ئۈرۈمچىئىلىچۆچەكئالتايبايىنغۇلىنبورتالاشىخەنزەسانجىقۇمۇلتۇرپانكۈيتۈنقارامايئاقسۇقىزىلسۇقەشقەرخوتەن
باش بەتخەۋەرلەر مەركىزىسۈرەت مەركىزىئەدەبىيات – سەنئەتمەدەنىيەتكىنولار– دىراممىلارئەسلىمە
ئۈنۋېرسال رادىيو سەنئەت رادىيوكەسىپ ئىستىلى  تاللاپ   ئاڭلاشئۇيغۇرچە ئۈگۈنۈشخەنزۇچە ئۈگۈنۈشئىستانسىمىز ھەققىدە
• ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار ئالاقىدار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى• 1.مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى يىلى پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى• «ئۇ كوماندا ئەزاسى، ھەم ترېنېر» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوچېرك•  يىپەك يولى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا، ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئېگىز تاغدا ئايلىنىپ چاڭغا تېيىلىش تۈرى بويىچە ئىككى ئالتۇن مېدال مەيدانغا كەلدى• ئاپتونۇم رايوننىڭ لىكسىيە ئۆمىكى پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم 8-نۆۋەتلىك كومىتېتى 10-ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ھەققىدە دوكلات بەردى• ئاۋامنىڭ كەڭ زىمىندا ئىگىلىك تىكلىشى• بىپايان جەنۇبىي شىنجاڭ زېمىنىدا كىشىلىك ھاياتنىڭ گۈزەل كارتىنىسىنى يارىتايلى• ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى• ئاپتونوم رايونلوق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزى ئۆگۈنۈش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلوق پارتكوم خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى• مائارىپ ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش• شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيىسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرمەكتە• ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش• «جەنۇپتا يىلتىز تارتقان بىر تۈپ يۇلغۇن» ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئوچرىكىنىڭ «چىن ھىسىياتنى بېغىشلاش» دېگەن ئىككىنچى قىسىمى• گۈزەل شىنجاڭنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىپ، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى• ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شامال ئېلېكتر پاكىز ئېنېرگىيەلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى نوقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى تەستىقلاندى• جۇڭشىڭ ئېنېرگىيەسى جەنۇبىي شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك كەسىپلەر بازىسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان فوتوۋولت يۈرۈشلۈك ماددىي ئەشيالىرى پاكىستانغا يەتكۈزۈلدى• ئاپتونوم رايونىمىز بىر تۈركۈم زور قاتناش ئۇل ئەسلىھەلەر تۈرىنى يولغا قويدى• تەبەسسۇملۇق چىرايلار• ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرى خىزمىتى يىغىنى ۋە ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمىتى نەق مەيدان يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى• جاھان ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتقان چولپان كەنت• شىنجاڭ ساياھەتچىلىككە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى بىلەن شىنجاڭ خۇڭيۈەن دەۋر مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى كېلىشىم ئىمزالىدى• ئاممىنى قەلبىدە ساقلاپ، پۈتۈن مۇھەببىتى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش• خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، جان- دىلى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش•  13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى• ئاپتونوم رايونىمىز دۇنيا ئىقتىسادى بىلەن بولغان جىپسىلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىشىكنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى يادرولۇق رايونغا ئايلاندى• دۇنيا زوراۋانلىق، تېررورلۇقتىن قورقۇپ قالمايدۇ• ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش• «تېررورىزىمغا زەربە بېرىشتە جەزمەن ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش كېرەك» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوبزور ئېلان قىلىندى• ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «يېزا- بازارلىق پونكىتلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى» ئېلان قىلدى•  مىترو 1- نومۇرلۇق لىنىيەسى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇنجى قوش لىنىيەسى تۇتاشتۇرۇلغان رايون ئارا تونىل بولۇپ قالدى• 5 چوڭ تەرەققىيات قارىشى ئىچىدە، يېشىل تەرەققىيات قارىشى يارقىن نوقتا بولۇپ قالدى• ئىقتىساسلىق كادىرلار جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئاچقۇچى• 5 چوڭ تەرەققىيات ئۇقۇمى ئارقىلىق ئىلمىي ھالقىشقا يىتەكچىلىك قىلىش• ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسى خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ئاساسىنى پۇختىلاش• ئورتاق قاراشنى مۇجەسسەملەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى بەت ئاچايلى•  «13- بەشيىللىق» يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپتە، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى 5 يىللىق تەرەققىيات خەرىتىسى كۆرسىتىپ بېرىلدى• ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ياڭاقچىلىققا تايىنىپ بېيىغان قېرىنداشلارنىڭ ھېكايىسى• «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتىنى ساياھەت قىلىش» قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىك ساياھەت ئاساسىي تېما پائالىيىتى رەسمىي باشلىنىدۇ
• مىسىر زوڭتوڭ سايلىمىدا مۇسۇلمان بۇرادەرلەر جەمئىيىتىگە تەۋە ھەققانىيەت پارتىيېسىنىڭ رەئىسى مورشى بىلەن سابىق زوڭلى سەفىقنىڭ بېلەتكە ئېرىشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئىككى ئورۇننى ئىگىلىگەن• 2015 - يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىز ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 5 تىرلىيون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن• ھىندىستاندا ئىسسىق ھاۋا 81 ئادەمنىڭ بېشىغا چىقتى• بىرمىدا ھەر يىلى تەخمىنەن 18 مىڭدىن 23 مىڭغىچە ئەيدىز بىمارى ئۆلۈپ كېتىدىكەن• كورىيە ئارمىيە دائىرىلىرى: چاۋشيەن يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىپ بولدى، دېدى
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى تۇنجى مەيدان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

2017-10-20 19:17:32     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشقا ئالاقىدار ئەھۋاللار تونۇشتۇرۇلدى

پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ئاخبارات مەركىزى 10- ئاينىڭ 19- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن تۇنجى مەيدان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى، دۆلەت چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ياڭ شياۋدۇ بىلەن مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چى يۈ جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلارغا پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشقا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى

 (شىنخۇا ئاگېنتلىقى)

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 19- ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ئاخبارات مەركىزى 10- ئاينىڭ 19- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن تۇنجى مەيدان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى، دۆلەت چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ياڭ شياۋدۇ بىلەن مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چى يۈ جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلارغا پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشقا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.
    
  پارتىيە ئىنقىلابىيلىقنى چېنىقتۇرۇش داۋامىدا تېخىمۇ كۈچەيدى، تېخىمۇ ساپلاشتى، تېخىمۇ ئىلغارلاشتى

  ياڭ شياۋدۇ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيەنى ئومۇمىيۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىغا كىرگۈزۈپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈپ، قەيسەر ئىرادىسى، پەزىلىتى ئارقىلىق ئىستىلنى توغرىلاپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، رەزىللىكنى جازالاپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىدا تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش بولۇشقا تۈرتكە بولدى، پارتىيە ئۇزاق مۇددەتلىك ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش شارائىتىدا ئۆزىنى ساپلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك يولىنى تېپىپ چىقىش ئۈستىدە ئىزدىنىشتە زور بۆسۈش ھاسىل قىلدى، بۇنىڭ بىلەن، پارتىيە ئىنقىلابىيلىقنى چېنىقتۇرۇش داۋامىدا تېخىمۇ كۈچىيىپ، تېخىمۇ ساپلىشىپ، تېخىمۇ ئىلغارلىشىپ، يېڭى، كۈچلۈك ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى. بەش يىلدىن بۇيان، بىز پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتا بىر قاتار مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇسۇللارنى شەكىللەندۈردۇق، بىرىنچى، بايرىقى روشەن ھالدا پارتىيە رەھبەرلىكىدە جەزمەن چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش؛ ئىككىنچى، غايە- ئېتىقاد، ئاساسىي مەقسەتنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت بۇ تۈپ نۇقتىنى جەزمەن چىڭ تۇتۇش؛ ئۈچىنچى، پارتىيەنى ئىدىيە جەھەتتىن قۇرۇش بىلەن پارتىيەنى تۈزۈم ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئۆزئارا بىرلىكىدە جەزمەن چىڭ تۇرۇش؛ تۆتىنچى، يۇقىرى تۆۋەننى يېتەكلەش، مەسىلە ھەل قىلىش يۆنىلىشىدە جەزمەن چىڭ تۇرۇش؛ بەشىنچى، ئالدىنقىلاردىن ساۋاق ئېلىپ، كېيىنكىلەرگە ئىبرەت قىلىش، كېسەلنى داۋالاپ، ئادەمنى قۇتقۇزۇش فاڭجېنىدا جەزمەن چىڭ تۇرۇپ، ئىنتىزام قانۇندىن قاتتىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، نازارەت قىلىش- ئىنتىزام ئىجرا قىلىشتىكى «تۆت ھالەت»تىن پايدىلىنىپ، يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى كۈچلۈك قالقان قىلىپ، قانۇن، ئىنتىزامغا ئاساسلىنىپ، ئىنتايىن ئاز سانلىقلارنى جازالاپ، كۆپ سانلىقلارنى تەربىيەلەش؛ ئالتىنچى، چىڭ تۇرۇش داۋامىدا چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇش داۋامىدا چىڭ تۇرۇپ، «چىرىكلىشىشكە جۈرئەت قىلالماسلىق»نى مۇستەھكەملەپ، «چىرىكلىشەلمەسلىك»نى كۈچەيتىپ، «چىرىكلىشىشنى خالىماسلىق»نى ئىلگىرى سۈرۈپ، ماھىيەتتىنمۇ، ھادىسىدىنمۇ تۈزەشنى ئىشقا ئاشۇرۇش.

  ياڭ شياۋدۇ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى مەسىلە، يىپ ئۇچىدىن 2 مىليون 674 مىڭ پارچىنى بىر تەرەپ قىلىپ، 1 مىليون 545 مىڭىغا دېلو تۇرغۇزۇپ، 1 مىليون 537 مىڭ كىشىگە چارە كۆرۈپ، جىنايەتكە چېتىشلىق 58 مىڭ كىشىنى ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بەردى. بەش يىلدا ئۆلكە باشلىقى، جۈن دەرىجىلىكتىن يۇقىرى پارتىيەلىك كادىر ۋە مەركەز باشقۇرىدىغان كادىردىن 440 كىشىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈردى، بۇنىڭ ئىچىدە پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، كاندىدات ئەزاسىدىن 43ى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزاسىدىن توققۇزى بار؛ نازىر، ئىدارە باشلىقى دەرىجىلىك كادىردىن 8900 دىن كۆپرەكىگە، ھاكىم، باشقارما باشلىقى دەرىجىلىك كادىردىن 63 مىڭدىن كۆپرەكىگە ئىنتىزام جازاسى بەردى؛ ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيەلىك كادىردىن 278 مىڭنى جازالىدى؛ چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەنلەردىن 3453نى تۇتۇپ كەلدى، «قىزىل تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان 100 كىشى»دىن 48نى تورغا چۈشۈردى؛ پارتىيە ئىچىدىكى قائىدە- نىزامدىن 90دىن كۆپرەكىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ ئېلان قىلدى، پارتىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش بىلەن دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش بىر- بىرىنى تولۇقلاپ، ماسلىشىپ ياخشى ئۈنۈم بەردى.

  پارتىيەنى باشقۇرۇش، ئىدارە قىلىش «كەڭ، بوش، يۇمشاق بولۇش»تىن «كەسكىن، چىڭ، قاتتىق بولۇش»قا يۈزلەندى

  چى يۈ ئۆتكەن بەش يىلدىكى پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە تەشكىلات خىزمىتى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈپ، پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ «كەڭ، بوش، يۇمشاق بولۇش»تىن «كەسكىن، چىڭ، قاتتىق بولۇش»قا يۈزلىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، تارىخىي خاراكتېرلىك، ئەندىزە خاراكتېرلىك، تۈپ خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش ھاسىل قىلدى. پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئىدىيە، نەزەرىيە سەۋىيەسى ۋە پارتىيەۋىلىك جەھەتتىكى تەربىيەلىنىشى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈلۈپ، يۇقىرى ساپالىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان تايانچ كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىدا مۇھىم قەدەم بېسىلىپ، كادىرلارنى باشقۇرۇش، نازارەت قىلىش تۈزۈم سىستېمىسى كۈندىن- كۈنگە مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى ۋە پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلدى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، «مەسىلىسى بار كادىرلارنى ئۆستۈرۈش»تىن قەتئىي ساقلاندى. بۇ قېتىمقى شەھەر، ناھىيە، يېزىلارنىڭ نۆۋەت ئالمىشىش سايلىمىدا 9300 دىن كۆپرەك كادىر تەكشۈرۈپ بېكىتىشتىن ئۆتەلمەي قالدۇرۇۋېتىلدى. رەھبىرىي كادىرلار يۇقىرىغىمۇ چىقالايدىغان، تۆۋەنگىمۇ چۈشەلەيدىغان بولۇش توغرىسىدىكى بىرقانچە بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ھاكىم، باشقارما باشلىقى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى كادىردىن 22 مىڭدىن كۆپرەكى تەڭشەلدى. ئەمەلدارلارنى قاتتىق ئىدارە قىلىش جەھەتتە، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ شەخسكە ئالاقىدار ئىشلىرىنى دوكلات قىلىشتىكى جۇڭگوچە تۈزۈم ئورنىتىلدى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلدى، ھازىرغىچە 1 مىليون 250 مىڭ ئادەم(قېتىم) تەكشۈرۈلۈپ، 125 مىڭ كىشى بىر تەرەپ قىلىندى. دائىملىق نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش چىڭىتىلدى، ھەر دەرىجىلىك تەشكىلات، كادىرلار ئىشلىرى تارماقلىرى سەمىگە سېلىش، ئالاقە ئەۋەتىش، ئاگاھلاندۇرۇش يولى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن كادىر 600 مىڭ ئادەم(قېتىم)دىن ئاشتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىجابىي جەھەتتىن ئىلھاملاندۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، ناھىيە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن ئورگانلاردا مەمۇرلارنىڭ ۋەزىپىسى بىلەن دەرىجىسىنى بىرلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى 1 مىليوندىن كۆپرەك مەمۇرنىڭ ۋەزىپە دەرىجىسىنى ئۆستۈردى.

  چى يۈ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، 195 مىڭ مۇنەۋۋەر كادىرنى تاللاپ، نامرات كەنتلەرنىڭ 1- شۇجىلىقىغا تەيىنلەپ، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇردى.

  چى يۈ بىر مۇخبىرنىڭ بەزى جايلاردىكى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ «ۋەزىپىسىنى ئادا قىلماسلىق» ۋە «ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىپ سودا بىلەن شۇغۇللىنىش» ھادىسىسى توغرىسىدىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: ئىستاتىستىكا ئەھۋالىدىن قارىغاندا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەمۇرلار قوشۇنى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولغان، يىلدا ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەنلەر مەمۇرلار ئومۇمىي سانىنىڭ %0.1ى ئەتراپىدا بولۇپ، ئاتالمىش «ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىپ تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىش» ھادىسىسى مەۋجۇت ئەمەس. بەلگىلىك ساندىكى خادىملارنىڭ يۈرۈشۈپ تۇرۇشى نورمال ھادىسە. «ۋەزىپىسىنى ئادا قىلماسلىق» پۈتكۈل كادىرلار قوشۇنىدىكى ئىنتايىن ئاز ساندىكى ئايرىم ئەھۋال، ھازىر كۆپ تەرەپلىمە تەدبىر قوللىنىلدى، بۇنداق ھادىسىنىڭ بارغانسېرى ئازلايدىغانلىغا ئىشىنىمەن.

  19- قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنىڭ سىياسىي ئۆتكىلى، پاكلىق ئۆتكىلى قاتتىق ئىگىلەندى

  مۇخبىر: 19- قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنىڭ سانى 2300 ئىدى، ئېلان قىلىنغان ۋەكىل 2287 ئىكەن، ۋەكىللىك سالاھىيىتى كۈچكە ئىگە بولغانلىرى 2280 بولدى، نېمە ئۈچۈن بۇنداق پەرق بولىدۇ؟

  چى يۈ مۇنداق دېدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى 19- قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنى سايلاش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، نامزاتلارنىڭ سىياسىي ئۆتكىلى، پاكلىق ئۆتكىلىنى قاتتىق ئىگىلەپ، ۋەكىللەرنىڭ ئىلغارلىقىغا ۋە كەڭ دائىرىلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى ئالاھىدە تەكىتىلىدى. 19- قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى سايلىنىپ ۋۇجۇدقا كەلگەندىن كېيىن، يەنىلا قاتتىق تەلەپ قويۇپ، سايلانغان ۋەكىللەرنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ، ئومۇمەن ئەرزىيەت ئىشلىرىدا پاش قىلىنغان ياكى مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلىرى ۋە يىپ ئۇچى بايقالغانلىرىنى تەكشۈرۈپ نەقلەشتۈردى؛ ۋەكىللىك شەرتىگە ئۇيغۇن كەلمىگەنلەرنى پارتىيە ئىچىدىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بويىچە قەتئىي تەڭشىدى. سۈن جېڭسەي قاتارلىق 27 كىشىنىڭ قانۇن- ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش قاتارلىق مەسىلىسى بولغاچقا، مەركىزىي كومىتېتنىڭ تەستىقلىشى بىلەن 19- قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلمىدى. چۇڭچىڭ شەھىرىدە ۋەكىللەرنىڭ ئورنى كۆپرەك بوش قالغاچقا، مەركەزنىڭ تەلىپى ۋە بەلگىلىمە تەرتىپى بويىچە، دەرھال پارتىيە ۋەكىللىرى يىغىنى ئېچىلىپ، 14 ۋەكىل تولۇقلاپ سايلاندى. 9- ئاينىڭ 29- كۈنى مەركەزنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئېلان قىلىنغان ۋەكىل سانى 2287 بولدى. ۋەكىللەر ئىسىملىكى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، يەنە يەتتە كىشىدە ۋەكىل بولۇشقا مۇۋاپىق كەلمەيدىغان مەسىلە بارلىقى بايقىلىپ، مەركەزنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئۇلارمۇ ۋەكىللەر قاتارىغا كىرگۈزۈلمىدى. 19- قۇرۇلتاي ۋەكىللەر سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش ھەيئىتىنىڭ قاراپ چىقىشى ئارقىلىق 2280 ۋەكىلنىڭ سالاھىيىتى كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكى بېكىتىلدى. مۇشۇنداق قىلىپ، 19- قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىگە قويۇلغان يۇقىرى ئۆلچەم، قاتتىق تەلەپ ئىپادىلەندى ھەم پارتىيەمىزنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى قەتئىي ئىشەنچىسى نامايان قىلىندى.

  پارتىيە نىزامنامىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش پارتىيەنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسىنىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ ئېھتىياجى

  چى يۈ مۇخبىرلارنىڭ 19- قۇرۇلتايدا پارتىيە نىزامنامىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر توغرىسىدا سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: پارتىيە نىزامنامىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش پارتىيەنىڭ مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىنىڭ بىر مۇھىم خىزمەت ھوقۇقى. بۇ قېتىم پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى 19- قۇرۇلتاينىڭ قارالمىلىرىغا پىكىر ئېلىش جەريانىدا، ھەر قايسى تەرەپلەر: 18- قۇرۇلتايدىن بۇيان، پارتىيەنىڭ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئەمەلىيەت تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئىنتايىن كۆپ بولدى، پارتىيە دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپىلەردىمۇ چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولدى، دەپ قاراپ، ئومۇميۈزلۈك ھالدا پارتىيە نىزامنامىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدا تەكلىپ بەردى. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى چوڭقۇر مۇزاكىرە قىلىش ئاساسىدا بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلىپ، پارتىيە نىزامنامىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى قارار قىلدى.

  چى يۈ مۇنداق دېدى: پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا پارتىيە نىزامنامىسىگە مۇۋاپىق تۈزىتىش كىرگۈزۈش − پارتىيەنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى ۋە دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغۋار قۇرۇلۇشنىڭ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئېھتىياجى بولۇپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى بىلەن پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئىدىيەسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقىغا، بىرلىكىگە ۋە ھەرىكەتتە بىردەك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا پايدىلىق.

     پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتسىز رايون ئەڭ زور دەرىجىدە تۈگىتىلدى

  مۇخبىر: تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان سۈن جېڭسەي، سۇ رۇڭ، ۋاڭ مىن، جۇ بېنشۇن قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلاردا ئۇزاقتىن بۇيان خىيانەتچىلىك، چىرىكلىشىش قىلمىشلىرى ساقلىنىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ يەنىلا ئۆستۈرۈلگەن، يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلارنى نازارەت قىلىشتا نازارەتسىز رايون ۋە يوچۇق بارمۇ- يوق؟

  ياڭ شياۋدۇ بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتا ئىلگىرى «كەڭ، بوش، يۇمشاق بولۇش» ئەھۋالى ساقلانغاچقا، چىرىك ئۇنسۇرلار، ساختىپەز «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر يوچۇقتىن پايدىلىنىپ، بىر مەزگىل مەقسىتىگە يەتتى، لېكىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئەزەلدىن سەۋەنلىكلەرنى يوشۇرمىدى، ئەزەلدىن ئۆزىدە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەردىن ئۆزىنى قاچۇرمىدى. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، «يولۋاس»قىمۇ، «چىۋىن»گىمۇ زەربە بېرىپ، نازارەتسىز رايونلارنى تەكشۈرۈپ، يوچۇقلارنى ئېتىپ، چىرىكلەشكەنلەرنى بىرمۇ بىر تەكشۈرۈپ چىقتى. بەش يىلدىن بۇيان، بىزنىڭ كۆزىتىش ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىلىرىنى ئەۋەتىشنى پۈتۈن قاپلاشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرىنىڭ ئىچكى قىسمىدا كادىرلارنى نازارەت قىلىش ئاپپاراتىنى تەشكىللىشىمىز دەل پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتسىز رايونلارنى ئەڭ زور دەرىجىدە تۈگىتىشنى مەقسەت قىلغان. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك نىزامى»دا «ھالقىلىق ئاز سانلىقلار»نى تۇتۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك ئورگانلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنى، بولۇپمۇ ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنى نازارەت قىلىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتىكى يوچۇقلارنى توسۇش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

  19- قۇرۇلتايدىن كېيىن، چىرىكلەشكەن يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارغا زەربە بېرىشتە مۇھىم نۇقتا ئۈچ تۈرلۈك كادىرلارغا مەركەزلەشتۈرۈلىدۇ

  ياڭ شياۋدۇ مۇخبىرلارنىڭ 19- قۇرۇلتايدىن كېيىن، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ چىرىكلەشكەن يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارغا زەربە بېرىش خىزمىتىدە مۇھىم نۇقتا نەدە بولىدۇ؟ دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: 19- قۇرۇلتايدىن كېيىن، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ چىرىكلەشكەن يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارغا زەربە بېرىش خىزمىتىدە مۇھىم نۇقتا يەنىلا 18- قۇرۇلتايدىن بۇيان ئۆزىنى تارتمىغان، قولىنى يىغمىغانلار، مەسىلىسى، يىپ ئۇچلىرى مەركەزلىك ئىنكاس قىلىنغان، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان، ھازىر مۇھىم ئىش ئورنىدا تۇرۇۋاتقان، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە ئۆستۈرۈپ ئىشلىتىش ئېھتىمالى بولغان رەھبىرىي كادىرلار بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچ خىل ئەھۋال تەڭ مەۋجۇت بولغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە سىياسىيدا چىرىكلىشىش بىلەن ئىقتىسادتا چىرىكلىشىش چىرمىشىپ كېتىش ئەڭ مۇھىم نۇقتا ھېسابلىنىدۇ.

  ياڭ شياۋدۇ مۇخبىرلار كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان كېلەر يىلى دۆلەت مەمۇرىي تەپتىش كومىتېتى قۇرۇش، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خىزمىتىدە ئۆزگىرىش بولۇش- بولماسلىق مەسىلىسىگە جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: دۆلەتنىڭ مەمۇرىي تەپتىش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەت مەمۇرىي تەپتىش كومىتېتى قۇرۇش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم قارارى بولۇپ، پارتىيەنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىگە بولغان مەركەزلىك، بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، ئومۇمىي ھوقۇق يۈرگۈزۈۋاتقان بارلىق ھۆكۈمەت خادىملىرىنى مەمۇرىي تەپتىش قىلىشنى پۈتۈنلەي قاپلاشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. پارتكومنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى بىلەن مەمۇرىي تەپتىش كومىتېتى بىرلىشىپ ئىش بېجىرگەندە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈچى تېخىمۇ مەركەزلىشىدۇ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ قاپلىنىش دائىرىسى تېخىمۇ كېڭىيىدۇ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە مەمۇرىي تەپتىش كومىتېتىنىڭ مەسئۇلىيىتى تېخىمۇ ئېغىرلىشىدۇ، خىزمىتى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولىدۇ.

  مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا 19- قۇرۇلتاينىڭ ئاخبارات باياناتچىسى، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى گو ۋېيمىن رىياسەتچلىك قىلدى. جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك 290 نەچچە مۇخبىر مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا قاتناشتى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
كۆرۈپ قويۇڭ
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى