ئۈرۈمچىئىلىچۆچەكئالتايبايىنغۇلىنبورتالاشىخەنزەسانجىقۇمۇلتۇرپانكۈيتۈنقارامايئاقسۇقىزىلسۇقەشقەرخوتەن
باش بەتخەۋەرلەر مەركىزىسۈرەت مەركىزىئەدەبىيات – سەنئەتمەدەنىيەتكىنولار– دىراممىلارئەسلىمە
ئۈنۋېرسال رادىيو سەنئەت رادىيوكەسىپ ئىستىلى  تاللاپ   ئاڭلاشئۇيغۇرچە ئۈگۈنۈشخەنزۇچە ئۈگۈنۈشئىستانسىمىز ھەققىدە
• ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار ئالاقىدار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى• 1.مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى يىلى پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى• «ئۇ كوماندا ئەزاسى، ھەم ترېنېر» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوچېرك•  يىپەك يولى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا، ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئېگىز تاغدا ئايلىنىپ چاڭغا تېيىلىش تۈرى بويىچە ئىككى ئالتۇن مېدال مەيدانغا كەلدى• ئاپتونۇم رايوننىڭ لىكسىيە ئۆمىكى پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم 8-نۆۋەتلىك كومىتېتى 10-ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ھەققىدە دوكلات بەردى• ئاۋامنىڭ كەڭ زىمىندا ئىگىلىك تىكلىشى• بىپايان جەنۇبىي شىنجاڭ زېمىنىدا كىشىلىك ھاياتنىڭ گۈزەل كارتىنىسىنى يارىتايلى• ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى• ئاپتونوم رايونلوق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزى ئۆگۈنۈش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلوق پارتكوم خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى• مائارىپ ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش• شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيىسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرمەكتە• ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش• «جەنۇپتا يىلتىز تارتقان بىر تۈپ يۇلغۇن» ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئوچرىكىنىڭ «چىن ھىسىياتنى بېغىشلاش» دېگەن ئىككىنچى قىسىمى• گۈزەل شىنجاڭنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىپ، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى• ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شامال ئېلېكتر پاكىز ئېنېرگىيەلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى نوقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى تەستىقلاندى• جۇڭشىڭ ئېنېرگىيەسى جەنۇبىي شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك كەسىپلەر بازىسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان فوتوۋولت يۈرۈشلۈك ماددىي ئەشيالىرى پاكىستانغا يەتكۈزۈلدى• ئاپتونوم رايونىمىز بىر تۈركۈم زور قاتناش ئۇل ئەسلىھەلەر تۈرىنى يولغا قويدى• تەبەسسۇملۇق چىرايلار• ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرى خىزمىتى يىغىنى ۋە ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمىتى نەق مەيدان يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى• جاھان ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتقان چولپان كەنت• شىنجاڭ ساياھەتچىلىككە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى بىلەن شىنجاڭ خۇڭيۈەن دەۋر مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى كېلىشىم ئىمزالىدى• ئاممىنى قەلبىدە ساقلاپ، پۈتۈن مۇھەببىتى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش• خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، جان- دىلى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش•  13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى• ئاپتونوم رايونىمىز دۇنيا ئىقتىسادى بىلەن بولغان جىپسىلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىشىكنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى يادرولۇق رايونغا ئايلاندى• دۇنيا زوراۋانلىق، تېررورلۇقتىن قورقۇپ قالمايدۇ• ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش• «تېررورىزىمغا زەربە بېرىشتە جەزمەن ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش كېرەك» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوبزور ئېلان قىلىندى• ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «يېزا- بازارلىق پونكىتلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى» ئېلان قىلدى•  مىترو 1- نومۇرلۇق لىنىيەسى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇنجى قوش لىنىيەسى تۇتاشتۇرۇلغان رايون ئارا تونىل بولۇپ قالدى• 5 چوڭ تەرەققىيات قارىشى ئىچىدە، يېشىل تەرەققىيات قارىشى يارقىن نوقتا بولۇپ قالدى• ئىقتىساسلىق كادىرلار جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئاچقۇچى• 5 چوڭ تەرەققىيات ئۇقۇمى ئارقىلىق ئىلمىي ھالقىشقا يىتەكچىلىك قىلىش• ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسى خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ئاساسىنى پۇختىلاش• ئورتاق قاراشنى مۇجەسسەملەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى بەت ئاچايلى•  «13- بەشيىللىق» يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپتە، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى 5 يىللىق تەرەققىيات خەرىتىسى كۆرسىتىپ بېرىلدى• ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ياڭاقچىلىققا تايىنىپ بېيىغان قېرىنداشلارنىڭ ھېكايىسى• «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتىنى ساياھەت قىلىش» قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىك ساياھەت ئاساسىي تېما پائالىيىتى رەسمىي باشلىنىدۇ
• مىسىر زوڭتوڭ سايلىمىدا مۇسۇلمان بۇرادەرلەر جەمئىيىتىگە تەۋە ھەققانىيەت پارتىيېسىنىڭ رەئىسى مورشى بىلەن سابىق زوڭلى سەفىقنىڭ بېلەتكە ئېرىشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئىككى ئورۇننى ئىگىلىگەن• 2015 - يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىز ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 5 تىرلىيون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن• ھىندىستاندا ئىسسىق ھاۋا 81 ئادەمنىڭ بېشىغا چىقتى• بىرمىدا ھەر يىلى تەخمىنەن 18 مىڭدىن 23 مىڭغىچە ئەيدىز بىمارى ئۆلۈپ كېتىدىكەن• كورىيە ئارمىيە دائىرىلىرى: چاۋشيەن يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىپ بولدى، دېدى
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

«ئاخىرقى ھاۋالە، ئون يىللىق ۋەدە»

2017-11-15 12:04:27     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

كۇچا ناھىيەسى ئاغى يېزىسى ئاغى كەنتىدىكى بىر دېھقان ھويلىسىدا بۇ يىل 78 ياشقا كىرگەن شېن خۇيپىڭ «ئوغلى» ئابلەت مامۇتنىڭ قولىنى چىڭ سىقىپ: «ئەگەر سىز ماڭا بۇنچىلىك كۆڭۈل بۆلمىگەن بولسىڭىز، مەن ھازىرقى يېڭى تۇرمۇشۇمغا ئېرىشىش تۇرماق، قاچانغىچە ياشىيالايدىغانلىقىمنىمۇ بىلمەيتتىم» دېدى.
ئابلەت مامۇت قازا قىلىپ كەتكەن خىزمەتدىشى لۈي فېڭنىڭ ئانىسى شېن خۇيپىڭنىڭ ھالىدىن ئۆز ئانىسىغا ئوخشاش خەۋەر ئالدى. ئۇنىڭ 10 يىلدىن بۇيانقى ھەقىقىي ئىش- ھەرىكەتلىرىنى كۆرگەن ئەتراپتىكى كىشىلەر تەسىرلەندى، بۇنىڭ ھەممىسى لۈي فېڭ جان ئۈزۈش ئالدىدا ئۇنىڭغا تاپىلىغان بىر جۈملە ھاۋالە سۆزىدىن ئىدى.
ئابلەت مامۇت بىلەن شېن خۇيپىڭنىڭ «ئانا- بالا مۇھەببىتى» 1997- يىلدىن باشلانغان. ئۇ دەۋرلەردە، شېن خۇيپىڭنىڭ ئوغلى لۈي فېڭ بىلەن ئابلەت مامۇت كۇچا ناھىيەسى بېيشەن جياۋدىيەن چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئىشچىلىرى ئىدى، شىركەت ناھىيەنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونغا جايلاشقان، ناھىيە بازىرىغا 68 كىلومېتىر يىراقتا بولۇپ، قاتناش ئىنتايىن قولايسىز ئىدى. ئابلەت مامۇت بىلەن لۈي فېڭ ئۆينى شىركەتكە يېقىن ئاغى يېزىسىدىن تۇتتى.
ئابلەت مامۇت مۇنداق دېدى: «مەن شىركەتكە خىزمەت كىرگەندە ئىككى بالىنىڭ دادىسى ئىدىم، لۈي فېڭ بولسا ئاتا- ئانىسى بىلەن بىرگە تۇراتتى. 1998 -يىلى لۈي فېڭنىڭ دادىسى ۋاپات بولغاندىن كىيىن، مەن دائىم ئۇلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئانا- بالا ئىككىسىنى يوقلاپ تۇردۇم، شۇنىڭ بىلەن ئىككى ئائىلىنىڭ بېرىش- كېلىشى قويۇقلاشتى.»
ئابلەت مامۇتنىڭ ئېيتىشىچە، 2007- يىلى 7- ئايدا، ئۇنىڭ كىچىك قىزى ئېغىر كېسەل بولۇپ قالغان، ئۆزى بولسا قىزىنىڭ يېنىدا يوق ئىدى. بۇ چاغدا لۈي فېڭ ئويلىشىپ ئولتۇرمايلا، بالىنى ناھىيە ئىچىدىكى دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىپ، 10 مىڭ يۈەن بالنېتسىدا يېتىش ھەققىنى تۆلىگەن ئىدى، ئۇنىڭ بۇ ئىشلىرى ئابلەت مامۇتنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى، ئۇلارنىڭ كۆڭلىمۇ بارغانچە يېقىنلاشتى.
نۇرغۇن يىلغىچە، لۈي فېڭ ئىزچىل شىركەتنىڭ تىرانسپورت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللاندى. بەزىدە نەچچە كۈنگىچە ئۆيىگە قايتالمايتتى، ئۇ ئانىسىدىن خاتىرجەم بولالماي، ئابلەت مامۇتقا تېلېفون قىلىپ: «ئاغىنە، ۋاقتىڭ بولسا بىزنىڭ ئۆيگە بېرىپ ئانامغا قاراپ قويغان بولساڭ» دەيتتى. ئابلەت مامۇت بولسا: «يولدا بىخەتەرلىككە دىققەت قىلغىن، ئاچامدىن خاتىرجەم بول، ماڭا تاپشۇرغىن» دەيتتى. شۇنىڭدىن باشلاپ، لۈي فېڭ سىرتقا چىقىپ تىرانسپورت بىلەن شۇغۇللانغاندا، ئابلەت لۈي فېڭ ئائىلىسىنىڭ دائىملىق مېھمىنى بولۇپ قالدى.
2007- يىل 12- ئايدا، لۈي فېڭ يۇقىرى قان بېسىمدا مېڭىسىگە قان چۈشكەنلىكتىن ھوشىدىن كەتتى، ئابلەت مامۇت دوختۇرخانىدا ئۇنىڭ ھالىدىن بىر ھەپتە خەۋەر ئالدى، بىراق لۈي فېڭ قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي بەختكە قارشى ۋاپات بولدى. جان ئۈزۈش ئالدىدا، ئۇ گەپ قىلالمىدى، لېكىن ئۇ ئابلەتنىڭ قولىنى مەھكەم تۇتۇپ، كۆزلىرىنى ئانىسىدىن ئۈزمىدى. ئابلەت ئەڭ ئاخىرقى مىنۇتلاردىكى بۇ قاراشتىن لۈي فېڭنىڭ ئانىسىدىن خاتىرجەم بولالمايۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى. ئۇ قەتئىي ھالدا: «قېرىندىشىم، سىز خاتىرجەم بولۇڭ، سىزنىڭ ئانىڭىز مېنىڭ ئانام، ئۇنىڭ ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئالىمەن» دېدى، بۇ چاغدا لۈي فېڭ كۆزىنى يۇمدى.
ئابلەت مامۇت ئايالىغا ئۆلۈپ كەتكەن خىزمەتدىشىنىڭ ئانىسىنى ئۆز ئانىسىدەك بېقىش خىيالىنى ئېيتقاندا، ئايالى رەيھانگۈل قارشى تۇرماستىن، ئەكىسچە ئىنتايىن قوللىدى. رەيھانگۈل بۇ ھەقتە مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «ئادەم مىننەتدارلىقنى بىلىشى كېرەك، ئەينى چاغدا بىزنىڭ كىچىك قىزىمىز ئاغرىپ قالغاندا، ھېلىمۇ ياخشى لۈي فېڭ قۇتقۇزىۋالدى، يولدىشىم لۈي فېڭنىڭ جان ئۈزۈش ئالدىدىكى تاپشۇرۇقىنى ئورۇندايدىغانلىقىغا ۋەدە قىپتۇ، ئۇنىڭدىن تولىمۇ تەسىرلەندىم».
شۇنىڭدىن كېيىن، رەيھانگۈلنىڭ ۋاقتى بولسىلا يولدىشى بىلەن بىللە شېن خۇيپىڭ ئانىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇنىڭ ھالىدىن ئۆز بالىلىرىدەك خەۋەر ئالدى. ھەر قېتىم شېن خۇيپىڭنىڭ ئۆيىگە بارغاندا رەيھانگۈل كىر يۇيۇپ، تاماق ئېتىپ، ئۇنىڭ بىلەن مۇڭدىشاتتى.
ئابلەت مامۇت بەرگەن ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت ئىلتىماسى، ئۇن- گۈرۈچ ئېلىش، ئىككى ئۆيدىكى چوڭ- كىچىك ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئىشلىرىنى ئۈستىگە ئالدى ...
ئاغى كەنتىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ھەممىسى بۇ ئىشلارنى بىلىدۇ، شېن خۇيپىڭنىڭ بىر ئۇيغۇر ئوغلى بار، بۇ ئوغۇل ئۇنىڭ ئۆز ئوغلى بىلەن پەرقلەنمەيدۇ! شېن خۇيپىڭ تەسىرلىنىپ ياش تۆككەن ھالدا مۇنداق دېدى: «ئابلەت بىر ياخشى بالا، ئۆيدىكى ھەممە ئىشقا ئۇ غەم قىلىدۇ، ماڭا ئۆز ئانىسىدەك مۇئامىلە قىلىدۇ».
ھازىر، كۇچا ناھىيەسى بېيشەن جياۋدىيەن چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ نۇرغۇن ئىشچى- خىزمەتچىلىرى ئابلەت مامۇتنى ئۆزىگە ئۈلگە قىلدى، شېن خۇيپىڭ ئانىنىڭ ئىشى بولسىلا، كۆپچىلىك بىرلىكتە ياردەم قىلدى. پېڭ ۋېيبىن ئەنە شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرسى، ئۇ شېن خۇيپىڭ ئانىنىڭ قوشنىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا تېخىمۇ قولايلىق ئىدى. پېڭ ۋېيبىن مۇنداق دېدى: «ناھىيە بازىرىدىن كەنتكە قايتىش يولىدا ئۇنىڭغا ئانچە- مۇنچە تاتلىق- تۈرۈم ئالغاچ بارىمەن، قىشنىڭ ئۇزۇن كېچىسىدە ئۇنىڭ مۇزلاپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ئوچىقىغا ئوت قالاپ قويىمەن، تاماق سۇنۇپ تۇرىمەن، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئابلەتنىڭ تەسىرىدىن بولدى. ئۇ قىلالىغاننى مەنمۇ قىلالايمەن! شېن خۇيپىڭ ئانىمىزنىڭ ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئېلىش-- بىزنىڭ ئورتاق ئارزۇيىمىز».
ئابلەت مامۇت كەلگۈسى پىلانى ھەققىدە مۇنداق دېدى: «شېن خۇيپىڭ ئانامنىڭ يېشى چوڭيىپ قالغاچقا، سالامەتلىكىمۇ ياخشى ئەمەس، مەن ئۇنى ناھىيە بازىرىدىكى ياشانغانلار ساناتورىيەسىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قوياي دەپ ئويلىشىۋاتىمەن، ئۇنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى ۋاقىتلىرىنى خۇشال- خۇرام ئۆتكۈزۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن».

كۆرۈپ قويۇڭ
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى