ئۈرۈمچىئىلىچۆچەكئالتايبايىنغۇلىنبورتالاشىخەنزەسانجىقۇمۇلتۇرپانكۈيتۈنقارامايئاقسۇقىزىلسۇقەشقەرخوتەن
باش بەتخەۋەرلەر مەركىزىسۈرەت مەركىزىئەدەبىيات – سەنئەتمەدەنىيەتكىنولار– دىراممىلارئەسلىمە
ئۈنۋېرسال رادىيو سەنئەت رادىيوكەسىپ ئىستىلى  تاللاپ   ئاڭلاشئۇيغۇرچە ئۈگۈنۈشخەنزۇچە ئۈگۈنۈشئىستانسىمىز ھەققىدە
• ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار ئالاقىدار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى• 1.مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى يىلى پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى• «ئۇ كوماندا ئەزاسى، ھەم ترېنېر» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوچېرك•  يىپەك يولى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا، ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئېگىز تاغدا ئايلىنىپ چاڭغا تېيىلىش تۈرى بويىچە ئىككى ئالتۇن مېدال مەيدانغا كەلدى• ئاپتونۇم رايوننىڭ لىكسىيە ئۆمىكى پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم 8-نۆۋەتلىك كومىتېتى 10-ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ھەققىدە دوكلات بەردى• ئاۋامنىڭ كەڭ زىمىندا ئىگىلىك تىكلىشى• بىپايان جەنۇبىي شىنجاڭ زېمىنىدا كىشىلىك ھاياتنىڭ گۈزەل كارتىنىسىنى يارىتايلى• ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى• ئاپتونوم رايونلوق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزى ئۆگۈنۈش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلوق پارتكوم خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى• مائارىپ ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش• شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيىسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرمەكتە• ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش• «جەنۇپتا يىلتىز تارتقان بىر تۈپ يۇلغۇن» ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئوچرىكىنىڭ «چىن ھىسىياتنى بېغىشلاش» دېگەن ئىككىنچى قىسىمى• گۈزەل شىنجاڭنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىپ، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى• ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شامال ئېلېكتر پاكىز ئېنېرگىيەلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى نوقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى تەستىقلاندى• جۇڭشىڭ ئېنېرگىيەسى جەنۇبىي شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك كەسىپلەر بازىسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان فوتوۋولت يۈرۈشلۈك ماددىي ئەشيالىرى پاكىستانغا يەتكۈزۈلدى• ئاپتونوم رايونىمىز بىر تۈركۈم زور قاتناش ئۇل ئەسلىھەلەر تۈرىنى يولغا قويدى• تەبەسسۇملۇق چىرايلار• ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرى خىزمىتى يىغىنى ۋە ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمىتى نەق مەيدان يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى• جاھان ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتقان چولپان كەنت• شىنجاڭ ساياھەتچىلىككە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى بىلەن شىنجاڭ خۇڭيۈەن دەۋر مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى كېلىشىم ئىمزالىدى• ئاممىنى قەلبىدە ساقلاپ، پۈتۈن مۇھەببىتى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش• خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، جان- دىلى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش•  13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى• ئاپتونوم رايونىمىز دۇنيا ئىقتىسادى بىلەن بولغان جىپسىلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىشىكنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى يادرولۇق رايونغا ئايلاندى• دۇنيا زوراۋانلىق، تېررورلۇقتىن قورقۇپ قالمايدۇ• ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش• «تېررورىزىمغا زەربە بېرىشتە جەزمەن ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش كېرەك» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوبزور ئېلان قىلىندى• ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «يېزا- بازارلىق پونكىتلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى» ئېلان قىلدى•  مىترو 1- نومۇرلۇق لىنىيەسى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇنجى قوش لىنىيەسى تۇتاشتۇرۇلغان رايون ئارا تونىل بولۇپ قالدى• 5 چوڭ تەرەققىيات قارىشى ئىچىدە، يېشىل تەرەققىيات قارىشى يارقىن نوقتا بولۇپ قالدى• ئىقتىساسلىق كادىرلار جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئاچقۇچى• 5 چوڭ تەرەققىيات ئۇقۇمى ئارقىلىق ئىلمىي ھالقىشقا يىتەكچىلىك قىلىش• ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسى خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ئاساسىنى پۇختىلاش• ئورتاق قاراشنى مۇجەسسەملەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى بەت ئاچايلى•  «13- بەشيىللىق» يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپتە، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى 5 يىللىق تەرەققىيات خەرىتىسى كۆرسىتىپ بېرىلدى• ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ياڭاقچىلىققا تايىنىپ بېيىغان قېرىنداشلارنىڭ ھېكايىسى• «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتىنى ساياھەت قىلىش» قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىك ساياھەت ئاساسىي تېما پائالىيىتى رەسمىي باشلىنىدۇ
• مىسىر زوڭتوڭ سايلىمىدا مۇسۇلمان بۇرادەرلەر جەمئىيىتىگە تەۋە ھەققانىيەت پارتىيېسىنىڭ رەئىسى مورشى بىلەن سابىق زوڭلى سەفىقنىڭ بېلەتكە ئېرىشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئىككى ئورۇننى ئىگىلىگەن• 2015 - يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىز ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 5 تىرلىيون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن• ھىندىستاندا ئىسسىق ھاۋا 81 ئادەمنىڭ بېشىغا چىقتى• بىرمىدا ھەر يىلى تەخمىنەن 18 مىڭدىن 23 مىڭغىچە ئەيدىز بىمارى ئۆلۈپ كېتىدىكەن• كورىيە ئارمىيە دائىرىلىرى: چاۋشيەن يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىپ بولدى، دېدى
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

قىزىلسۇ ئوبلاستى: ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىپ يېڭى ۋەزىيەت ياراتتى

2017-10-13 19:59:19     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

كۈنسېرى يۈكسىلىۋاتقان ۋىلايەت، ئوبلاستلارغا نەزەر

 سۈرەتتە: ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ بارىن يېزىسى ئارامەھەللە كەنتىدىكى دېھقان قۇرۇتقان گۈلىلىرىنى تاللىماقتا. (گېزىتىمىزنىڭ قىزىلسۇ مۇخبىرلار پونكىتىدىن جەي رۇزېڭ فوتوسى)

  قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ بەش يىلدىن بۇيانقى تەرەققىياتى ناھايىتى تېز بولۇپ، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى مۇقىملىق، تەرەققىيات، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ مەركىزىي ۋەزىپىنى پۇختا ئىگىلەپ، يۇقىرى- تۆۋەندىكىلەر بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، تىرىشىپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.


    ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلار تېز تەرەققىي قىلدى

  ئاتۇش شەھىرى ئۈستۈن ئاتۇش بازىرى لەنگەر كەنتىدىكى 32 ياشلىق مەمەت توختى بۇرۇن دېھقانىدى، ھازىر ئاتۇش «گولىخۇا» كىيىم- كېچەك شىركىتىنىڭ ئىشچىسى بولۇپ قالدى.

  مەمەت توختى بۇ بىر نەچچە يىلدا تۇرمۇشىدا بولغان ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا توختالغاندا خۇشاللىقىنى يوشۇرماي: ھازىر ئېيىغا 2500 يۈەن ئەتراپىدا ئىش ھەققى ئالىمەن، يېڭى ئۆيمۇ سالدىم، يەنە رەڭلىك تېلېۋىزور، توڭلاتقۇ، موتوسىكلىت سېتىۋالدىم، تۇرمۇشىمىز ئىلگىرىكىدىن كۆپ ياخشى بولۇپ كەتتى، دېدى.

  ھازىر قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدا مەمەت توختىغا ئوخشاش زاۋۇتلاردا ئىشلەۋاتقان ياشلار بارغانسېرى كۆپەيدى، بۇنىڭ ھەممىسى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ ئەقىل- پاراسىتى ۋە كۈچ- قۇۋۋىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ ، تەرەققىياتنى كۆزلەشتەك ياخشى كەيپىيات ياراتقانلىقىنىڭ نەتىجىسى.

  تىنچ، تەرتىپلىك، گۈللەنگەن، ئىناق ئىجتىمائىي مۇھىت بولۇش خەلقنىڭ ئارزۇ- ئارمىنى. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى ئوبلاستتىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنى يېتەكلەپ، باش نىشان ئارقىلىق خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىشتا ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي، ئاڭلىق ھالدا مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان مۇھىم ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت دەپ بىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇقىملىقنى قوغداشقا دائىر «يۈرۈشلۈك تەدبىر» لىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئۈچ جەڭ، بىر ئۇرۇش»نى قەتئىي ياخشى قىلىپ، تونۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئىجتىمائىي ۋەزىيىتىنىڭ ئىناق، مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىدىكى چېگرا لىنىيەسىدە يىمىرىلمەس پولات سېپىل قۇرۇپ چىقتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇقىملىقنى قوغداشقا دائىر «يۈرۈشلۈك تەدبىر»لىرىنىڭ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدا كەم- كوتسىز يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋەزىيىتى سىجىل ياخشىلاندى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنىڭ ئاساسى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى، ئاممىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى، ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئامما ئىجتىمائىي مۇقىملىق ئېلىپ كەلگەن نەتىجىلەردىن بارغانسېرى كۆپ بەھرىلەندى، پۈتۈن ئوبلاستتىكىلەرنىڭ باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىرادىسى تېخىمۇ چىڭىپ، تەرەققىياتنى كۆزلەشتەك قويۇق كەيپىيات شەكىللەندى.

  بۇ يىل 1- ئايدىن 6- ئايغىچە، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 4 مىليارد 179 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.8ئاشتى؛ پۈتۈن جەمئىيەتتە تۇراقلىق مۈلۈككە سېلىنغان مەبلەغ 9 مىليارد 553 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %59.8 ئاشتى؛ سانائەت قوشۇلما قىممىتى 924 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %23.4 ئاشتى؛ سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش بويىچە ئاپتونوم رايونىمىز سىرتىدىن كىرگۈزۈلۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەن مەبلەغ 5 مىليارد 46 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13.3 ئاشتى؛ شەھەر- بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى كىرىم 12 مىڭ 333 يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.5 ئاشتى؛ دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ ساپ كىرىمى 2402 يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15.52 ئاشتى.

    شەھەر- يېزىلارنىڭ قىياپىتى كۈنسايىن يېڭىلاندى

  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاھالىنىڭ ياشاش مۇھىتىنى ياخشىلاشنى نىشان قىلىپ، شەھەر باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت قىلىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، قاتناش مەدەنىيلىكى، تەرتىپ مەدەنىيلىكى، مۇھىت مەدەنىيلىكى، مۇلازىمەت مەدەنىيلىكىدە ياخشى ئادەتنى پائال يېتىشتۈرۈپ، شەھەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈردى. كۆكەرتىش، گۈزەللەشتۈرۈش، يورۇتۇش، قاتتىقلاشتۇرۇش، پاكىزلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ يولغا قويۇپ، شەھەرنىڭ دەريا بويىدىكى مەنزىرە بەلباغلىرى، شەھەرنى كۆكەرتىش بەلباغلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ ۋە قۇرۇپ، ئورمان بەلباغلىرىنىڭ توپىسىنى ئالماشتۇرۇپ نەملىكنى ساقلاش قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، شەھەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىدا ئوت- چۆپلەر كۆكىرىپ تۇرىدىغان، دەل- دەرەخلەر سايە تاشلاپ تۇرىدىغان ھالەتنى شەكىللەندۈردى.

  ئاتۇشتا 20 نەچچە يىل ياشىغان جاڭ يۆخۇا كۆڭلىدىكى سۆزنى قىلىپ مۇنداق دېدى: مەن ئاتۇشتىكى باغچىلارنىڭ گۈزەل بولۇپ كېتىشىنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەنىدىم، بۇ ئارزۇيۇمنىڭ بۇنچە تېز رېئاللىققا ئايلىنىدىغانلىقىنى ئويلىماپتىمەن. بۇنىڭدىن كېيىن، باشقا يەردىكى كىشىلەرگە ھەۋەس قىلمىساممۇ بولىدۇ، چۈنكى بىزنىڭ ئۆزىمىزگە تەۋە ھەقىقىي باغچىمىز بار بولدى. ھازىر ئاتۇشتا ئېگىز بىنالار، يوللار، دەل- دەرەخ، گۈل- گىياھلار كۆپەيدى، تۇرمۇشىمىز تېخىمۇ بەختلىك ئۆتمەكتە.

  قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شەھەرلىرى ئوت- چۆپلەر كۆكىرىپ تۇرىدىغان، دەل- دەرەخلەر سايە تاشلاپ تۇرىدىغان ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى تەدرىجىي شەكىللەندۈردى، يېزا- كەنتلەرنىڭ ھەممە يېرىدە كىشىلەر بەخت تۇيغۇسىغا چۆمدى.

  ئاقتۇ ناھىيەسى ئاقتۇ بازىرى چېقىر تېرەك كەنتىلىك دېھقان ئەسقەر ئۆمەر مۇنداق دېدى: تۇرالغۇ شارائىتىمىز ياخشىلاندى، مۇھىتىمىز گۈزەللەشتى، يانچۇقىمىز تومپايدى. تۇرمۇشىمىزنىڭ بۇنداق ياخشى بولىدىغانلىقىنى چۈشۈمدىمۇ ئويلىمىغانىدىم.

  ئەسقەر ئۆمەرنىڭ ئۆيىنىڭ ئۆگزىسى كىگىز ئۆي شەكلىدە، ئازادە، يورۇق يېڭى ئۆي كىشىگە ئارامبەخش تۇيغۇسى بېرىدۇ.

  يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ يېزا- كەنتلىرىنىڭ قىياپىتىدە زور ئۆزگىرىش بولدى، ھەممىلا يەردە رەت- رەت سېلىنغان ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيلىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ، دېھقان- چارۋىچىلار يېقىملىق تەبىئەت ھۇزۇرىدىن بەھرىمەن بولۇپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ مۇكەممەللىشىشى داۋامىدا زامانىۋى تۇرمۇشنىڭ تولىمۇ رەڭدارلىقىنى ھېس قىلدى، قىزىل ئۆگزە، سېرىق تاملىق ئەمىن تاپقۇزۇش ئۆيلىرىدە ئولتۇرغان دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ چېھرىدىن بەخت كۈلكىسى ئۆچمەيدىغان بولدى.

    خەلقنىڭ بەخت- سائادەت تۇيغۇسى سىجىل ئاشۇرۇلدى

  ئاتۇش شەھىرى ئۈستۈن ئاتۇش بازىرىدا ئولتۇرۇشلۇق پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى مەمەت تالىپ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «جۈمەكنى ئاچساقلا تاتلىق، پاكىز تۇرۇبا سۈيى ئىچەلەيمىز. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقى ۋە شەپقىتىگە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن».

  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، بولۇپمۇ 2017- يىلدىن بۇيان، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى خەلق تۇرمۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويدى، خەلق تۇرمۇشىنى ئالدىن ئويلىشىشتا باشتىن- ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، «ئەلگە نەپ يەتكۈزىدىغان توققۇز تۈرلۈك قۇرۇلۇش»نى داۋاملىق چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، مالىيە مەبلىغىنىڭ %75تىن كۆپرەكىنى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغىنىڭ %80 تىن كۆپرەكىنى خەلق تۇرمۇشىغا ئىشلەتتى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىغا ئىشلەتكەن ئومۇمىي مەبلىغى 4 مىليارد 820 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن %12.42 ئېشىپ، ھەر مىللەت ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئىشقا ئورۇنلىشىش، مائارىپ، داۋالىنىش، ئىجتىمائىي كاپالەت، تۇرالغۇ قاتارلىق بىر تۈركۈم خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسى ھەل قىلىنىپ، خەلقنىڭ بەخت- سائادەت تۇيغۇسى سىجىل ئاشۇرۇلدى.

  بۇ يىل 6- ئاينىڭ 29- كۈنى، ئۆرۈك سۈيى دەرياسىغا سۇ باشلاش قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلىنىشىغا ئەگىشىپ، 200 مىڭغا يېقىن ئاتۇش خەلقىنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد يەر ئاستى سۈيى ئىچىش تارىخىغا خاتىمە بېرىلىپ، شەھەر- يېزىلاردىكى 100 مىڭ مولۇق ئېكولوگىيە ئورمىنى، كۆكەرتىش بەلبېغى سۇ كاپالىتىگە ئىگە بولدى، بۇ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پۇختا ئاساس سالدى.

  بەش يىلدىن بۇيان، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىغا جەمئىي 34 مىليارد يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ سالدى، خەلق تۇرمۇشى چىقىمى جامائەت مالىيە چىقىمىنىڭ %75.6 ىنى ئىگىلەپ، ھەر مىللەت ئاممىسى كۆڭۈل بۆلىدىغان زور بىر تۈركۈم قىيىن مەسىلىلەر ھەل قىلىندى، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى تېخىمۇ ئاشتى.

  ئاممىنىڭ كېسەل كۆرسىتىشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىي خەلق ساغلاملىق قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ شەھەر- يېزىلىرىدىكى ئاھالىلەرنىڭ يىلدا بىر قېتىم ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرۈشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇردى؛ ئوبلاست، ناھىيە (شەھەر)، يېزا- بازار (كوچا)، كەنت (مەھەللە) دىن ئىبارەت تۆت دەرىجىلىك داۋالاش- ساقلىق ساقلاش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا- بازار دوختۇرخانىسى ۋە كەنت شىپاخانىسىنى ئۆلچەملەشتۈرۈشنىڭ تولۇق قاپلىنىشىنى، تېببىي خادىملارنىڭ تولۇق قاپلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، داۋالاش، سەھىيە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈردى.

  ھازىرقى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، سوتسىيالىستىك يېڭى قىزىلسۇ قۇرۇش يولىدا چوڭ قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە؛ ھازىرقى قىزىلسۇلۇقلار كەلگۈسى گۈزەل تۇرمۇشقا قاراپ، تولۇپ تاشقان ئىپتىخار، ئىشەنچ بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە.

  سانلىق مەلۇماتلاردىن بەش يىللىق تەرەققىياتقا نەزەر

  (2012- يىلىدىن 2016- يىلىغىچە)

  رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى

  4 مىليارد 650 مىليون يۈەندىن 10 مىليارد 33 مىليون يۈەنگە يېتىپ، يىلىغا %12.5 ئاشتى

  تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى

  4 مىليارد 569 مىليون يۈەندىن 14 مىليارد 682 مىليون يۈەنگە يېتىپ، يىلىغا %26.3 ئاشتى

  جامائەت مالىيەسى خامچوت كىرىمى

  552 مىليون يۈەندىن 1 مىليارد 159 مىليون يۈەنگە يېتىپ، يىلىغا %16 ئاشتى

  شەھەر- بازار ئاھالىسىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى

  12 مىڭ 27 يۈەندىن 24 مىڭ 487 يۈەنگە يېتىپ، يىلىغا %15.2 ئاشتى

  دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ كىشى بېشى ساپ كىرىمى

  2426 يۈەندىن 6392 يۈەنگە يېتىپ، يىلىغا %21.4 ئاشتى

  33 مىڭ ئائىلە، 159 مىڭ 400 كىشى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى

  نامرات ئاھالە يىلىغا %15.88تىن ئازايدى

 
ئۇلۇغچات ناھىيەسىدىكى ئەركەشتام پورتى. (قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى تەمىنلىگەن)
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
كۆرۈپ قويۇڭ
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى