنە كەسپىي خادىملارنى ھەر قايسى ئۆيلەرگە بېرىپ ئۆلچەپ سىزىشقا تەكلىپ قىلىپ، ھەر بىر ئائىلىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ، كۆكتاتلىقىنى لايىھەلەپ بەردى ھەم قوتان سېلىشقا پىلان تۈزۈپ بېرىپ، ھويلا- ئاران باقمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىزغا مەدەت بەردى.

  قەشقەر ۋىلايىتى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئەڭ مۇھىم چوڭ ئىش ۋە بىرىنچى خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى قىلىپ، «ئالتىدە دەل جايىدا بولۇش»، «بەش بىر تۈركۈم» تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن ۋىلايەتنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ قەتئىي غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشتى. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىپ يۆلەش، رايون ئىچىدىكىلەر ھەمكارلىشىپ يۆلەش مېخانىزمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئورۇنلار كەنتلەرنى ھۆددىگە ئېلىش، كادىرلار ئائىلىلەرنى ھۆددىگە ئېلىشنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەت يۆلەشكە قاتنىشىدىغان خىزمەت ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى. 2014- يىلىدىن 2016- يىلىغىچە مالىيەدىن 2 مىليارد 567 مىليون يۈەن مەخسۇس يۆلەش مەبلىغى ئاجرىتىپ، يۆلەش تۈرىدىن 2507نى يولغا قويدى. 2016- يىلىنىڭ ئاخىرىدا نامرات كەنت ئەسلىدىكى 1222دىن 830گە، نامرات ئاھالە ئەسلىدىكى 1 مىليون 56 مىڭ كىشىدىن 539 مىڭ 800 كىشىگە ئازايدى.

    ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى بويىچە گۈزەل يېزا- كەنت قۇرۇلدى

  قەشقەر ۋىلايىتى مەۋقەنى باشتىن- ئاخىر ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ئاجىز بولۇشتەك ئاساسىي رايون ئەھۋالىغا قويۇپ، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولۇشنىڭ ئۆزى بايلىق، دەشتى- باياۋانلارمۇ ئالتۇن ماكان، دېگەن ئىدىيەنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، تۆت يېشىل كارىدور، تۆت ئېكولوگىيە توسۇقى قۇرۇشنى باشلاپ، چارۋىچىلىقتىن ئوتلاققا قايتۇرۇش، تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇش، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە تىزگىنلەش قاتارلق ئورمانچىلىق قۇرۇلۇشى ۋە ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، 1 مىليون 761 مىڭ مو كۆلەمدە كۆچەت تىكىپ ئورمان ئەھيا قىلدى. ۋىلايەتنىڭ باغ- ئورمان كۆلىمىنى 6 مىليون مو ئەتراپىدا مۇقىم ساقلىدى، بۇ پۈتكۈل ۋىلايەتتىكى %85 يېزا- بازار ۋە يېزا ئاھالىسىنى قاپلاپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىشنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، بوستانلىقنىڭ ئىچكى ئېكولوگىيەسىنى ئۈنۈملۈك ياخشىلىدى.

  مەركەزلىك قۇرۇلغان يېزا- كەنتلەردە ئامانەت- قەرز كوپىراتىپى، مەركىزىي يەسلى، كۇتۇپخانا، ئارام ئېلىش- چېنىقىش مەيدانى، ئاممىۋى مۇلازىمەت مەركىزى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش مەركىزى، ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمەت مەركىزى، ئۇنىۋېرسال كۆڭۈل ئېچىش مەركىزى قاتارلىقلار بار. كىچىك شەھەر- بازار قۇرۇلۇشى يېتەكچىلىك ئەۋزەللىكى ۋە جۇغلاپ تەسىر كۆرسىتىش رولىنى كۈچەيتتى. يەنە يېزىلاردا تارقاق ئولتۇراقلاشقان زور بىر تۈركۈم ئاممىنى بۇ يەرگە ماكانلىشىشقا جەلپ قىلدى.

  مەخمۇت توختى بۇ يەردە ئولتۇراقلاشقان دېھقان، ئۇنىڭ ئىلگىرىكى ئۆيى يېزىلىق ھۆكۈمەتتىن خېلىلا يىراق بولۇپ، ئەتراپىدىكى مۇھىتمۇ ناچار ئىدى. ئۇ يېزىنىڭ ئەمىن تاپقۇزۇپ، خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، بۇنىڭغا قاتنىشىش نىيىتىگە كەلدى. ئۇ ئائىلىسىنىڭ كۆپ يىللىق تاپاۋىتىنى ئېلىپ، ئەمىن ئۆي سېلىشتىن باشقا يەنە، كوچا بويىغا دۇكان ئاچىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ھازىر مەخمۇت توختى ئۆيى ئالدىدىكى يول بويىدىلا ئاشخانا ئېچىۋالدى، ئوغلى ئاشخانىنىڭ خوجايىنى بولدى ھەم كەنتتىكى تۆت ياشنى ئاشخانىسىدا ئىشلىتىپ، ئېيىغا 3000 يۈەندىن ئىش ھەققى بەرگەچكە، كەنتتىكى ياشلار ئۇنىڭغا ھەۋەس بىلەن قارايدىغان بولدى.

    بەختىيار ۋە ئىناق قەشقەر كونى شەھەر رايونى

  قەشقەردىن ئىبارەت بۇ قەدىمىي ھەم ياش مەدەنىيەت شەھىرىدە 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۇنىڭغا يېڭى ھاياتىي كۈچ ئاتا قىلدى. كونىشەھەر رايونىنىڭ كوچا- رەستىلىرى كۈزنىڭ ئىللىق ئاپتىپىغا چۆمۈلگەنىدى، ياپيېشىل پېلەكلەر مىللىيچە سېلىنغان رەت- رەت بىنالارنىڭ تاملىرىغا ياماشقانىدى. كۆپكۆك ئاسماندا توپ- توپ كەپتەرلەر پەرۋاز قىلاتتى. كوچا- رەستىلەردىكى ناۋايخانىلاردىن ناننىڭ مەززىلىك ھىدى كېلىپ تۇراتتى. مىسكەرخانىلاردىن چىققان تاراڭ- تۇرۇڭ ئاۋازلار بەئەينى بەخت كۈيىدەك ئاڭلىناتتى. كونىشەھەر رايونىنىڭ كوچا- رەستىلىرىدە ئايلانسىڭىز، كونىشەھەرنىڭ تارىخىي قىياپىتىنىلا ئەمەس، يەنە ئۆزگەرتىپ سېلىنغاندىن كېيىنكى تارىخىي مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىگە ئىگە يېڭى ئۆيلەردىن كونىشەھەرلىكلەرنىڭ ئىدىيەسىدىكى ئۆزگىرىشنى ھېس قىلالايسىز. تار كوچىلارنىڭ ئۆزگەرتىلىشى بىلەن ئاشۇ تار كوچىدىكى كىشىلەرنىڭ نەزەر دائىرىسى كېڭەيدى، يېڭى مەدەنىيەت ئامىلى ۋە تارىخىي مەدەنىيەت ئامىلى بۇ يەرگە مۇجەسسەملەندى، كىشىلەر بەختلىك تۇرمۇشتىن ھۇزۇر ئېلىش بىلەن بىللە، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى مۇشۇ دەۋر بۇ قەدىمىي شەھەرگە ئاتا قىلغان يېڭى ھاياتلىق ئىكەنلىكىنى بىر مىنۇتمۇ ئۇنتۇپ قالمىدى.

  رەڭگارەڭ چىراغلارنىڭ يورۇشى بىلەن قەشقەر كېچىسى رەڭدار تونغا ئورىنىپ، قەشقەرنىڭ كەچلىك تۇرمۇشى مانا مۇشۇ رەڭدار كېچىدە باشلىنىدۇ. خام بازىرىدىكى كەچلىك بازار قەشقەر شەھىرىدىكى كەچلىك تۇرمۇشنىڭ ئەڭ يارقىن كارتىنىسى، خىلمۇخىل نازۇ نېمەتلەر بۇ يەرگە يىغىلغان، ھۆپپىگەرلەرنىڭ خېرىدار چاقىرغان ئاۋازلىرى بىر ئۆرلەپ، بىر پەسىيىپ تۇراتتى، كەچلىك بازارنى ئايلىنىۋاتقان كىشىلەر تۈرلۈك تائام يايمىلىرى ئارىسىدا موكىدەك ئۆتۈشۈپ تۇراتتى، ھاۋادىن بۇرۇننى غىدىقلايدىغان مەززىلىك پۇراقلار كېلىپ تۇراتتى. ھازىر كەچلىك بازارنى ئايلىنىۋاتقان خېرىدارلارنىڭ ئىچىدە ئاز ساندىكىلىرى قەشقەرنىڭ يەرلىك ئاھالىسى، كۆپىنچىسى مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر.

  مۇبادا خام بازىرىدىكى كەچلىك بازارنى قەشقەرنىڭ ئەنئەنىۋى تائام مەدەنىيىتىنىڭ كارتىنىسى دېسەك، ئۇنداقتا قەشقەرنىڭ تۈمەنكۆل بويىدىكى كېچىلىك تۇرمۇشنى قەشقەرلىكلەرنىڭ زامانىۋى تۇرمۇشتىن بەھرىمەن بولۇشىنىڭ نامايەندىسى دېيىشكە بولىدۇ. تۈمەنكۆل قەشقەرلىكلەرنى ئىپتىخارلاندۇرىدىغان كاتتا ئىجادىيەت. كېچىدە چىراغ نۇرى ئاستىدىكى تۈمەنكۆل رەڭگارەڭ تۈسكە كىرگەنىدى، كىشىلەر زۇمرەتتەك چايقىلىپ تۇرغان كۆلدە قېيىق ھەيدىشەتتى، كۆل سۈيى ئۇرۇلۇپ تۇرغان قىرغاقتا سەيلە قىلىشىۋاتاتتى. كاۋاپلارنىڭ مەززىلىك ھىدى پىۋىنىڭ پۇرىقىغا قوشۇلۇپ ئەتراپقا تارىلاتتى. بۇلارنىڭ ھەممىسى قەشقەرنىڭ كەچلىك تۇرمۇشىنىڭ يارقىن، رەڭدار ۋە ئىناق كارتىنىسىنى، شۇنداقلا بۈگۈنكى قەشقەرلىكلەرنىڭ بەختىيار، ئىناق تۇرمۇشىنىڭ جانلىق خاتىرىسىنى سۈرەتلەپ بەردى.

  سانلىق مەلۇماتلاردىن بەش يىللىق تەرەققىياتقا نەزەر

  رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى

  2012- يىلى 48 مىليارد 230 مىليون يۈەن

  2016- يىلى 75 مىليارد 986 مىليون يۈەن

  كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان GDP

  2012- يىلى 11 مىڭ 392 يۈەن

  2016- يىلى 16 مىڭ 860 يۈەن

  تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى

  2012- يىلى 50 مىليارد 18 مىليون يۈەن

  2016- يىلى 91 مىليارد 925 مىليون يۈەن

  مالىيە كىرىمى

  2012- يىلى 3 مىليارد 780 مىليون يۈەن

  2016- يىلى 6 مىليارد 376 مىليون يۈەن

  شەھەر- بازار ئاھالىسىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم

  2012- يىلى 14 مىڭ 997 يۈەن

  2016- يىلى 22 مىڭ 732 يۈەن

  يېزا ئاھالىسىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم

  2012- يىلى 6143 يۈەن

  2016- يىلى 9275 يۈەن
 

 قەشقەر «شېنجېن شەھەرچىسى» قۇرۇلۇشىنىڭ تاماملىنىشى قەشقەر شەھىرى، شۇنداقلا پۈتكۈل قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەقىياتىغا ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى. (مۇخبىرىمىز جۇ مىڭجۈن تارتقان)
كۆرۈپ قويۇڭ
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى