ئۈرۈمچىئىلىچۆچەكئالتايبايىنغۇلىنبورتالاشىخەنزەسانجىقۇمۇلتۇرپانكۈيتۈنقارامايئاقسۇقىزىلسۇقەشقەرخوتەن
باش بەتخەۋەرلەر مەركىزىسۈرەت مەركىزىئەدەبىيات – سەنئەتمەدەنىيەتكىنولار– دىراممىلارئەسلىمە
ئۈنۋېرسال رادىيو سەنئەت رادىيوكەسىپ ئىستىلى  تاللاپ   ئاڭلاشئۇيغۇرچە ئۈگۈنۈشخەنزۇچە ئۈگۈنۈشئىستانسىمىز ھەققىدە
• ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار ئالاقىدار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى• 1.مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى يىلى پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى• «ئۇ كوماندا ئەزاسى، ھەم ترېنېر» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوچېرك•  يىپەك يولى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا، ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئېگىز تاغدا ئايلىنىپ چاڭغا تېيىلىش تۈرى بويىچە ئىككى ئالتۇن مېدال مەيدانغا كەلدى• ئاپتونۇم رايوننىڭ لىكسىيە ئۆمىكى پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم 8-نۆۋەتلىك كومىتېتى 10-ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ھەققىدە دوكلات بەردى• ئاۋامنىڭ كەڭ زىمىندا ئىگىلىك تىكلىشى• بىپايان جەنۇبىي شىنجاڭ زېمىنىدا كىشىلىك ھاياتنىڭ گۈزەل كارتىنىسىنى يارىتايلى• ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى• ئاپتونوم رايونلوق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزى ئۆگۈنۈش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلوق پارتكوم خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى• مائارىپ ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش• شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيىسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرمەكتە• ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش• «جەنۇپتا يىلتىز تارتقان بىر تۈپ يۇلغۇن» ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئوچرىكىنىڭ «چىن ھىسىياتنى بېغىشلاش» دېگەن ئىككىنچى قىسىمى• گۈزەل شىنجاڭنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىپ، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى• ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شامال ئېلېكتر پاكىز ئېنېرگىيەلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى نوقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى تەستىقلاندى• جۇڭشىڭ ئېنېرگىيەسى جەنۇبىي شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك كەسىپلەر بازىسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان فوتوۋولت يۈرۈشلۈك ماددىي ئەشيالىرى پاكىستانغا يەتكۈزۈلدى• ئاپتونوم رايونىمىز بىر تۈركۈم زور قاتناش ئۇل ئەسلىھەلەر تۈرىنى يولغا قويدى• تەبەسسۇملۇق چىرايلار• ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرى خىزمىتى يىغىنى ۋە ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمىتى نەق مەيدان يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى• جاھان ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتقان چولپان كەنت• شىنجاڭ ساياھەتچىلىككە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى بىلەن شىنجاڭ خۇڭيۈەن دەۋر مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى كېلىشىم ئىمزالىدى• ئاممىنى قەلبىدە ساقلاپ، پۈتۈن مۇھەببىتى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش• خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، جان- دىلى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش•  13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى• ئاپتونوم رايونىمىز دۇنيا ئىقتىسادى بىلەن بولغان جىپسىلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىشىكنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى يادرولۇق رايونغا ئايلاندى• دۇنيا زوراۋانلىق، تېررورلۇقتىن قورقۇپ قالمايدۇ• ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش• «تېررورىزىمغا زەربە بېرىشتە جەزمەن ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش كېرەك» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوبزور ئېلان قىلىندى• ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «يېزا- بازارلىق پونكىتلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى» ئېلان قىلدى•  مىترو 1- نومۇرلۇق لىنىيەسى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇنجى قوش لىنىيەسى تۇتاشتۇرۇلغان رايون ئارا تونىل بولۇپ قالدى• 5 چوڭ تەرەققىيات قارىشى ئىچىدە، يېشىل تەرەققىيات قارىشى يارقىن نوقتا بولۇپ قالدى• ئىقتىساسلىق كادىرلار جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئاچقۇچى• 5 چوڭ تەرەققىيات ئۇقۇمى ئارقىلىق ئىلمىي ھالقىشقا يىتەكچىلىك قىلىش• ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسى خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ئاساسىنى پۇختىلاش• ئورتاق قاراشنى مۇجەسسەملەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى بەت ئاچايلى•  «13- بەشيىللىق» يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپتە، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى 5 يىللىق تەرەققىيات خەرىتىسى كۆرسىتىپ بېرىلدى• ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ياڭاقچىلىققا تايىنىپ بېيىغان قېرىنداشلارنىڭ ھېكايىسى• «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتىنى ساياھەت قىلىش» قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىك ساياھەت ئاساسىي تېما پائالىيىتى رەسمىي باشلىنىدۇ
• مىسىر زوڭتوڭ سايلىمىدا مۇسۇلمان بۇرادەرلەر جەمئىيىتىگە تەۋە ھەققانىيەت پارتىيېسىنىڭ رەئىسى مورشى بىلەن سابىق زوڭلى سەفىقنىڭ بېلەتكە ئېرىشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئىككى ئورۇننى ئىگىلىگەن• 2015 - يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىز ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 5 تىرلىيون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن• ھىندىستاندا ئىسسىق ھاۋا 81 ئادەمنىڭ بېشىغا چىقتى• بىرمىدا ھەر يىلى تەخمىنەن 18 مىڭدىن 23 مىڭغىچە ئەيدىز بىمارى ئۆلۈپ كېتىدىكەن• كورىيە ئارمىيە دائىرىلىرى: چاۋشيەن يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىپ بولدى، دېدى
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش، نامراتلارنى يۆلەشنىڭ سەرخىل كارتىنىسى

2017-11-14 12:56:33     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 ياز كىرىشى بىلەن مەن تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىنى ئايلىنىپ چىقتىم، نەگىلا بارماي خىلۋەت كەنتتىن تارتىپ شەھەر- بازارلارغىچە ھەممە يەردە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر بىلەن ياردەم بېرىلىۋاتقان جايلارنىڭ بىرلىكتە نامراتلارنى يۆلەپ، ئۇلارغا دەل جايىدا ياردەم بېرىپ ھەقىقىي يۆلەۋاتقانلىقىنى، نامراتلارنى دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈنۈمىنىڭ ياخشى بولغانلىقىنى، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە باشتىن باشلاپلا نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئىدىيەسىنى گەۋدىلەندۈردى، شىنجاڭنىڭ ھەممە يېرىدە بارلىققا كېلىۋاتقان ئۆزگىرىشلەر بۇنىڭ جانلىق دەلىلى.
 نامراتلارنى يۆلەشكە مايىل بولۇپ، چەكلىك مەبلەغنى خەلق تۇرمۇشى ئېھتىياجلىق ئىشلارغا ئىشلىتىش. چىرا ناھىيەسىنىڭ چىرا بازىرى چاقما كەنتىدە يېڭىدىن ياسالغان ئاسفالت يوللارنىڭ ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتكەنلىكىنى، ھەتتا دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىدىن ئېتىزغا بارىدىغان يوللارغىمۇ ئاسفالت ياتقۇزۇلغانلىقىنى كۆردۈم. نەقىشلەنگەن دەرۋازا قىپقىزىل سىرلانغان بولۇپ، ناھايىتى ھەيۋەتلىك كۆرۈنەتتى. قورۇنىڭ تېمى سېرىق رەڭدە بولۇپ، ئۆگزىدە كۈمۈش رەڭدىكى قۇياش ئېنېرگىيەلىك مۇنچا كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى. يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى باشلانغاندىن كېيىن، مەمتىمىن سايىتنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۇزاقتىن بۇيان ئارزۇلاپ كەلگەن يېڭى ئۆيگە كۆچتى. مەمتىمىن سايىتنىڭ يېڭى ئۆيى تيەنجىن شەھىرى ياردەم قىلىپ سېلىپ بەرگەن ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدا بولۇپ، كەنت بويىچە 471 ئائىلىدىكى 1 مىڭ 657 كىشى ئىلگىرىدىكى كېسەك ئۆيلىرى بىلەن خوشلىشىپ، بۇ رايوندىكى سۇ، توك، پار يۈرۈشلەشكەن، كەڭرى، يورۇق ئەمىن ئۆيگە كۆچۈپ كىردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقى، تيەنجىن شەھىرىنىڭ ياردىمى بولغاچقا، بىز مانا مۇشۇنداق ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشەلىدۇق.»
 شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، خىزمەتنىڭ نېگىزىنى تۇتۇپ، دەل جايىدا كۈچىدى، يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى باشلانغاندىن بۇيان، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر مەبلەغنى خەلق تۇرمۇشىغا، ئاساسىي قاتلامغا، نامراتلارنى يۆلەشكە مايىللاشتۇرۇپ، چەكلىك ياردەم مەبلىغىنى ئامما ئەڭ تەقەززا بولۇۋاتقان خەلق تۇرمۇشى تۈرىگە ئىشلەتتى، نامراتلارنى ئىلمىي، دەل جايىدا يۆلىدى. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر 2014- يىلىدىن 2016- يىلىغىچە شىنجاڭغا جەمئىي 36 مىليارد 490 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى تۈرىدىن 2 مىڭ 971 نى يولغا قويغان، ئەمىن ئۆي ۋە چارۋىچىلارنى ماكانلاشتۇرۇپ، چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش ئۆيىدىن 758 مىڭ يۈرۈش سالغان ياكى ئۆزگەرتىپ سالغان، 3 مىليوندىن كۆپرەك دېھقان- چارۋىچى ئازادە، يورۇق ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىرگەن.
 دەل جايىدا كۈچەپ، شىنجاڭغا كەسىپلەر بويىچە ياردەم بېرىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە «نامراتلارنى يۆلەش ئۈنۈمى»نى گەۋدىلەندۈرۈش. قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ ئاتۇش سانائەت رايونىدىكى قىزىلسۇ «تيەنيى» ئوت مۇداپىئەسى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدىكى مامۇت ئەمەت مۇنداق دېدى: «تيەنيى» ئوت مۇداپىئەسى چەكلىك شىركىتى ئاتۇشقا ماكانلاشمىغان بولسا، بىزنىڭ بۈگۈنكىدەك بەختلىك تۇرمۇشىمىز بولمىغان بولاتتى. بۇ شىركەتتە ئىشلىگەندىن بۇيان تۇرمۇشىمىزدا چوڭ ئۆزگىرىش بولدى. مامۇت ئەمەت ئاتۇش شەھىرىنىڭ ئۈستۈن ئاتۇش بازىرىدىن بولۇپ، «تيەنيى» ئوت مۇداپىئەسى شىركىتىدە ئىشلىگەن ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئايدا 3 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك مائاش ئېلىپ، ئائىلە ئىقتىسادىنى ياخشىلىۋالدى.
 بۇلارنىڭ ھەممىسى شىنجاڭغا كەسىپلەر بويىچە ياردەم بېرىشنىڭ تۈرتكىسىدە پۇقرالار ئېرىشكەن نەپلەردۇر. جياڭسۇ ئۆلكىسى قىزىلسۇ ئوبلاستىنى زامانىۋى كەسىپ كۆجۈملەشكەن ئوبلاست قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن، 387 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئاتۇش «كۇنشەن» كەسىپلەر رايونى، ئۇلۇغچات «چاڭجۇ» سانائەت رايونى ۋە ئاقچى يېنىك سانائەت كەسىپلەر رايونىنى قۇرۇپ، 129 كارخانىنى ماكانلاشتۇردى، 6 مىليارد 600 مىليون يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ سالدى، بۇ رايوندىكى «جۇڭشىڭ» ئېنېرگىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، «ئالاھىدە تىرانسفورموتور» قاتارلىق بىر تۈركۈم كارخانىلارنىڭ تۈرتكىسىدە 6 مىڭ 200 دىن كۆپرەك كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسى ھەل قىلىندى.
 ئۈچ يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى جەمئىي 4 مىليارد 410 مىليون يۈەن مەبلەغ غەملەپ، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ كەسىپلەر تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسى گۇاڭجۇ شىنچېڭ سودا شەھەرچىسى، پەيزاۋات سانائەت رايونى قاتارلىقلارنى قۇردى؛ 124 تۈر، 45 مىليارد 900 مىليون يۈەن مەبلەغ كىرگۈزۈپ، سودا ئەشيا ئوبوروتى، توقۇمچىلىق، كىيىم- كېچەك قاتارلىق ساھە توپىنى شەكىللەندۈردى؛ ياردەم بېرىلگەن جايلاردا 50 مىڭدىن كۆپرەك ئىش ئورنى ھازىرلاپ، شىنجاڭنىڭ ئىچىدە 100 مىڭ ئادەم قېتىم يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولدى، شىنجاڭنىڭ سىرتىدا 16 مىڭ ئادەم قېتىم يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى.
 گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى «بىر يېزىدا بىر مەھسۇلات بولۇش» تۈرىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق 40 مىڭدىن كۆپرەك ئائىلە، 60 مىڭدىن كۆپرەك دېھقاننىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمىنى مىڭ يۈەنگە يېقىن كۆپەيتىپ، ياردەم بېرىلىۋاتقان جايلاردىكى نامرات ئاھالىنى 2014- يىلىنىڭ بېشىدىكى 280 مىڭ كىشىدىن ھازىرقى 170 مىڭغا ئازايتتى. قاقشال كەنتىدە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدا ئىشلەيدىغانلاردىن 300 دىن كۆپرەك كىشى بار، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمى 2010- يىلىدىكى 5 مىڭ يۈەندىن بۇلتۇر 8 مىڭ يۈەندىن كۆپرەككە يېتىپ، قاقشال كەنتى بىراقلا مەكىت ناھىيەسىدىكى «چولپان كەنت» كە ئايلاندى. قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ توققۇزاق بازىرى ئاياغمەنگەن كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ ھويلىسىدىكى دېھقانلار كەچلىك مەكتىپىدە دوسكا، مۇنبەر، پارتىلار تولۇق بولۇپ، سىنىپنىڭ ئارقا تېمىدىكى لوزۇنكىغا «بىر كىشى تەربىيەلەنسە، بىر ئائىلە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدۇ، بىر دائىرىگە تۈرتكە بولغىلى، بىر تەرەپنى بېيىتقىلى بولىدۇ» دېگەن خەتلەر يېزىلغانىدى.
 خەلقنىڭ ئېھتىياجىنى سوراپ تۇرۇش شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشتە ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ كېلىۋاتقان كونكرېت تەدبىرىدۇر. ئىلگىرى دېھقانچىلىقتىن باشقا ۋاقىتلاردا ئۇششاق تىجارەت قىلاتتىم، تۇرمۇشۇم كاپالەتكە ئىگە ئەمەس ئىدى، ھازىر ئايدا 2 مىڭ 300 يۈەندىن كۆپرەك ئىش ھەققى ئالىمەن،- دېدى ئاياغمەنگەن كەنتىنىڭ ئاھالىسى رابىگۈل. ئۇ ئىلگىرى كىيىم تىكىش ماشىنىسىنى ئىشلىتىپ باقمىغان ئىكەن، ھازىر كىيىم تىكىش ماشىنىسىدا مۇستەقىل كىيىم تىكەلەيدىغان بوپتۇ، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىمۇ ئېشىپتۇ. رابىگۈل شاڭخەي شەھىرىنىڭ ياردىمىدە قۇرۇلغان تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بازىسىدا تەربىيەلەنگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ تۇرمۇشىدا چوڭ ئۆزگىرىش بوپتۇ. ھازىر بۇ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بازىسىدا شۇ يەردىكى 230 دىن كۆپرەك ئايال تەربىيەلىنىپ، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلاشقان.
 كىشىلەرنىڭ نەزەرىدە شىنجاڭدىكى ئەڭ يېتەرلىك نەرسە ئەمگەكچى بولۇشى مۇمكىن، جەنۇبىي شىنجاڭدا تېخىمۇ شۇنداق، ئەمما ئەمەلىي ئەھۋالغا قارايدىغان بولساق، جەنۇبىي شىنجاڭدا ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەر، بولۇپمۇ ئىنچىكە پىششىقلاش كەسپىگە ماھىر ئىشچىلار %40 ئەتراپىدا كەملەيدىكەن. نامرات ئاممىنى ئېلىپ ئېيتساق، قانداق قىلغاندا ئۇلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، بېيىش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلىش، ھازىرقى ئەھۋالنى ئۆزگەرتىشنى تېخىمۇ يىراق نۇقتىدىن ئويلىشىپ پىلانلاشقا توغرا كېلىدۇ؟ بۇ دەل شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ تۈرتكىسىدە قولغا كەلگەن.
 گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە 100 مىليون يۈەندىن كۆپرەك مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسى بويىچە مەخسۇس تېمىدا تۈرلۈك كۇرستىن 1 مىڭ 200 نى ئېچىپ، ياردەم بېرىلىدىغان جايلاردىكى كادىرلار ۋە ئىختىساسلىقلاردىن 78 مىڭ ئادەم قېتىم تەربىيەلىدى؛ ئۇنىۋېرسال ئىختىساسلىقلاردىن 943 نى تاللاپ شىنجاڭغا ئەۋەتىپ، قىسقا مۇددەتلىك ياردەم بېرىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ياردەم بېرىلىدىغان جايدىكى كادىرلار، ئىختىساسلىقلاردىن مىڭدىن كۆپرەك كىشىگە ياردەم بېرىپ ھەم يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى. قەشقەر ۋىلايىتىدىكى يېزا- بازار، كەنت كادىرلىرىنى «گۇاڭدۇڭغا بېرىش، گۇاڭدۇڭنى كۆرۈش، گۇاڭدۇڭنى نەق مەيداندا چۈشىنىش، گۇاڭدۇڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى ھېس قىلىش، ئالاقىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىش، ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش» بويىچە تەربىيەلەش تۈرىنى يولغا قويۇپ، 3 مىڭ ئاساسىي قاتلام كادىرىنى گۇاڭدۇڭغا نۆۋەت بىلەن تەربىيەلەشكە ئەۋەتتى.
 جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ قىزىلسۇ ئوبلاستىغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى توقۇمىچىلىق، كىيىم- كېچەك كارخانىسىنىڭ ئادەم ئىشلىتىش ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئوبلاستتىكى كەسپىي تېخنىكا مەكتىپىگە تايىنىپ، مەخسۇس مەبلەغ سېلىپ، ئەمەلىي تېخنىكا، كەسپىي ماھارەت ۋە دۆلەت تىلى بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، ھەم كارخانىلارنىڭ ئادەمگە بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇردى، ھەم يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى، ھازىرغىچە 5 مىڭ 90 ئادەم قېتىم تەربىيەلەندى. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر بىلەن ياردەم بېرىلىۋاتقان جايلارنىڭ نامراتلارنى يۆلەشتىكى ھەمكارلىقىدىن، ھازىرقى نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقىچە بولغان جەرياندىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، يېڭى دەۋردىكى نامراتلارنى يۆلەش- ئېچىش ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەسى كۈندىن- كۈنگە ئايدىڭلىشىۋاتىدۇ، مەزمۇنى كۈندىن- كۈنگە تولۇقلىنىۋاتىدۇ، ھاياتىي كۈچى كۈندىن- كۈنگە ھەسسىلەپ ئېشىۋاتىدۇ.

كۆرۈپ قويۇڭ
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى