ئۈرۈمچىئىلىچۆچەكئالتايبايىنغۇلىنبورتالاشىخەنزەسانجىقۇمۇلتۇرپانكۈيتۈنقارامايئاقسۇقىزىلسۇقەشقەرخوتەن
باش بەتخەۋەرلەر مەركىزىسۈرەت مەركىزىئەدەبىيات – سەنئەتمەدەنىيەتكىنولار– دىراممىلارئەسلىمە
ئۈنۋېرسال رادىيو سەنئەت رادىيوكەسىپ ئىستىلى  تاللاپ   ئاڭلاشئۇيغۇرچە ئۈگۈنۈشخەنزۇچە ئۈگۈنۈشئىستانسىمىز ھەققىدە
• ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار ئالاقىدار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى• 1.مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى يىلى پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى• «ئۇ كوماندا ئەزاسى، ھەم ترېنېر» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوچېرك•  يىپەك يولى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا، ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئېگىز تاغدا ئايلىنىپ چاڭغا تېيىلىش تۈرى بويىچە ئىككى ئالتۇن مېدال مەيدانغا كەلدى• ئاپتونۇم رايوننىڭ لىكسىيە ئۆمىكى پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم 8-نۆۋەتلىك كومىتېتى 10-ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ھەققىدە دوكلات بەردى• ئاۋامنىڭ كەڭ زىمىندا ئىگىلىك تىكلىشى• بىپايان جەنۇبىي شىنجاڭ زېمىنىدا كىشىلىك ھاياتنىڭ گۈزەل كارتىنىسىنى يارىتايلى• ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى• ئاپتونوم رايونلوق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزى ئۆگۈنۈش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلوق پارتكوم خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى• مائارىپ ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش• شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيىسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرمەكتە• ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش• «جەنۇپتا يىلتىز تارتقان بىر تۈپ يۇلغۇن» ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئوچرىكىنىڭ «چىن ھىسىياتنى بېغىشلاش» دېگەن ئىككىنچى قىسىمى• گۈزەل شىنجاڭنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىپ، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى• ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شامال ئېلېكتر پاكىز ئېنېرگىيەلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى نوقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى تەستىقلاندى• جۇڭشىڭ ئېنېرگىيەسى جەنۇبىي شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك كەسىپلەر بازىسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان فوتوۋولت يۈرۈشلۈك ماددىي ئەشيالىرى پاكىستانغا يەتكۈزۈلدى• ئاپتونوم رايونىمىز بىر تۈركۈم زور قاتناش ئۇل ئەسلىھەلەر تۈرىنى يولغا قويدى• تەبەسسۇملۇق چىرايلار• ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرى خىزمىتى يىغىنى ۋە ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمىتى نەق مەيدان يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى• جاھان ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتقان چولپان كەنت• شىنجاڭ ساياھەتچىلىككە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى بىلەن شىنجاڭ خۇڭيۈەن دەۋر مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى كېلىشىم ئىمزالىدى• ئاممىنى قەلبىدە ساقلاپ، پۈتۈن مۇھەببىتى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش• خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، جان- دىلى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش•  13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى• ئاپتونوم رايونىمىز دۇنيا ئىقتىسادى بىلەن بولغان جىپسىلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىشىكنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى يادرولۇق رايونغا ئايلاندى• دۇنيا زوراۋانلىق، تېررورلۇقتىن قورقۇپ قالمايدۇ• ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش• «تېررورىزىمغا زەربە بېرىشتە جەزمەن ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش كېرەك» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوبزور ئېلان قىلىندى• ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «يېزا- بازارلىق پونكىتلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى» ئېلان قىلدى•  مىترو 1- نومۇرلۇق لىنىيەسى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇنجى قوش لىنىيەسى تۇتاشتۇرۇلغان رايون ئارا تونىل بولۇپ قالدى• 5 چوڭ تەرەققىيات قارىشى ئىچىدە، يېشىل تەرەققىيات قارىشى يارقىن نوقتا بولۇپ قالدى• ئىقتىساسلىق كادىرلار جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئاچقۇچى• 5 چوڭ تەرەققىيات ئۇقۇمى ئارقىلىق ئىلمىي ھالقىشقا يىتەكچىلىك قىلىش• ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسى خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ئاساسىنى پۇختىلاش• ئورتاق قاراشنى مۇجەسسەملەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى بەت ئاچايلى•  «13- بەشيىللىق» يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپتە، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى 5 يىللىق تەرەققىيات خەرىتىسى كۆرسىتىپ بېرىلدى• ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ياڭاقچىلىققا تايىنىپ بېيىغان قېرىنداشلارنىڭ ھېكايىسى• «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتىنى ساياھەت قىلىش» قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىك ساياھەت ئاساسىي تېما پائالىيىتى رەسمىي باشلىنىدۇ
• مىسىر زوڭتوڭ سايلىمىدا مۇسۇلمان بۇرادەرلەر جەمئىيىتىگە تەۋە ھەققانىيەت پارتىيېسىنىڭ رەئىسى مورشى بىلەن سابىق زوڭلى سەفىقنىڭ بېلەتكە ئېرىشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئىككى ئورۇننى ئىگىلىگەن• 2015 - يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىز ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 5 تىرلىيون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن• ھىندىستاندا ئىسسىق ھاۋا 81 ئادەمنىڭ بېشىغا چىقتى• بىرمىدا ھەر يىلى تەخمىنەن 18 مىڭدىن 23 مىڭغىچە ئەيدىز بىمارى ئۆلۈپ كېتىدىكەن• كورىيە ئارمىيە دائىرىلىرى: چاۋشيەن يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىپ بولدى، دېدى
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىسىگە چېتىشلىق 8 تىپىك دېلو مىسالىنى ئاشكارىلىدى

2018-01-10 16:43:41     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىسىگە چېتىشلىق 8 تىپىك دېلو مىسالىنى ئاشكارىلىدى. بۇ سەككىز تىپىك دېلو مىسالى تۆۋەندىكىچە:
ئۇلۇغچات ناھىيەسىنىڭ بايقۇرۇت يېزىسى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ سابىق ئەزاسى، نامراتلارنى يۆلەش كادىرى يۈسۈپ ھىمىتنىڭ نامراتلارنى يۆلەش قەرز پۇلىنى ئىگىلىۋېلىش مەسىلىسى. 2016- يىلى 9 -ئايدا، يۈسۈپ ھىمىت ۋەزىپىسىدىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ، ئۆز مەيلىچە تۆت نامرات ئاھالىنىڭ 115 مىڭ يۈەن نامراتلارنى يۆلەش قەرز پۇلىنى ئېلىپ، لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالغان ۋە باشقا چىقىملىرىغا ئىشلەتكەن. يۈسۈپ ھېمىت تەكشۈرۈلگەن مەزگىلىدە، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاپشۇرغان. 2017- يىلى 11- ئايدا، يۈسۈپ ھىمىت پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىلدى ھەمدە ئۇنىڭغا مەمۇرىي ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش جازاسى بېرىلدى.
قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسى تازغۇن يېزىسى پارتكومىنىڭ سابىق شۇجىسى شې گاۋشياڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش تۈرى بويىچە تەربىيىلەش ياردەم پۇلى مەبلىغىنى ئېلىۋېلىش مەسىلىسى. 2016- يىلى تازغۇن يېزىسى نامراتلارنى يۆلەش، چارۋا باقمىچىلىقى بويىچە تەربىيەلەش تۈرىنى يولغا قويغاندا، شې گاۋشياڭ ئىشخانا بۇيۇملىرىنى سېتىۋېلىش، ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش خىراجىتى نامى بىلەن 30 مىڭ يۈەن تەربىيىلەش ياردەم پۇلى مەبلىغىنى ئېلىۋېلىپ شەخسىي چىقىمىغا ئىشلەتكەن. بۇنىڭدىن باشقا، شې گاۋشياڭدا يەنە باشقا ئىنتىزامغا خىلاپ مەسىلىلەر ساقلانغان. 2017- يىلى 11- ئايدا، شې گاۋشياڭغا پارتىيەدە قالدۇرۇپ ئىككى يىل كۈزىتىش، مەمۇرىي ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش جازاسى بېرىلدى.
ئالتاي شەھىرى خاندىغات يېزىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى ئارشىن نەبىيوللانىڭ نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى قائىدىگە خىلاپ ھالدا ئىشلىتىش مەسىلىسى. 2015- يىلى 10- ئايدا، ئارشىن نەبىيوللا نامراتلارنى يۆلەش قويى سېتىۋېلىشقا مەسئۇل بولغان مەزگىلدە، 14 مىڭ يۈەن قوي سېتىۋېلىش پۇلىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالغان. ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن 90 مىڭ يۈەن نامراتلارنى يۆلەش پۇلىنى ئاكىسىنىڭ تىجارەت قىلىشىغا بېرىپ تۇرۇپ ئۇنىڭدىن پايدا ئالغان. 2017- يىلى 10- ئايدا، ئارشىن نەبىيوللاغا پارتىيەدە قالدۇرۇپ بىر يىل كۈزىتىش جازاسى بېرىلدى ھەمدە ۋەزىپە دەرىجىسى بۆلۈم خادىمى دەرىجىسىگە تۆۋەنلىتىلدى.
نىلقا ناھىيەسىنىڭ قاراتۆپە يېزىسى سايبويى كەنتىنىڭ ھىسابات يوللىغۇچىسى قوشۇمچە نامراتلارنى يۆلەش ياردەمچىسى ئېرتاي ئوراقباينىڭ نامراتلارنى يۆلەش كالىسىنى باشقىلارنىڭ نامىدا ئېلىۋېلىش مەسىلىسى. 2014- يىلى قاراتۆپە يېزىسى سايبويى كەنتى نوپۇسى بىر قەدەر ئاز مىللەتلەر تەرەققىيات مەبلىغى تۈرىنى يولغا قويغاندا، ئېرتاي ئوراقباي شۇ كەنتتىكى نامرات ئاھالە يې فامىلىلىكنىڭ نامىدا نامراتلارنى يۆلەش كالىسىدىن بىرنى ئالغان ھەمدە قولدىن- قولغا ئۆتكۈزۈپ ساتقان. ئېرتاي ئوراقباي تەكشۈرۈلگەن مەزگىلدە، ساختا ئەھۋال بىلەن تەمىنلەپ، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغان پاكىتنى يوشۇرۇپ، تەشكىلنىڭ تەكشۈرۈشىگە قارشىلىق كۆرسەتكەن. 2017- يىلى 12- ئايدا، ئېرتاي ئوراقبايغا پارتىيەدە قالدۇرۇپ بىر يىل كۈزىتىش جازاسى بېرىلدى.
ئاراتۈرۈك ناھىيەسى تۇخۇلۇ يېزىسى بەچىر كەنتى كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى تۇرغۇن تاھىرنىڭ يايلاق ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ياردەم پۇلىدىن تەكرار بەھرىمەن بولۇش مەسىلىسى. 2011- يىلى 9- ئايدا، تۇرغۇن تاھىر ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، تۇزكۈل بازىرىدا يايلاق ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولغان ئايالىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا، بەچىر كەنتىنىڭ يايلاق ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ياردەم پۇلىنى ئالىدىغانلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ، ئايالىنى تەخمىنەن 10 مىڭ يۈەن يايلاق ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ياردەم پۇلىدىن تەكرار بەھرىمەن قىلغان. 2017- يىلى 12- ئايدا، تۇرغۇن تاھىرغا پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى.
چىرا ناھىيەلىك سىياسى كېڭەش مەخسۇس كومىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى مەمەتئەيسا مەتشىرىپنىڭ قائىدىگە خىلاپ ھالدا نامراتلارنى يۆلەش قويىدىن بەھرىمەن بولۇش مەسىلىسى.  2014- يىلى 11- ئايدا، مەمەتئەيسا مەتشىرىپ ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، خەۋەردار قىلىپ قويۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق شەرتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئايالىنى نامرات ئاھالىلەر قاتارىغا كىرگۈزگەن ھەمدە 2015- يىلى 8- ئايدا، قائىدىگە خىلاپ ھالدا نامراتلارنى يۆلەش قويىدىن بەشنى ئالغان. 2017- يىلى 12- ئايدا، مەمەتئەيسا مەتشىرىپكە پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى.
كېرىيە ناھىيەسى سىيەك يېزىسى چارۋاغ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ سابىق شۇجىسى، قوشۇمچە كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىرى قادىر سەيدىنىڭ ئۇرۇق- تۇغقان، دوست- بۇرادەرلىرىگە ئېتىبار بېرىش مەسىلىسى. 2014- يىلىدىن 2017- يىلىغىچە، قادىر سەيدى ۋەزىپىسىدىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ، سىياسەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان 11 ئۆيلۈك تۇغقىنى ۋە دوست- بۇرادىرىنى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، قارشى تەرەپنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا 75 مىڭ 200 يۈەن تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمان بولىشىغا ياردەم بەرگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، قادىر سەيدىدە يەنە باشقا ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىلىرى ساقلانغان. 2017- يىلى 12- ئايدا، قادىر سەيدىگە پارتىيىدىن قوغلاپ چىقىرىش جازاسى بېرىلدى.
باي ناھىيەسىنىڭ قېيىر يېزىسى قازانچى كەنتى كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى تۇرغۇن قاسىمنىڭ ئۇرۇق- تۇغقان، دوست- بۇرادەرلىرىگە ئېتىبار بېرىش مەسىلىسى. 2013 - يىلى تۇرغۇن قاسىم ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، ئۆزى بىلەن مۇناسىۋىتى يېقىن بولغان مۇXX ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئا  XX، كېلىنى رې XX نىڭ تۆت يۈرۈش ئۆيىنى ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيى سۈپىتىدە يۇقىرىغا مەلۇم قىلىپ، قارشى تەرەپنىڭ 58 مىڭ 100 يۈەن خەلقنى بېيىتىپ ئەمىن تاپقۇزۇش ئۆي قۇرۇلۇش ياردەم مەبلىغىدىن تەكرار بەھرىمەن بولۇشىغا ياردەم بەرگەن. 2017- يىلى 10- ئايدا، تۇرغۇن قاسىمغا پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە بارلىق پارتىيەلىك كادىرلار، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلاردىن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى توغرىسىدىكى تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، سىياسىي مەيدانىنى مۇستەھكەملەپ، سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، كۈچلۈك سىياسىي ئىرادە، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادە، قاتتىق، ئىنچىكە خىزمەت ئىستىلى بىلەن، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى تەرتىپلىك، چوڭقۇر، قانات يايدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى؛ ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرىدىن، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ يېڭى ئورۇنلاشتۇرمىسى، يېڭى تەلىپى بويىچە نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى ئىنتىزام ئىجراسىنى نازارەت قىلىش، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش خىزمىتىنى بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، قەتئىي يول قويماسلىق، چەكلەنگەن رايون بولماسلىق، تولۇق قاپلاشتا چىڭ تۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىغە قول سالغان «قارا قوللار» نى جەزمەن قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش، قىلچە كەڭچىلىك قىلماسلىق، قاتتىق جازالاش؛ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلمىغان، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش ھەمدە «بىر دېلونى قوش تەكشۈرۈش»نى يولغا قويۇپ، ئاپتونوم رايون بويىچە ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدا غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشنى كۈچلۈك ئىستىل ۋە ئىنتىزام كاپالىتى بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلدى.

تەرجىمان: ئامىنە نۇرئەخمەت

كۆرۈپ قويۇڭ
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى