ئۈرۈمچىئىلىچۆچەكئالتايبايىنغۇلىنبورتالاشىخەنزەسانجىقۇمۇلتۇرپانكۈيتۈنقارامايئاقسۇقىزىلسۇقەشقەرخوتەن
باش بەتخەۋەرلەر مەركىزىسۈرەت مەركىزىئەدەبىيات – سەنئەتمەدەنىيەتكىنولار– دىراممىلارئەسلىمە
ئۈنۋېرسال رادىيو سەنئەت رادىيوكەسىپ ئىستىلى  تاللاپ   ئاڭلاشئۇيغۇرچە ئۈگۈنۈشخەنزۇچە ئۈگۈنۈشئىستانسىمىز ھەققىدە
• ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار ئالاقىدار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى• 1.مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى يىلى پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى• «ئۇ كوماندا ئەزاسى، ھەم ترېنېر» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوچېرك•  يىپەك يولى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا، ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئېگىز تاغدا ئايلىنىپ چاڭغا تېيىلىش تۈرى بويىچە ئىككى ئالتۇن مېدال مەيدانغا كەلدى• ئاپتونۇم رايوننىڭ لىكسىيە ئۆمىكى پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم 8-نۆۋەتلىك كومىتېتى 10-ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ھەققىدە دوكلات بەردى• ئاۋامنىڭ كەڭ زىمىندا ئىگىلىك تىكلىشى• بىپايان جەنۇبىي شىنجاڭ زېمىنىدا كىشىلىك ھاياتنىڭ گۈزەل كارتىنىسىنى يارىتايلى• ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى• ئاپتونوم رايونلوق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزى ئۆگۈنۈش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلوق پارتكوم خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى• مائارىپ ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش• شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيىسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرمەكتە• ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش• «جەنۇپتا يىلتىز تارتقان بىر تۈپ يۇلغۇن» ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئوچرىكىنىڭ «چىن ھىسىياتنى بېغىشلاش» دېگەن ئىككىنچى قىسىمى• گۈزەل شىنجاڭنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىپ، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى• ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شامال ئېلېكتر پاكىز ئېنېرگىيەلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى نوقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى تەستىقلاندى• جۇڭشىڭ ئېنېرگىيەسى جەنۇبىي شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك كەسىپلەر بازىسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان فوتوۋولت يۈرۈشلۈك ماددىي ئەشيالىرى پاكىستانغا يەتكۈزۈلدى• ئاپتونوم رايونىمىز بىر تۈركۈم زور قاتناش ئۇل ئەسلىھەلەر تۈرىنى يولغا قويدى• تەبەسسۇملۇق چىرايلار• ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرى خىزمىتى يىغىنى ۋە ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمىتى نەق مەيدان يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى• جاھان ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتقان چولپان كەنت• شىنجاڭ ساياھەتچىلىككە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى بىلەن شىنجاڭ خۇڭيۈەن دەۋر مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى كېلىشىم ئىمزالىدى• ئاممىنى قەلبىدە ساقلاپ، پۈتۈن مۇھەببىتى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش• خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، جان- دىلى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش•  13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى• ئاپتونوم رايونىمىز دۇنيا ئىقتىسادى بىلەن بولغان جىپسىلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىشىكنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى يادرولۇق رايونغا ئايلاندى• دۇنيا زوراۋانلىق، تېررورلۇقتىن قورقۇپ قالمايدۇ• ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش• «تېررورىزىمغا زەربە بېرىشتە جەزمەن ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش كېرەك» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوبزور ئېلان قىلىندى• ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «يېزا- بازارلىق پونكىتلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى» ئېلان قىلدى•  مىترو 1- نومۇرلۇق لىنىيەسى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇنجى قوش لىنىيەسى تۇتاشتۇرۇلغان رايون ئارا تونىل بولۇپ قالدى• 5 چوڭ تەرەققىيات قارىشى ئىچىدە، يېشىل تەرەققىيات قارىشى يارقىن نوقتا بولۇپ قالدى• ئىقتىساسلىق كادىرلار جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئاچقۇچى• 5 چوڭ تەرەققىيات ئۇقۇمى ئارقىلىق ئىلمىي ھالقىشقا يىتەكچىلىك قىلىش• ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسى خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ئاساسىنى پۇختىلاش• ئورتاق قاراشنى مۇجەسسەملەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى بەت ئاچايلى•  «13- بەشيىللىق» يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپتە، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى 5 يىللىق تەرەققىيات خەرىتىسى كۆرسىتىپ بېرىلدى• ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ياڭاقچىلىققا تايىنىپ بېيىغان قېرىنداشلارنىڭ ھېكايىسى• «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتىنى ساياھەت قىلىش» قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىك ساياھەت ئاساسىي تېما پائالىيىتى رەسمىي باشلىنىدۇ
• مىسىر زوڭتوڭ سايلىمىدا مۇسۇلمان بۇرادەرلەر جەمئىيىتىگە تەۋە ھەققانىيەت پارتىيېسىنىڭ رەئىسى مورشى بىلەن سابىق زوڭلى سەفىقنىڭ بېلەتكە ئېرىشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئىككى ئورۇننى ئىگىلىگەن• 2015 - يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىز ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 5 تىرلىيون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن• ھىندىستاندا ئىسسىق ھاۋا 81 ئادەمنىڭ بېشىغا چىقتى• بىرمىدا ھەر يىلى تەخمىنەن 18 مىڭدىن 23 مىڭغىچە ئەيدىز بىمارى ئۆلۈپ كېتىدىكەن• كورىيە ئارمىيە دائىرىلىرى: چاۋشيەن يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىپ بولدى، دېدى
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاممىۋى تەشكىلاتلار: جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى يارىتىش ئۈچۈن كۈچلەرنى مۇجەسسەملىدى

2017-10-13 19:54:42     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن باتۇرانە ئىلگىرىلەش . كەسىپلەرگە نەزەر

 كۇچا ناھىيەسىدىكى «بىر ئائىلە كىشىلىرى» پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىدىكىلەر ناھىيەلىك پاراۋانلىق ئورنىغا كېلىپ، ئوقۇغۇچىلارغا ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ھەدىيە قىلدى ھەم شۇ كۈنى تۇغۇلغان كۈنى بولغان بالىغا تۇغۇلغان كۈنى سوۋغىتى بەردى. (جۇ شۈەن فوتوسى)

  يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق مەكتىپىنىڭ 34 ياشلىق ئوقۇتقۇچىسى تۇرسۇن ئەبەي توردا داڭلىق شەخسكە ئايلاندى. چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتقان تۇرسۇن ئەبەي ئېلان قىلغان چىن ھېسسىيات بىلەن يۇغۇرۇلغان، كىشىنىڭ قەلب تارىنى چېكىدىغان «ئوتتۇرا تېخنىكومدىن چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىغىچە − بىر ئۇيغۇر دوكتورنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانى ۋە قەلب ئىزھارى» ۋە «<پانمۇسۇلمانچىلاشتۇرۇش>نىڭ ئارقىسىدىكى سۇيىقەستتىن ھوشيار بولايلى − چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتكۈزگەن كەنتتە تۇرۇشلۇق دوكتورنىڭ ئويلىغانلىرى» ناملىق ئىككى پارچە ماقالىسى جەمئىيەتتە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.

  تۇرسۇن ئەبەي بۇ يىل ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرگەن ئىتتىپاق ئەزالىرىنىڭ بىرى. ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ئاينۇر مەقسەت قاتارلىق يەتتە يولداش بىرلىكتە يازغان «ئۇيغۇر ياشلارغا بەش سوئال»، ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ كادىرى ئەسقەر ياسىن ۋە ئۇنىڭ خوتۇنى سۈبھىنۇر بىرلىكتە ئېلان قىلغان «چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانتلىقىنى تەڭ پۈتكۈزگەن 20- ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىدا تۇغۇلغان ئەر- خوتۇننىڭ يۈرەك سۆزى» قاتارلىق ماقالىلەر ئېلان قىلىنىشى بىلەن جەمئىيەتتە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغاپ، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچلۈك مەنىۋى كۈچ مۇجەسسەملىدى.

  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىزمىتىگە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلۈپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدا كۆپ قېتىم ئېنىق تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى، پەن- تېخنىكا جەمئىيىتى، مۇھاجىرلار بىرلەشمىسى، سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، مېيىپلەر بىرلەشمىسى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلار رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ھەر دەرىجىلىك ئاممىۋى تەشكىلاتلار سىياسىيۋىلىكى، ئىلغارلىقى، ئاممىۋىلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى بىرلىكتە پۈتۈش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى.


    مەركىزىي خىزمەت، ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئۈچۈن خىزمەت قىلىش

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئىشچى- خىزمەتچىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈش بىلەن ھوقۇق- مەنپەئەتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوغداش، قانۇن بويىچە قوغداش، ئىلمىي قوغداشنى بىرلەشتۈرۈپ، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئەتىنى قوغداشنى نۇقتىلىق خىزمەت قىلىپ، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ھوقۇق- مەنپەئەتىنى قانۇن بويىچە قوغداش ھەرىكىتىنى پائال قانات يايدۇردى. ھازىرغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ھوقۇق- مەنپەئەتىنى قوغدايدىغان ئادۋوكات پىدائىيلار ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى كۆپىيىپ 1100 كىشىگە يېتىپ، 2016- يىلىلا ئىشچى- خىزمەتچىلەرگە چېتىشلىق 26 دېلوغا قانۇن ياردىمى بەردى، ئەرز قىلىپ كەلگەن 245 ئادەم(قېتىم) ئىشچى- خىزمەتچىنى قوبۇل قىلدى.

  جەنۇبىي شىنجاڭدىكى توقۇمىچىلىق، كىيىم- كېچەك كارخانىلىرىدىكى ئىشچى- خىزمەتچىلەر قوشۇنىنىڭ تېز ئېشىش يۈزلىنىشىگە ماسلىشىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى توقۇمىچىلىق، كىيىم- كېچەك ساھەسى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنى قۇردى. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2016- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاساسىي قاتلام ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتلىرى 28 مىڭ 800گە، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئەزالىرى 4 مىليون 47 مىڭ 100 كىشىگە يەتكەن.

  «كۈزلۈك ئوقۇشقا ياردەم بېرىش» پائالىيىتى قىيىنچىلىقى بار ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىرلەرنىڭ بىرى سۈپىتىدە، ئاپتونوم رايونلۇق ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى سىستېمىسىنىڭ مۇھىم خىزمىتىگە ئايلاندى. يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى 87 مىليون 270 مىڭ يۈەن ئاجرىتىپ، قىيىنچىلىقى بار 111 مىڭ 900 ئىشچى- خىزمەتچى پەرزەنتىنىڭ ئوقۇش قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلدى.

  بۇنىڭدىن سىرت، بەش يىلدا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى جەمئىي 218 مىليون يۈەن قىممىتىدە پۇل، مال غەملەپ ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پائالىيىتىگە ئىشلىتىپ، 3424 قىيىنچىلىقى بار كارخانىدىن، 224 مىڭ 800 ئىشچى- خىزمەتچى، دېھقان ئىشلەمچى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىن ھال سوراپ، ئۇلارغا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخۇرلۇقى ۋە مۇھەببىتىنى يەتكۈزدى.

    ياشلار بىلەن ئالاقىلىشىش، ياشلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتىكى كۈچلۈك قورغان

  بۇ يىل 3- ئايدا ئاپتونوم رايون دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى دەرھال بارلىق ئىتتىپاق ئەزالىرى، ياشلارنى پائال ئاۋاز قوشۇشقا چاقىردى، ئىتتىپاق ئەزالىرى، ياشلار ھەر خىل شەكىلدە بەس- بەستە دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچ بولۇپ ئۇيۇشتى. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، دىلنى يورۇتىدىغان، كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدىغان بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ماقالىلەر بارلىققا كېلىپ، جەمئىيەتتە كۈچلۈك ئىنكاس ۋە تەسىر قوزغىدى. شىنجاڭ كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، بۇ سۇپىدا ئېلان قىلىنغان دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش تېمىسىدىكى ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە ماقالىلەرنى ئوقۇش مىقدارى 2 مىليون 170 مىڭ ئادەم (قېتىم)غا يەتكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جاۋ چۈەن مۇنداق دېدى: ياشلار قەيەردە بولسا، ئىتتىپاق تەشكىلاتىمۇ شۇ يەردە قۇرۇلىدۇ؛ ياشلارنىڭ قانداق ئېھتىياجى بولسا، ئىتتىپاق تەشكىلاتى قاراتمىلىققا ئىگە خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ئىتتىپاق تەشكىلاتىنى تىرىشىپ ياشلار بىلەن ئالاقىلىشىدىغان ۋە ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىدىغان مۇستەھكەم قورغانغا ئايلاندۇرىدۇ.

  بۇ يىل 3- ئاينىڭ 9- كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» چوڭ تەشۋىقات پائالىيىتىنى يولغا قويۇپ، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى كادىرلىرىنى ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ياشلار ئارىسىدا تەشۋىقاتنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، بۇ چوڭ تەشۋىقات پائالىيىتى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، ئىككى ئوبلاستتىكى ھەر مىللەت ياشلىرىنى تولۇق قاپلىدى. 8- ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ئىتتىپاق تەشكىلاتلىرى 8100 دىن ئارتۇق تەشۋىقاتچى تەربىيەلەپ، 34 مىڭ مەيدان(قېتىم) تەشۋىقات پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، بۇ تەشۋىقاتنى ئاڭلىغان ياشلار 5 مىليون 80 مىڭ ئادەم (قېتىم)دىن ئاشتى.

  «ياش ماركسىزمچىلار كۇرسى» كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى تەشكىلاتى يولغا قويغان ياش ماركسىزمچىلارنى تەربىيەلەش قۇرۇلۇشى بولۇپ، كۇرسانتلار ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدىكى مۇنەۋۋەر ياشلاردىن تەشكىللەنگەن. ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى 2017- يىلى «ياش ماركسىزمچىلار كۇرسى»نىڭ مۇنەۋۋەر كۇرسانتلىرىدىن «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش مۇلازىمەت مەخسۇس ئۆمىكى تەشكىللەپ، يەكەن ناھىيەسىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش نۇقتىسىغا بېرىپ پىدائىي مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇردى. «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەمەلىيىتىگە قاتنىشىش، «ياش ماركسىزمچىلار كۇرسى» كۇرسانتلىرىنى تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى باش نىشانىغا بولغان تونۇشى ئۆستۈرۈلۈپ، ھەر مىللەت ئامما بىلەن بولغان ھېسسىياتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى، ئۇلار ئەمەلىيەت جەريانىدا ئىرادىسىنى تاۋلىدى، ئۆزىنى تاكامۇللاشتۇردى، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتتى، ئىقتىدارىنى ئاشۇردى.

    دەۋر ئاساسىي تېمىسىنى ئىگىلەپ، ئاياللارنىڭ كۈچىنى جارى قىلدۇرۇش

  «بالىلار، بۇ قانداق رەڭ؟» «قىزىل رەڭ». «بۇ قانداق چالغۇ؟» «داپ». بۇ 8- ئاينىڭ 13- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تەڭرىتاغ رايونى گۇيۈەن كوچىسى مەھەللىسىدىكى بالىلار دەسلەپكى تەربىيە مەركىزىدىن چىققان ئاۋازلار. بۇ مەھەللە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بالىلارنىڭ دەسلەپكى تەرەققىياتىنى مەھەللە، ئائىلە قوللاش 2- تۈر نۇقتىسى ئىدى. بۇ مەھەللىدە نۆل ياشتىن ئۈچ ياشقىچە بولغان بالىلار بۇ يەردە ھەقسىز دەسلەپكى تەربىيەدىن بەھرىلىنەلەيدۇ.

  بەش يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئاياللار ۋە بالىلار خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، «ئاياللار تەرەققىيات پىروگراممىسى بىلەن بالىلار تەرەققىيات پىروگراممىسى»نى يولغا قويۇپ، قىيىن مەسىلىلەرنى پائال ھەل قىلىپ، ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىي پىلانىغا كىرگۈزۈپ، تۈرلۈك مەبلەغ سېلىنمىسىنى ئاشۇردى. 80 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ شىنجاڭ ئاياللىرىنىڭ «گۈزەللىك قۇرۇلۇشى»نى يولغا قويدى ھەم ھەر يىلى 31 مىليون يۈەن ئاجرىتىلىدىغان «گۈزەللىك قۇرۇلۇشى» ۋە «كىشى بېشىغا بىر يۈەن»دىن خىزمەت خىراجىتىنىڭ %70 ىنى ئاساسىي قاتلامغا ئاجرىتىپ، ئاپتونوم رايوندىكى بارلىق كەنت ۋە مەھەللىلەردىكى «ئاياللار ئائىلىسى»نى تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاياللار ۋە بالىلارنى كۆرەلەيدىغان، ھېس قىلالايدىغان ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈردى. 79 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ ئاياللارنى «تېز ئۈنۈملۈك» ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تۈرى قاتارلىقلارنى يولغا قويۇشقا مەدەت بېرىپ، ئاياللارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش قىزغىنلىقىنى قوزغىدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى «ئاياللار ئائىلىسى»، «مائارىپنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش»نى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، ئاياللار جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان پېچىنە- پىرەنىك پىشۇرۇش، كەشتىچىلىك ھۈنىرى بىلەن تەربىيەلەپ، ئاياللارنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملىدى؛ ئائىلىنى بازا قىلىپ، «ئانا ياخشى بولسا، بالا ياخشى بولىدۇ، بالا ياخشى بولسا، مىللەت ياخشى بولىدۇ، مىللەت ياخشى بولسا، دۆلەت ياخشى بولىدۇ» دېگەن ئاساسىي مېلودىيەنى ياڭراتتى؛ «ئەڭ گۈزەل ئائىلە»، «ئەڭ مېھرىبان ئانا»، «ياخشى قىز»، «ياخشى كېلىن»نى باھالاش ۋە «سۇمبۇل چاچلار يەلپۈندى، گۈل چىرايلار ئېچىلدى» قاتارلىق پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ، ئاياللارنى ھازىرقى زامانغا لايىق ساغلام، مەدەنىي تۇرمۇشقا ئىنتىلىشكە ھەم بەخت تۇيغۇسى ۋە ئېرىشىش تۇيغۇسى بىلەن بالىلىرى ۋە ئائىلىسىگە تەسىر كۆرسىتىپ، «يېرىم دۇنيا»لىق رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇشقا يېتەكلىدى.

    پىدائىيلار 2017- يىلى 5- ئاينىڭ 31- كۈنى كورلا شەھەرلىك تالانتلىقلارنى يېتىشتۈرۈش مەكتىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا «1- ئىيۇن» بالىلار بايرىمىلىق سوۋغات بەردى. شۇ كۈنى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن پىدائىيلار ۋە كارخانىچىلار ۋەكىللىرى تەييارلىغان ئۆگىنىش بۇيۇملىرى ۋە ئويۇنچۇقلارنى ئوقۇغۇچىلارغا ھەدىيە قىلدى. (ۋۇ پېڭ فوتوسى)

    پوسكام ناھىيەسىنىڭ ئايكۆل يېزىسى ئۇچتۇما كەنتى تۇنجى نۆۋەتلىك «گۈزەللىك قۇرۇلۇشى» كىيىم- كېچەك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى.
    سۈرەتتە: كەنت ئاھالىلىرى كەنت ئاھالە كومىتېتى ئاممىۋى مەدەنىيەت سەھنىسىدە مودېل ماڭماقتا. (مۇخبىرىمىز ئۆتكۈر نىجات فوتوسى)

    ئۈرۈمچى شەھەرلىك 8- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇق 2- يىللىق ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا- ئانىلىرى 2017- يىلى 6- ئاينىڭ 4- كۈنى دالا پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. شۇ كۈنى بۇ مەكتەپ «ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدىكى قەلبداشلىق» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، دالا پائالىيىتى، پىسخىكىلىق يېتەكلەش، غايە تەربىيەسى قاتارلىقلار ئارقىلىق، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تۈرتكە بولدى. (مۇخبىرىمىز زۇ يى فوتوسى)

    ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ كەلپىن ناھىيەسىنىڭ چىلان يېزىسى چىمەن كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى كەنتتە «دېھقان- چارۋىچىلار <قوش تىل> ئۆگىنىش كەچلىك كۇرسى» ئېچىپ، دېھقانلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.
    سۈرەتتە: خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى لى جېنپىڭ 2017- يىلى 3- ئاينىڭ 9- كۈنى كەنتتىكى دېھقانلارغا «قوش تىل» دەرسى ئۆتمەكتە. (مۇخبىرىمىز زۇ يى فوتوسى)

    باغراش ناھىيەلىك ئىتتىپاق كومىتېتى مېھىر- شەپقەت يەتكۈزۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، بالىلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزدى ۋە جەمئىيەتنىڭ غەمخورلۇقىنى ھېس قىلدۇردى. (نيەن لېي فوتوسى)

كۆرۈپ قويۇڭ
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى